سېغىندىم
كەۋسەر
ئەي گۈزەلىم كۆزلىرىڭنى سېغىندىم ، تاتلىققىنا سۆزلىرىڭنى سېغىندىم . تەشنا دىللارغا ئارامى جىلۋىگەر ، ئاق ئالمىدەك يۈزلىرىڭنى سېغىندىم .
كۈندىن –كۈنگە قىينىماقتا ھىجرانىڭ ، غەمكىن ھالىم بېسىپ باشنى سەۋدايىڭ . چۈشلىرىمدە ئاڭلانمايدۇ نىدايىڭ ، ئاتەش كەبى شۇ مېھرىڭنى سېغىندىم .
تەنھالىقىم ئازابىمنىڭ ھەمراھى ، سۈكۈتتىكى خىياللىرىم پەرۋازى . سەن مەن ئۈچۈن چولپان يۇلتۇز گوياكى ، ئىپار پۇراق خۇش ھىدىڭنى سېغىندىم .
جۇت شىۋىرغان ئەزمەك بولدى تېنىمنى ، ۋىسال دەردى خورىتىدۇ جېنىمنى . توختىتالماي قالدىم بەزەن يېشىمنى ، بىللە يۈرگەن كۈنلىرىمنى سېغىندىم . [flash=480,410,1]http://www.tudou.com/v/d-0Lkuuhu2g/v.swf[/flash] |