پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 266|ئىنكاس: 10

توخۇ سېتىش(يۇمۇر )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
75
قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 22:03:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توخۇ  سېتىش




      بىر كۈنى ئانىسى 16-17 ياشلارغا كىرگەن بالىسىغا ئۆيدىكى خورازنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىپ كېلىشىنى بۇيرۇپتۇ  ۋە 30يۈەندىن كەم ساتماسلىقنى تاپىلاپ يولغا ساپتۇ؛ بۇ بالا يولدا ماڭغاچ كۆپرەك پۇلغا سېتىپ ئاشقىنىنى خەجلەشنى ئويلاپ بازارغا كىرىپتۇ. بىر ئادەم كېلىپ:
      - خوراز  قانچە پۇل ؟
      - 60 كوي.
      - 30 كويغا بىرەمسەن؟
      - ياق كەم بولا - دەپ بەرمەپتۇ.
      شۇنىڭ بىلەن بىر ئايال كېلىپ خورازنى 50 يۈەنگە ئۆيىگە ئاپىرىپ سويۇپ بېرىشكە  كېلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا  ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، توخۇنى ئەمدى بوغۇزلاي دەپ تۇرۇشىغا، ئىشىكنى بىرسى چېكىپتۇ، ئايال جىددىيلىشىپ ئۇ بالىغا:
      -يولدىشىم خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن، سىزنى مۈكتۈرۈپ تۇراي - دەپلا  بالىنى توخۇ بىلەن قوشۇپلا  ئىشكاپقا سولاپ قويۇپ، بېرىپ ئىشىكنى ئاچسا بۇ ئايالنىڭ مەخپىي يولدىشى ئىكەن، بۇ ئايال چاندۇرماي  ئۆيگە باشلاپ، چاي قۇيۇپ بېرىپ بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، توخۇنىڭ گېپىنى دەي دەپ تۇرۇشىغا  يەنە ئىشىك چېكىلىپتۇ، ئايال دەرھاللا  ئۇنىمۇ  ھېلىقى ئىشكاپقا سولىۋېتىپ، ئىشىكنى ئاچسا بۇ قىتىم ئېرى راستىنلا كېلىپ قالىدىكەن، ئايال ئامالسىز قېلىپ تاماق ئېتىپ يەپ، ئېرى بىلەن ئەندىشە ئىچىدە  بىرگە يېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشكاپتىكىلەر  چىقالماي ئىشكاپتا تۈنەيدىكەن، يېرىم كېچە بولغاندا بالىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ھېلىقى ئادەمگە:
      - ئاكا توخۇ ئالامسىز؟ - دەپتۇ. بۇ ئادەم بۇ گەپتىن تېرىكىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ:
      - كېچىدە ئاز گەپ قىل شۇمتەك - دېسە، بالا:
      - ئالمىسىڭىز  ۋاقىرايمەن، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ:
      - قانچىگە ساتىسەن؟
      - 100كوي - دەپتۇ.  
      - 30 كويغا ئالاي.
      - 100 كويغا ئالمىسڭىز ۋارقىرايمەن - دەپتۇ، بۇ ئادەم ئامالسىز توخۇنى ئاپتۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن بالا:
      - ئاكا توخۇنى 20 كويغا ماڭا سېتىپ بېرىڭ - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
      - مېنى ساراڭ كۆرمە ھېلى بېكار بوغۇۋېتىمەن - دېسە، بالا:
      - ئەگەر ساتماي بوغىمەن دېسىڭىز  ئىشكاپنى تېپىپ  ۋارقىرايمەن، - دەپتۇ. ئۇ ئادەم ئامالسىز  توخۇنى بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ بالا كېچىچە توخۇ ئېلىپ - سېتىپ 500 يۈەن تېپىپتۇ.      ئەتىسى ئەتىگەندە ھېلىقى ئايال مەخپىي ئېرىنى ئاۋۋال چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن بالىغا توخۇسىنى ئالمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ.
      شۇنداق قىلىپ بۇ بالا خۇشال ھالدا قايتىپ، ئۆيگە كىرسە ئانىسى ئاچچىقلاپ ئاخشام نېمىشقا ئۆيگە كەلمىگەنلىكىنى سوراپ بولغۇچە، دادىسى كېلىپلا بالىنىڭ قولىدىن تارتىپلا سىرتقا ئېلىپ چىقىپ:
      - يانچۇقىڭدىكى 500 كوينى چىقىرە  شۇمتەك - دېگۈدەك..........


ئايپاتەم مۇشۇ يەردەئىشلەمدا؟



    گېنىرال دائىم ئۆيدىن تاماق يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئىكەن، بىراق ئايالى ئايپاتەم گاڭپەن،شويلا،پولو،شۆۋىگۆرۈچتىن باشقا تاماقلارنى ئېتەلمەيدىكەن،بۇ تاماقلارنى يەۋېرىپ زېرىككەن گېنىرال باشقا خىلدىكى تائاملاردىن يىمەكچى بولۇپ بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يىمەكچى بولۇپ مۇلازىمەتچىگە تاماق بۇيرۇتۇپتۇ،مۇلازىم بىردەمدىن كېيىن ئوخشىغان شويلا ئېلىپ چىقىپتۇ ،بۇنى كۆرگەن گېنىرال تۇرۇپ كېتىپ مۇلازىمغا:
-ئايپاتەم مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتامدۇ؟،-دېگۈدەك.
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 22:54:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدا ھېلىقى ئايالنىڭ مەخپى ئېرى بالىنىڭ دادىسى ئوخشىمامدۇ؟؟توۋۋا ......
بەك قىزىقكەن ..........رەھمەت !!!!
ئەسلى يۇمۇرچى بۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ ؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-13 22:57  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 23:29:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت يۇمۇر ئېكەن جۇما !دادىسى تۇنىغان يەردە بالىسى نېمىشقا تۇنىمغاندۇ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 00:18:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەھشىي يۇمۇركەن.ئاللا ...........قانداق بوپ كەتتى بۇۇۇۇ....
رەخمەت سىزگە،كەيپىياتىم خىلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 00:30:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي قانداق يومۇر بولۇپ كەتتى بىرىنچىسى، ئالامەت قىزىق بولاپتۇ دىسە،كۇلۇ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى......
مىڭ بىركىچە ھىكايىلىرىنى ئوقۇغاندەك تەسراتقا كەپقالدىم. ئالامەت ياخشى يومۇركەن، رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 2

قىزغىنلىق
88 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
51 سەر
شۆھرەت
51 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 10:58:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەندىلا كۈلۈۋاپتىمەن دىىسە،

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
246 سەر
تىللا
173 دانە
تۆھپە
129 سەر
شۆھرەت
126 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 13:15:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلمەي تۇرالمىدىم.ھا ھاھھاھاھا....

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
170 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
111 سەر
شۆھرەت
92 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 20:18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۈلكىلىك يۇمۇرلار كەن ، ئەمما  كىشىنى ئويلاندۇرۇپ قويغىدەك!!!!!!!!!!!!

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
123 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
79 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 23:50:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 20:01:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىق يۇمۇركەن .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:30, Processed in 0.159504 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش