پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 207|ئىنكاس: 8

«سۇغۇق» يۇمۇرلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
75
قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
556 دانە
تۆھپە
460 سەر
شۆھرەت
369 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 21:58:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مايمۇن ۋە  ئىشتات




      بىر ياش يولۋاس بىلەن بىر قېرى يولۋاس ياخشى دوستلاردىن ئىكەن. ياش يولۋاس ئورمانلىقتا، قېرى يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىدا ياشايدىكەن.
      ئورمانلىقتا ئوۋ ئوۋلاپ زىرىككەن ياش يولۋاس قېرى يولۋاسقا ئۆزىنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئەكىرىۋېلىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ. قېرى يولۋاس مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ ياش يولۋاسنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئەكىرىۋاپتۇ. بىرىنجى كۈنى تاماق ۋاقتىدا قېرى يولۋاسقا بىر پارچە چوڭ گۆش، ياش يولۋاسقا بىر سىۋەت بانان بېرىپتۇ. كېيىنكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ... چى كۈنلىرىمۇ شۇنداق بوپتۇ. 8 - كۈنىگە كەلگەندە ياش يولۋاس قېرى يولۋاستىن سەۋەبىنى سوراپتۇ.
      قېرى يولۋاس دەپتۇ:
      ـ ئەسلى بۇ باغچىدا يولۋاسنىڭ ئىشتاتى يوق ئىدى، سېنىڭ كەلگەن ئىشتاتىڭ بولسا مايمۇننىڭ ئىشتاتى.


ھۆسىن تۈزەش




      ئىككى پىنگۋىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىپ، بىر پەرزەنتلىك بوپتۇ. تۇغۇلغان پىنگۋىن ئىنتايىن سەت،  كۆرۈمسىز بولۇپ، ھېچقايسىسىغا ئوخشىماپتۇ. ئەر پىنگۋىن غەزەپلىنىپ ئايالىنىڭ گېلىنى سىقىپ تۇرۇپ  سوراپتۇ:
      - ئېيتە، بۇ زادى كىمىنىڭ بالىسى؟ بۇ زادى قانداق ئىش؟
      ئايال پىنگۋىن يىغلاپ تۇرۇپ:
      - ئۇ ماڭا ئوخشاپتۇ،مەن سىز بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ ئالدىدا ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلغان، - دەپتۇ.


كۈلۈپ سالدىم




      ئۈچ ئادەم پاراخوتقا چىقىپ دېڭىزغا سەپەر قىلىپتۇ، دېڭىزدا تەيفىڭ بورىنى چىقىپ، پاراخوت پاچاقلىنىپ كېتىپتۇ، ئۈچ ئادەم ئۈچ تال شالغا چىقىۋېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بىر ئارالغا چىقىپ قاپتۇ، ئارالغا چىقىپ قالسا نۇرغۇن بۆرە تۇرغۇدەك، ئۇ بۆرىنىڭ كەينىدە تەختتە بىر پادىشاھ ئولتۇرغۇدەك، بۇ ئۈچ ئادەم پادىشاھنىڭ قىشىغا بېرىپ: «بىزگە ھاياتلىق يولى بەرسىڭىز» دەپ ئۆتۈنۈپتۇ، پادىشاھ: «مېنىڭ كەينىمدە بىر باغ بار، باغقا كىرىپ ھەر بىرىڭلار ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان مېۋىدىن 10 تالدىن ئەپ چىقىڭلار» دەپتۇ، بىرىنچى ئادەم پىشقان 10 تال ئالما ئېلىپ چىقىپتۇ، پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئۇ 10 تال ئالمىنى ئۈنچىقارماي يەيسەن، ئاندىن سېنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىمەن» دەپتۇ، بۇ ئادەم 9 نى يەپ بولۇپ 10 - سىنى يەۋاتقاندا كارتتىدە كېكىرىۋېتىپتۇ، پادىشاھ بۇ ئادەمنى شۇ زامان بۆرىگە تالىتىۋېتىپتۇ، ئىككىنچىسى 10 تال بۆلجۈرگەن ئېلىپ چىقىپتۇ، ئۇ ئادەم بۆلجۈرگەننىڭ 9 - چىسىنى يەۋاتقاندا ھى دەپ كۈلۈپ ساپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەمنىمۇ بۆرىگە تالىتىۋېپتۇ.
      ئۇ دۇنيادا بۇ ئىككىسى ئۇچرىشىپ قاپتۇ، ھېلىقى بىرىنچى ئادەم ئىككىنچىسىدىن سوراپتۇ: «مەنغۇ 10ئالمىنى يەپ بولۇپ ئۆلدۈم، سەن 10 تال بۆلجۈرگەننىمۇ يەپ بولالمىدىڭمۇ» دەپتۇ، ھېلىقى ئىككىنچى ئادەم: «مەن شۇنداق 9 - تالنى يەۋېتىپ قارىسام ھېلىقى ئۈچىنچى ئادەم 10 تال تاۋۇزنى بىر ھارۋىغا بېسىپ كېلىۋىتىپتىكەن، شۇڭا كۈلۈپ سالدىم» دەپتۇ.


باش ۋە بويۇن




      دىرېكتور: شىركەتتە مەن باش.
      دوستى: بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئۆيدىچۇ؟
      دىرېكتور: يەنىلا مەن باش.
      دوستى: ئەمسە خوتۇنۇڭچۇ؟
      دىرېكتور: بويۇن.
      دوستى: بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
      دىرېكتور: باش ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن بويۇنغا قاراشلىق ئەمەسمۇ؟


شاھمات ئويناش




      بىر كۈنى ھېچ ئىش قىلماي ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرغان ئېرىدىن ئەنسىرىگەن ئايال سورايدىكەندە:
      - ۋاي، ئاۋۇ يان قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ شاھمات ئوينىسىڭىز بولمامدۇ؟
      ئېرى:
      - ھەي، سەندىن سوراي، سەن شاھمات ئوينىسا چىدىماسلىق قىلىدىغان، ھە دېسىلا قايتا مېڭىشنى ئۆتۈنىدىغان، يەنە كېلىپ يېڭىلىپ قالسا قارشى تەرەپنى ھاقارەتلەيدىغان كىشى بىلەن شاھمات ئويناشنى خالامسەن؟
      ئايال:
      - ياق، ھەرگىز خالىمايمەن.
      ئېرى:
      - ھە، ئۇ يان قوشنىمىزمۇ خالىمايدىكەن.


ئوت كەتمىگەن بولسا




      بىر كۈنى كەچلىكى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبىرىغا ئوت كېتىپتۇ. دوختۇرخانا بارلىق خىزمەتچىلەر ۋە كېسەللەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە كىرىشىپتۇ. ھەممەيلەن جىددىي ئوت ئۈچۈرۈۋاتسا بىر كېسەل يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ ھەدەپ: «شۈكرى خۇدايىم، خۇداغا مىڭ شۈكرى» دېگۈدەك.
      بىر دوختۇر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ھەممەيلەن ئالدىراش ئوت ئۈچۈرۈۋاتسا سەن نېمىگە شۇنچە شۈكرى قىلىپ كەتتىڭ؟» دەپ سوراپتۇ.
      ھېلىقى كېسەل دوختۇرغا قاراپ: «ئەگەر ئوت كەتمىگەن بولسا قاراڭغۇدا ئوتنى قانداق ئۆچۈرەتتۇق؟» دېگۈدەك.
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3918 سەر
تىللا
510 دانە
تۆھپە
2355 سەر
شۆھرەت
2468 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 22:47:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن .بولۇپمۇ « باش ۋە بۇيۇن » دىگەن يۇمۇر بەكلا قىزىقارلىقكەن .......رەھمەت كۇلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-13 22:47  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 23:03:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۈلۈپ سالدىم دىگەن يۇمۇرنى ئۇقۇۋېتىپ راستلا كۈلۈپ سالدىم جۈمۈ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1730 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
770 سەر
شۆھرەت
801 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 23:14:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن سۇغۇق يۇمۇرلاركەن .ھەر بىر يۇمۇر ئارقىلىق جەمىيەتنىڭ مەلۇم تەرىپى ئەكىس ئىتىپتۇ. بىر كۇلىمىز ،ئەمما ئاچچىق كۈلىمىز ...
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 00:20:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرىدىن ئەپەندى بىلەن ھىسامكامنىڭ يومۇرلىرىنى يازماپسىزغۇ؟ بولمىسىغۇ ئىلمىي يومۇرلاركەن
قىزىقارلىق يومۇرلاركەن، كۇلىۋالدىم.رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 00:24:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن تاپىدىغانسىلە باللا
مۇنبەردە يۇمۇر يامان قىزىۋاتىدۇ.بىزگە كۈلكە ئىلىپ كەلگىنىڭىزگە رەخمەت
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2699 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1645 سەر
شۆھرەت
1786 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 01:06:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرلىرىڭىز كېشىنى كۈلدۇرۇپلا قالماي بەلكى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن .  ئۆزى سوغۇق بولسىمۇ ئەمما ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىكەن رەھمەت سىزگە .

Rank: 1

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
10 سەر
شۆھرەت
10 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 14:05:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىسى قاتىسكەنغۇ،سىز ئۆزگىچە ئىسىم قۇيۇپسىز ھە،لىكىن مەزمۇنى بەك قىزىقكەن.رەھمەت سىزگە.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1676 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 20:03:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق يۇمۇركەن .تاز كۈلۋاپتىمەن .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 10:31, Processed in 0.224835 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش