- تىزىملاتقان
- 2012-6-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-4
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 124
- نادىر
- 0
- تېما
- 3
- يازما
- 6

- يوقلىما
- 17
قىزغىنلىق- 39 سەر
تىللا- 0 دانە
تۆھپە- 19 سەر
شۆھرەت- 21 سەر
| شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب» (م م [2010] 511-نومۇرلۇق ھۆججەت)، مائارىپ مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ «2012-يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ئو [2012] 2-نومۇرلۇق ھۆججەت) ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تارماقلىرىغا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى يېزا-بازار (مەيدان) لاردا ئىشلەشكە ئەۋەتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (ش پ ت [2006] 36-نومۇرلۇق ھۆججەت)، «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تارماقلىرىغا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى يېزا-بازار (مەيدان) لاردا ئىشلەشكە ئەۋەتىش توغرىسىدىكى تولۇقلىما پىكىر» (ش پ ت [2008] 14-نومۇرلۇق ھۆججەت)، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش پىكرىنىڭ تارقىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش ھ ب [2010] 108-نورمۇرلۇق ھۆججەت) تىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ 2012-يىلى قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بىرىنچى، قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى «ئاشكارا، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنىسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى، قوبۇل قىلىش ئوبېيكتى ۋە شەرتى 1. قوبۇل قىلىش ئوبېيكتى شىنجاڭ نوپۇسىدا بولغان، شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى بۇ يىل (ئالدىنقى يىللىرى) پۈتكۈزگەنلەر (چوڭلار مائارىپى ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئادەتتىكى پىلان ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ ئىچكىرىدىن كېلىپ شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى بۇ يىل (ئالدىنقى يىللىرى) پۈتتۈرگەنلەر؛ ئىچكىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى بۇ يىل (ئالدىنقى يىللىرى) پۈتكۈزگەن ئىچكىرىلىك ئوقۇغۇچىلار (پەقەت ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغىلا تىزىملىتشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ)؛ شىنجاڭدىكى ئىستودېنت پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي رايون پىلانىغا قاتنىشىپ مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان (مۇلازىمەت قىلغان ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقان)،شۇنداقلا سىناشتا لاياقەتلىك بولغان پىدائىيلار؛ شىنجاڭدا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە يار-يۆلەك بولۇش» مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ پىراكتىكا ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش تارىخىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر؛ شىنجاڭغا قېلىپ قالغان جەڭچىلەرنىڭ جۆرىلىرى؛ ۋاقىتلىق ئىشتاتتىكى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەنلەر. تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ: 1) جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن جىنايى ئىشلار جازاسىغا تارتىلغان ھەمدە قانۇندا كەسپىي-تېخنىكا خىزمىتىگە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلەر. 2) يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى، مەمۇر، كەسپىي-تخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىدا كۆچۈرمىكەشلىك، ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلار. 3) ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-بازارلاردا ئىشلەشكە بىر تۇتاش ئەۋەتكەنلەر ئىچىدىكى مۇلازىمەت مۇددىتى توشمىغانلار. 4) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار (ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). 2، تىزىملىتىش شەرتلىرى 1) سىياسىي ساپاسى ياخشى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان بولۇش؛ 2) 30 ياشتىن كىچىك بولۇش (1982-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)؛ 3) خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بەدەن ساپاسى شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛ 4) ئىش ئورنىغا تىزىملىتىشكە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان بولۇش؛ 5) ئوقۇش تارىخى تەلىپى: (1) پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش (بۇ دېگەنلىك مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش تارىخى بارلار ۋە «3+2» تۈرىدىكى ئالىي پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلىك ئوقۇش تارىخى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ (2) چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا تۈرى مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ جاپالىق، چەت، يىراق يېزا-بازارلىرى ۋە بەشىنچى، ئالتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەردىكى ئىش ئورنىغا تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار كونكىرت تەلەپنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى جەدۋىلى» دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ؛ 6) قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلىپىگە مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشكەن ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلىپىگە مۇناسىپ HSK ياكى MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا HSK نىڭ 3-، 4-، 5- دەرىجىسىگە ياكى MHK نىڭ مۇناسىپ سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇشى شەرت. پۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجە B تۈردىن يۇقىرى گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن، خەنزۇ تىلى تۈرىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئىقتىدارى بارلار ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. «ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش» ئۈچۈن، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇش كېرەك: (1) قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوقۇش تارىخى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىش: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانلار مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بولۇشى، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانلار تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. (2) باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا HSK نىڭ 5-، 6-، 7- دەرىجىسىگە ياكى MHK نىڭ مۇناسىپ سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇشى شەرت؛ ئاز سانلىق مىللەت باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا HSK نىڭ 6-، 7-، 8- دەرىجىسىگە ياكى MHK نىڭ مۇناسىپ سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇشى شەرت (خەنزۇچە ئىمتىھان بېرىدىغانلار ۋە HSK ياكى MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسى يوق خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار پۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجە B تۈردىن يۇقىرى گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن بولۇشى، سالاھىيەتنى تەكشۈرگەندە مۇشۇ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك). (3) MHK ئۆلچىمى: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانلار 4-دەرىجە B تۈردىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇشى، مىللىي تىلدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىققا تىزىملاتقانلار 3-دەرىجە A تۈردىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇشى؛ تولۇقسىز ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانلار 3-دەرىجە A تۈردىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇشى، مىللىي تىلدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىققا تىزىملاتقانلار 3-دەرىجە B تۈردىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. ۋاقىتلىق ئىشتاتتىكى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەنلەر يۇقىرىقى 2)، 5)، 6) تۈرلەردىكى شەرتلەر چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۈچىنچى، قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ھالدا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئىمتىھان چۈشەندۈرمىسى، ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىنىڭ «ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى جەدۋىلى» شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ، تور ئادرېسى: http:∥www.xjedu.gov.cn http:∥www.xjrs.gov.cn قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئىشتاتى ناھىيەدىن يۇقىرى (ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە بېكىتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن يېزا-بازارلىق مەكتەپلەر (ئىش ئورنى بېكىتىلگەن يېزا مەكتەپلىرى) گە بېرىپ ئۈچ يىل ئىشلەيدۇ، ئۈچ يىل توشقان ھەمدە شۇ مەكتەپنىڭ باھالىشىدا ئۇدا ئۈچ يىل لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىشتاتى بېكىتىلگەن مەكتەپكە قايتىپ كەلسە بولىدۇ. ناھىيەدىن تۆۋەن ئورۇندىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتاتى ۋە ئىش ئورنى شۇ مەكتەپتە بولىدۇ. تۆتىنچى، قوبۇل قىلىش تەرتىپى 1، تىزىملىتىش ۋە بېكىتىش ئىمتىھان بېرىدىغانلار توردا تىزىملىنىدۇ ياكى نەق مەيداندا بېكىتىلىدۇ. ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى قوش تىللىق ئالاھىدە ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى»نى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملاتقان ئۇچۇرلىرىنىڭ چىن، كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك، ساختا ئۇچۇر بىلەن تىزىملاتقانلارنىڭ تىزىملىتىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر (باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تەڭلا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ. بىر ئادەم پەقەت بىرلا مەكتەپتىكى بىرلا ئىش ئورنىغا تىزىملىتىشى كېرەك، بىر نەچچە مەكتەپكە ۋە بىر نەچچە ئىش ئورنىغا تىزىملىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، شۇنداق قىلغانلارنىڭ تىزىملىتىشى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. تىزىملىتىش ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆزى تىزىملاتقان ئىش ئورنىنى تەڭشىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرى تىزىملاش مەزگىلىدە ۋاقتى-ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ ھەمدە قەرەللىك ئېلان قىلىنىدۇ. 1) توردا تىزىملاش (2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 16:00 دىن 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 16:00 گىچە، بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىلىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالمايدۇ). 2) نەق مەيداندا بېكىتىش (2012-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18:00 كىچە) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كىملىكى بىلەن تىزىملىتىش ئۇچۇر جەدۋىلىنى ئېلىپ، بەلگىلىگەن جايغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسىنى ئالىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش-ئىمتىھان مەركىزىدە بېكىتىلىدۇ؛ باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان، ئۈرۈمچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار (شىنجاڭ سىرتىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدا نەق مەيداندا بېكىتىلىدۇ؛ باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان ھەمدە شۇ ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خىزمىتى ئىشخانىسىدا نەق مەيداندا بېكىتىلىدۇ (بېكىتىش ئورنى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ). ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نەق مەيداندا بېكىتىلگەندىن كېيىن، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 18:00 گىچە ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسى (12 خانىلىق) غا ئاساسەن شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ ئىمتىھان مەيدانى-ئورنى چاقىرىق قەغىزىنى سۈرۈشتۈرىدۇ ھەمدە بېسىپ چىقىرىدۇ، ئىمتىھان برگۈچىلەر كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش گۇۋاھنامىسى، ئىمتىھان مەيدانى-ئورنى چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىپ كەلگەندىلا، ئاندىن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھان بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. تورغا چىقىپ ئىمتىھان مەيدانى-ئورنى چاقىرىپ قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىشقا شارائىتى يار بەرمەيدىغانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر(لىك ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خىزمىتى ئىشخانىسىغا بېرىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ. 2، يازما ئىمتىھان 1) يازما ئىمتىھان ۋاقتى (1) مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلارنىڭ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 9:30 دىن 12:00 كىچە. (2) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلارنىڭ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 9:30 دىن 12:30 كىچە. 2) يازما ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئورۇن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)؛ كۇيتۇن شەھىرى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يازما ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار يازما ئىمتىھانغا دائىر كونكىرت ئەھۋاللارنى ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. 3) يازما ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن يازما ئىمتىھان بىر پەندىن ئېلىنىدۇ، بۇ كەسپىي بىلىم ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىم سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) كەسپىي بىلىم سىنىقى خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى (يەسلى قوش تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئېنگىلىز تىلى، سىياسىي (ئىدىيە-ئەخلاق، پىسخىك ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تارىخ (شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، تەنتەربىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى (كومپىيۇتېر، ئېلىكترونلۇق ئوقۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى (ئەمگەك ۋە تېخنىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھەممىباب تېخنىكا، ئىلىم-پەندىن ئىبارەت جەمئىي 19 پەندىن ئېلىنىدۇ. كەسپىي بىلىم سىنىقى پەنگە ئايرىلىپ ئېلىنىدۇ، بۇنىڭدا «قايسى پەن ئۆتۈلگەن بولسا، شۇ پەندىن ئىمتىھان ئېلىش» پىرىنسىپى يولغا قويۇلۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى تىزىملاتقان ئىش ئورنىدىكى پەنگە دائىر كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلىدۇ، نۇقتىلىق ھالدا ھازىرقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەش سەۋىيەسى ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىقتىدارى سىنىلىدۇ. (2) ئۇنىۋېرسال بىلىم سىنىقىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، مىللەت، دىن ۋە مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا بولغان چۈشەنچىسى سىنىلىدۇ، پۈتۈنلەي خەنزۇچە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. (3) مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىنىڭ يازما ئىمتىھان ۋاقتى 150 مىنۇت، تولۇق نومۇر 150، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي بىلىم سىنىقى 100 نومۇرلۇق، ئۇنىۋېرسال بىلىم سىنىقى 50 نومۇرلۇق؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىنىڭ يازما ئىمتىھان ۋاقتى 180 مىنۇت، تولۇق نومۇر 170، بۇنىڭ ئىچىدە »ھەممىبابب تېخنىكا» پەن تۈرىدىن باشقا تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھانى تۈرى كەسپى بىلىمى ۋە ئۇنىۋىرسال بىلىمى ئىمتىھان مەزمۇنى بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئورنى ئوخشاش بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرىگە دائىر 20 نومۇرلۇق سوئال بار بولۇپ، بۇ نومۇر كەسپىي بىلىم سىنىقىنىڭ ئومۇمىي نورمۇرىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ تولۇق ئوتتۇرا »ھەممىباب تېخنىكا« دەرسى ئۇنىۋىرسال بىلىم سىنىقى مەزمۇنى بىلەن باشقا پەنلەردىمۇ ئوخشاش، كەسپىي سىناق دائىرىسى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى بىلىملەر قىسمى بولىدۇ. 4) ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھان سوئالى» نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىر تۇتاش چىقىرىدۇ، ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتىدىن باشقا پەنلەرنىڭ ئىمتىھان سوئالى خەنزۇچە چىقىرىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئومۇمەن يازما ئىمتىھانغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا ماس پەنلەرنىڭ سوئالىدىكى تەلەپ بويىچە قاتناشمىغانلارنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. 5) يازما ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى نومۇر چېكىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىر تۇتاش تۈزىدۇ، يازما ئىمتىھاندىكى كەسپىي بىلىم سىنىقى بىلەن ئۇنىۋېرسال بىلىم سىنىقىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى ئايرىم بېكىتىلىپ، ھەر ئىككىىسدە لاياقەتلىك بولغانلار يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى ئىمتىھانىدىكى كەسپىي بىلىم سىنىقىنىڭ نومۇر چېكى ئوخشاش بولمىغان پەنلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم بېكىتىلىدۇ. يازما ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ. 6) يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش (2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 18:00) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 3، سالاھيەت تەكشۈرۈش (2012-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە) ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى مەسئۇل بولىدۇ. سالاھىيەت تەكشۈرگۈچىلەر ئۇنىۋېرسال بىلىم سىنىقى بىلەن كەسپىي بىلىم سىنىقىدا لاياقەتلىك بولغانلار ئىچىدىن سالاھىيىتى تەكشۈرىلىدىغانلارنى كەسپىي بىلىم سىنىقىدىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ ھەمدە قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانىنىڭ ئۈچتىن بىر نىسبىتى بويىچە بېكىتىدۇ؛ يۇقىرىقى شەتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كىملىك ياكى نوپۇس دەپتىرى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، يازما ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ھەمدە توردىن چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقارغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى»، شۇنىڭدەك ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كېلىشى شەرت؛ ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر HSK ياكى MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ كېلىشى، خەنزۇچە ئىمتىھان بېرىدىغانلار ۋە HSK ياكى MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسى يوق خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىدىكى 2-دەرىجە B تۈر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجە گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى چىقىرىپ بەرگەن شۇ مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىك ئىسپاتىنى ئېلىپ، ئۆزى تىزىملاتقان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرتىشى شەرت. سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارنى يازما ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان نەتىجىسىگە ئاساسەن تەرتىپ بويىچە تولۇقلاشقا بولىدۇ. نىسبەت تەلىپىگە يەتمىگەن ئەھۋالدا، ئەمەلىي ئادەم سانىغا ئاساسەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىن سالاھىيەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ (ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ). 4، يۈزتۇرانە ئىمتىھان 1) يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە. 2) يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئورنى: ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۈزتۇرانە ئىمتىھاننىڭ كونكىرت ئورنى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 3) يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش: بۇ خىزمەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) مائارىپ ئىدارىلىرى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ. 4) يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىدىغانلارنى بېكىتىش: سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرىلىدۇ. 5) يۈزتۇرانە ئىمتىھان تەلىپى (1) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئېلان قىلىنغان سوئالنىڭ بىرىنى تاللاپ جاۋاب بېرىدۇ، جاۋاب بېرىش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ (ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەرقايسى پەنلەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش دائىرىسىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ). (2) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئىش ئورنى تەلىپى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشى شەرت، ئومۇمەن ئىش ئورنى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ۋە ساختىپەزلىك قىلغانلارنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە شۇ كىشى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. (3) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر كۈن بۇرۇن يۈزتۇرانە ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە رەسمىي يۈزتۇرانە ئىمتىھان باشلىنىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ بولۇشى شەرت. يۈزتۇرانە ئىمتىھان باشلىنىپ بولغاندا يېتىپ كەلگەنلەرنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. (4) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقاندا، كىملىك (ياكى نوپۇس دەپتىرى)، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا بۇ گۇۋاھنامىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى گۇۋاھنامىلىرى تولۇق بولمىغان، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. (5) يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى 100 نومۇر بولىدۇ، لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 60 نومۇر بولىدۇ. 5، ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10:00 دا) ئومۇمىي ئىمتىھان نەتىجىسى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ٪60 + يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى ٪40 بويىچە ھېسابلىنىدۇ. يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئومۇمىي نەتىجىسىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 6، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە) سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىدىغانلار ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانىنىڭ ئۈچتىن بىر نىسبىتى ۋە ئومۇمىي نەتىجە تەرتىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ، بۇ خىزمەتنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغانلار بىر كۈن بۇرۇن (سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار كونكىرت ئىشلار ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ) ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىملىتىشى، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىشى شەرت. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس سۇنغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە چارىسى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇنىڭ كونكىرت مەزمۇنىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن گۇمان قىلىپ، قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرتسە بولىدۇ، پەقەت بىرلا قېتىم قايتا تەكشۈرتۈشكە بولىدۇ. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار قوبۇل قىلىنمايدۇ، مۇشۇ سەۋەپتىن ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە شۇ ئىش ئورنىغا يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدىن ئومۇمىي نەتىجە تەرتىپى بويىچە ئادەم تولۇقلاپ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرىدۇ. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ھەققىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلارنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار سەۋەبىدىن ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، شۇ ئىش ئورنىغا يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدىن ئومۇمىي نەتىجە تەرتىپى بويىچە ئادەم تولۇقلايدۇ. 7، تەڭشەش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە) يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، ئەمما ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنالمىغانلار يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تاللاش پىرىنسىپى بويىچە ئۆز جايىدىكى ياكى باشقا جايدىكى ئوخشاش (يېقىن كېلىدىغان) پەن، ئوخشاش ئوقۇش باسقۇچى (يۇقىرى ئوقۇش باسقۇچىدىن تۆۋەن ئوقۇش باسقۇچىغا تەڭشەشكە بولىدۇ، تۆۋەن ئوقۇش باسقۇچىدىن يۇقىرى ئوقۇش باسقۇچىغا تەڭشەشكە بولمايدۇ)، ئوخشاش تىل تۈرىدىكى بوش قالغان ئىش ئورنىغا تەڭشىلىدۇ. تەڭشەشكە بويسۇنىدىغانلار توردا تىزىمغا ئالدۇرغان چاغدا چوقۇم شۇ كاتەكچىنى تولدۇرۇشى شەرت، رەسمىي تەڭشەيدىغان چاغدا شۇ كىشىدىن قايتا پىكىر ئېلىنمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشكە قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مائارىپ ئىدارىسى بىلەن يازما كېلىشىم ئىمزالىشى شەرت، تەپسىلاتىنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 8، ئاشكارىلاش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە) ئاپتونوم رايون بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بويىچە سالاھىيەتنى تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارنى قوبۇل قىلىنىدىغانلار قىلىپ بېكىتىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا ئاشكارىلايدۇ. 9، تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10:00 دا) ئاپتونوم رايون سالاھىيەتنى تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان، ئاشكارىلاش مەزگىلىدە باشقىچە پىكىر چۈشمىگەن تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا ئېلان قىلىدۇ. 10، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيەلەش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە) ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى 8 كۈن بىرتۇتاش تەربىيەلەيدۇ، كونكىرت ئىشلارنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورى ئايرىم ئۇقتۇرىدۇ. 11، تىزىمغا ئالدۇرۇش (2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە) يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىر تۇتاش تارقىتىپ بېرىلگەن «تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىتىش كىنىشكىسى» نى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاستتا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى مۇنداق: ئالدى بىلەن ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرتۇتاش تىزىملاپ دەلىللىگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكلىپ قىلىنغان مەكتەپكە بېرىپ تىزىملىتىدۇ. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيىلەشكە سەۋەپسىز قاتناشمىغان ۋە ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. بەشىنچى، نازارەتچىلىك ۋە باشقا تەلەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئادىل ئىش قىلىپ، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملار بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە پىرىنسىپنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىلىگە قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلاردىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ قوبۇل قىلىنىپ بولغان بولسا، تەكلىپلىك ئىشلەش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئالتىنچى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بۇ «نىزامنامە» دە بەلگىلەنگەن ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقا ئىشلاردا ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. بۇ «نىزامنامە» نى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسئۇل. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەشكىلات-كادىرلار باشقارمىسى: 7606238_0991 7606239_0991 نازارەت قىلىش تېلېفونى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى: 3689636 -ـ 0991 ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى: 7606199_0991 تور تېلېفونى: 7606092_0991 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مەنبە:http://www.xjedu.gov.cn/rdzt/tgjszp/zxxjszp/gjzcwj/2012/51626.htm 点击进入下载-双语特岗教师招聘简章(维文).doc
|
|