پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 7

چىرىكلەشكۈڭىز بولسا،تىز يېتىشتۈرۈش كۇرىسىمىزغا كىلىڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
75
قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 23:21:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىرىكلەشكۈڭىز بولسا،تىز يېتىشتۈرۈش كۇرىسىمىزغا كىلىڭ


دەۋىرنىڭ ئىھتىياجى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە  ئاساسەن،يىڭىدىن ئىچىلغان چىرىكلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىمىز چىرىكلىشىش ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش،چىرىكلەشكۈچىلەر قۇشۇنىنى  زورايتىش،چىرىكلەشكۈچىلەرنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن،چىرىكلەشكۈچىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىز يىتىشتۈرۈش كۇرۇسى ئاچماقچى.كۇرىسىمىز چىرىكلىشىش ئارزۇسى بار،ئەمما ئارزۇسىنى تىخى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان دوستلارنى تۇنجى قەدەمنى خاتا بىسىپ،مەڭگۈ پۇشايمانغا قالماسلىق،ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىپ،چىرىكلىشىشنىڭ ھەر قانداق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك جەھەتلەردە تەربىيلىسە:ئاللا قاچان چىرىكلىشىپ بولغانلارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ،دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق چىرىكلەردىن بۇلۇپ چىقىشقا ياردەم بىرىدۇ.كۇرىسىمىز چىرىكلىشىشنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالى،چىرىكلىشىشتە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ،داڭىق چىقارغانلارنىڭ تەجىربىللىرى،قانداق قىلغاندا تىز چىرىكلەشكىلى بۇلىدۇ؟دىگەندەك بىر قاتار مۇپەسسەل بىلىملەر سۆزلىنىپلا قالماستىن،تەخسىكەشلىك،خۇشامەتچىلىك،ئىككى يۈزلىمىچىلىك،ئالدامچىلىق،ساختىپەزلىك ماھارىتى نەزەرىيىلىرى چىرىكلىشش جەريانىدا ئاشنىسىدىن،،ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن،ئۆزىگە شىرىك بولغۇچىلاردىن ھەزەر ئەيلەش ئەمىلىيىتگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدۇ.
تەجىربىلىك ئۇقۇتقۇچىلار يەنى باشقىلارنى ئورىغا ئىتتىرىش،پۇل ۋە سەتەڭلەر ھىلىسىنى ئىشلىتىش،قاقتى-سوقتى قىلغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئىزىنى يۇقىتىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەيدۇ.
تىزىملىتىش شەرتلىرى:تىزىملاتقۇچىلاردا قەتئىي ئىرادە،تۈرمىدىن ھەتتا ئۈلۈمدىن قۇرۇقمايدىغان جاسارەت بۇلىشى كىرەك،قورقۇنچاق تۇخۇ يۈرەكلەر،تەۋەككۇلچىلىق ۋە قاراملىق روھى يوقلار ،راھەتنى خالىمايدىغانلار، ،ھازىرچە ھۇقۇقى يوق ياكى پۇلى يوقلار باشقىلارغا ياكى ئۆزىگە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان ئورۇندا ئىشلەۋاتقانلار قەتئىي قۇبۇل قىلىنمايدۇ.چىرىكلىشىشتە ھەقىقەتەن تۇغما،يۇشۇرۇن ئالاھىدىلىكى بارلارنى ئالدىن ئويلىشىمىز.چىرىكلىششكە ئىرادە باغلىغان دوستلار،دەرھال ھەركەتكە كىلىڭلار،بۈگۈن ئۈچۈن يانچۇقۇڭلارنى ئانچە-مۇنچە كولاپ قويساڭلار،ئەتە چۇقۇم ھەسسىلەپ پايدىغا ئىرىشىسىلەر!
ۋاقىت پۇل دىمەكتۇر،ۋاقىت راھەت-پاراغەت دىمەكتۇر،ۋاقىت ئەمەل-مەنسەپ دىمەكتۇر،بازار چاققاننىڭ،مىس-مىس سودىگەرلەردىن چاققان قەلەندەرلەر ياخشى.راستىنى ئيتقاندا،ئىلگىرى چىرىكلەشكىنىنى چاندۇرۇپ قۇيۇپ،قاراڭغۇ تۈرمىدە ياتقان،ھەتتا ئىتىلىپ كەتكەن قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن  بۇ كۇرىسىمىز بالدۇرراق ئىچىلغان بولسا،بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىچىنىشلىق بولمايتى،ئەلۋەتتە!
كۇرىسىمىزغا قاراڭغۇدا ئارقا كۇچا بىلەن كىلىپ،ئايرىم تىزىملاتقانلارغا باھادا50%،كوللىكتىپ تىزىملاتقانلارغا70%ئىتبار قىلىنىدۇ.
مەنزىل:باياۋان بىكىتىدىن يولغا چىقىپ،جەھەننەم مەھەلىسىدىكى تۈرمە بىناسى ئالدىدا چۈشۈپ ئالدىڭلارغا 50مىتىر،كەينىڭلارغا 500مىتىر ماڭساڭلار يىتىپ بارىسىلەر.

مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق  گىزىتى
2012-يىلى1-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئەسقەرجان ئەنىۋەر ئەلسۈيەر تەييارلىغان
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1740 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
770 سەر
شۆھرەت
801 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 23:38:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر داۋانلارنى ئاشقان تەجىربىلىك ،پىشقان ئەمەلدارلار دىققەت قىلمىسا «شىكەر يالىتىلغان »زەمبىرەك ئۇقىغا  يەم بۇلىدىغان گەپ. مۇشۇ يەم بۇلۇشلاردىن قورۇقمىغان «ئىلغار كۇرسانتلار» بۇ كۇرۇسقا قاتناشسا بولغىدەك.
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 02:47:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر داۋانلارنى ئاشقان تەجىربىلىك ،پىشقان ئەمەلدارلار دىققەت قىلمىسا «شىكەر يالىتىلغان »زەمبىرەك ئۇقىغا  يەم بۇلىدىغان گەپ. مۇشۇ يەم بۇلۇشلاردىن قورۇقمىغان «ئىلغار كۇرسانتلار» بۇ كۇرۇسقا قاتناشسا بولغىدەك

تامامەن توغرا دەيدۇ.
رەخمەت سىزگە.
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 22:30:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىلاننى بايقاش تورىغا قويۇپ خاتا قىلدىڭىزمۇ بۇرادەر، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئۆزىنىڭ نىسىۋىسىنىمۇ ئاران ئىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار تۇرسا، چوڭ ئەمەلدارلار كۆپ چىقىدىغان تورغا قويغان بولسىڭىز بىر ئايدىلا مىليونىر بولاتتىڭىزكەن ئەمەسمۇ؟...(چاقچاق)

ياخشى تىما يوللاپسىز، بۇرادەر،  ماڭا بەك ياقتى بۇ تىمىڭىز. رەھمەت سىزگە، كۆچۇرۇپ ساقلىۋالدىم،
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 09:42:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىقلار كۆرسە بولغۇدەك جۇما بۇنى ~!ياخشى تېما ئېكەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1740 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
770 سەر
شۆھرەت
801 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 10:11:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ يەردە پارىخور ئەمەلدارنىڭ تەقدىرى:
http://news.sina.com.cn/c/2012-05-04/012724364358.shtml
كۆرۈپ بىقىڭلار

ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 11:27:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
asrar يوللىغان ۋاقتى  2012-7-16 10:11
مانا بۇ يەردە پارىخور ئەمەلدارنىڭ تەقدىرى:
http://news.sina.com. ...

بۇ دەل مۇشۇ كۇرۇسنى ئەلا ئوقۇپ تاماملىغان ئوقۇغۇچى ئوخشىمامدۇ!!!!!
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1740 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
770 سەر
شۆھرەت
801 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 12:35:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا دىدىڭىز .
بۇ كۇرساتنت دەل« ئەليۇلئەلا »بولغان كۇرسانت .
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 11:20, Processed in 0.130970 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش