پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 3

تاماقتىن كېيىن قانداق ئىشلار نى قىلىش كېرەك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
97
قىزغىنلىق
593 سەر
تىللا
122 دانە
تۆھپە
360 سەر
شۆھرەت
449 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 17:36:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. مۇزىكا بىر سەنئەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سالامەتلىكنى ئاسىراشقا پايدىلىق، ھەتتا بىر قىسىم كېسەللەرنى داۋالىيالايدۇ.

  يېقىملىق، تېز رېتىملىق مۇزىكىلار مەركىزى نېرۋا سىستېمىلىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا، تاماقتىن كېيىن يېنىك تېز رېتىملىق مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلىنىش ئىنتايىن پايدىلىق.

  2. تاماقتىن كېيىن قورساقنى يەڭگىل ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا مەركىزى نېرۋە سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ تەڭشىلىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق ھەمدە سالامەتلىكىنى ئاسىراپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

  3.تاماقتىن كېيىن ئاستا قەدەملەر مېڭىپ بېرىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان-ئۈچەي ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ۋە ۋە يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. ئەمما تاماقتىن كېيىن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ.

  4.تاماقتىن كېيىن ئېغىزنى چايقاش، ئېغىز بوشلۇقى نەملىكىنى ساقلاش ۋە چىشنى پاكىزلاش، تىلدىكى تەم سەزگۈسىنى كۈچەيتىپ، ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋالاشقا پايدىلىق.
  ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى ياخشى ئاسىراش، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىغا پايدىلىق شۇنداقلا ھەزىم قىلىش ۋە يېمەكلىكىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.
زامانىۋى پەن - تېخنىكا تاماق يەپ بولۇپلا دەرھال چىش چوتكىلاشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا چىشنىڭ سىرتىدىكى بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. چىش دوختۇرلىرى، تاماقتىن كېيىن بىر ئىستاكان سۈر ئىچىش ياكى ئېغىزنى چايقىۋېتىشنىڭ چىش ئاسىراش رولى بار دەپ تەۋسىيە قىلغان.

  5. قورۇما كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر راك كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى بىر قەدەر كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بانان راك كېسىلى پەيدا بولۇشنى كونترول قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەينى قوغدىيالايدىكەن.
ئەگەر بىر ۋاخ تاماقتا مايلىق تەركىب كۆپرەك بولسا، شىكەر مىقدارى تۆۋەن، سېللوزا مىقدارى يۇقىرى بولغان كەرەپشە سۈيى ئىچىۋەتسە ئىنتايىن پايدىلىق، كەرەپشە تەركىبىدىكى سېللوزا مىقدارى بىر قىسىم مايلارنى تازىلىيالايدۇ.
  
  يەل قازان شورپىسىنىڭ تېمپۇراتۇرىسى يۇقىرى، تەڭشەلگەن ماتېرىياللىرى تۇزلۇق ئاچچىق بولغانلىقتىن ئاشقازان-ئۈچەيگە بولغان غىدىقلىشىمۇ بىر قەدەر چوڭ. يەل قازان شورپىسى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قېتىق ئىچىۋەتسە، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ يېپىشقاق پەردىسىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قېتىق تەركىبىدە نىزىن بولغانلىقتىن، چىرىتكۈچى باكتىرىيلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزگىنلىيەلەيدۇ.

   تەييار چۆپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئالما، بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق مېۋىلەرنى يەۋەتكەندە، ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

   6. نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، بولۇپمۇ سىرتتا تاماق يېگەندە، ئاشقازانغا كىرگەن ماي تەركىبى كۆپ بولۇپ، كۆپ چاي ئىچكەندە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. ئەمما چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى ۋە تىئوفېللىن تەركىبلىرى بولغانلىقتىن، تاننىك كىسلاتاسى ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تاننىك كىسلاتاسى يەنە گۆش، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىل بىلەن بېرىكىپ، ئويۇشۇشنى پەيدا قىلىپ، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، تاماقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇ ياكى سۇس دەملەنگەن چاي ئىچىش كېرەك، تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئارىلىقتا ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق.

  تاماقتىن كېينلا دەرھال يۇيۇنماسلىق كېرەك، ئەگەر سۇ تېمپۇراتۇرىسى زىيادە تۆۋەن بولسا، قان سۇيۇقلۇقى ئايلىنىشنىڭ قايتا تەقسىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدپ، سىرتقى قان سۇيۇقلۇقى تەن ئىچىگە كىرىپ ئىچكى ئەزالارنى غىدىقلاپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان تارتىشىپ قېلىش ۋە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدىۇ؛ سۇ تېمپۇراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە تۈكچە قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، يۈرەك-مىڭىگە بارىدىغان قان مىقدارى ئازلاپ، ئوڭايلا ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، تاماقتىن كېيىن بىر سائەت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن كېيىن يۇيۇنۇش ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇنغاندا چارچاشنى تۈگىتىپ، ياخشى ئۇخلاشقا پايدىلىق.

  تاماقتىن كېيىن ئۇخلاش. تاماقتىن كېيىن ئاشقازاندا لىق تاماق بار بولغاچقا ھەزىم قىلىش سىستېمىسى خىزمەت قىلىۋاتقان بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇخلىغاندا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى ئاجىزلاپ، ئوڭايلا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاماقتىن كېيىن ئۇخلىغاندا ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كۆپ مىقداردا قاننى ئىگەللىۋالغانلىقتىن، بىر قىسىم ياشانغانلار ياكى يۈرەك-مىڭە كېسەللىكلىرى بىمارلىرىدا ئوڭايلا مىڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ بۇنىڭ بىلەن ئوڭايلا شامالدارىپ قېلىشى مۇمكىن. ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى 2 سائەتتىن 3 سائەتكىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇخلىسا مۇۋاپىق. ئەگەر چۈشتە ئۇخلىماقچى بولسا، تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇخلىسا ياخشى.

ساغلاملىق يېتەكچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 20:50:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىم ئېكەن  كۆپ رەھمەت سىزگە !
ئەمەلىي ئىشلارغا بىرگە يېتەكچلىك قىلغىنىڭىزغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1730 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
770 سەر
شۆھرەت
801 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 21:11:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقتىن كىيىن مۇزىكا ئاڭلاش، ئاستا قەەملەر بىلەن مىڭىش ...كۆپىنچىمىز بۇ ساۋاتلارنى بىلىمىز ،ئەمما دىققەت قىلالمايمىز...تاماقنى يەپ بۇلۇپلا چارچاپ كەتتۇق دەپ كۆپىنچى ھاللاردا يىتىۋالغىلى ئارانلا تۇرىمىز...مۇشۇ خىل ئادەت داۋاملىشىۋەرسە كىسەلگە بوپتىلا بۇلىمىز...تىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت .
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 08:42:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ياققۇدەك ياخشى تىما يوللاپسىز . مەن راستىنلا تاماقتىن كىيىن دىگۈدەك مۇزىيكا ئاڭلاپ ھاردۇقىمنى چىقىرمەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 10:38, Processed in 0.136404 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش