- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-13
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17260
- نادىر
- 10
- تېما
- 348
- يازما
- 2166
 
قىزغىنلىق- 4300 سەر
تىللا- 994 دانە
تۆھپە- 2609 سەر
شۆھرەت- 2841 سەر
        
| بىر يىللىق تويۇڭغا مۇبارەك بايقاش ( بايقاش مۇنبىرنىڭ بىر يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلاپ ) زەپەر
ئىھ ، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمگاھى ۋە ئىللىق ئائىلىسى بولۇپ كېلىۋاتقان، قوينى كەڭ قەدىردان بايقاش مۇنبىرى! بۈگۈن سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭگە بىر يىل تۇشقان ئەڭ ئىپتىخارلىق ۋە خۇشاللىق بىر كۈن. بۇ يىڭىچە بەخىتلىك مىنۇتلاردا يۆرۈگۈم ئىختىيارسىز دولقۇنلاپ، تىز سوقماقتا. قەلبىم ساڭا تەلپۈنمەكتە. تۇرمۇرلىرىمدا ئىسسسىق قانلىرىم ئۆركەشلىمەكتە. كوزلىرىمدە شاتلىق ۋە پەخىرلىك ياشلىرىم تاراملاپ قۇيۇلماقتا. بۇ بىر يىللىق شانلىق مۇساپە جەريانىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ماڭا ئوخشاش مىڭلىغان مەرىپەت تەشنالىرىنىڭ چاققىغان دىللىرىنى ئۈزەڭنىڭ ئابىھايات كەۋسەرلىرىڭ بىلەن سۇغۇرۇپ، ياشارتىپ كەلدىڭ. شەكلى رەڭدار، مەزمۇنى مول مىسالى شەربەت تېمىلىرىڭ بىلەن گاھ مىسكىن چىرايلارغا كۈلكە ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق شامىنى نۇرلاندۇرساڭ، گاھ سەزگۈلىرى يىگىلەشكە باشلىغان نىرىپلارنى جانلاندۇرۇپ، ئىجتىھات ۋە تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇردۇڭ. گاھ روھى ۋە جىسمى نىمجانلانغان كىشىلەرگە نىجاتلىق يولى ئاتا قىلساڭ، گاھ مىللى مائارىپ سېپىدە تېنىمسىز تەر تۆكىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلارغا قابىل مەسلىھەتچى، مىننەتسىز ياردەمچى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بور تۇزانلىرى ئارىسىدىكى چېھرىنى نۇرلاندۇردۇڭ، يىراقنى يېقىن، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇڭ. ئەي قەدىردان بىلىمگە تولغان بايقاش مۇنبىرى سەن ئىلىم– مەرىپەتنىڭ ھەقىقى مىۋىلىك بېغىسەن ، سىنىڭ كەڭ مائارىپ سېپىدە ئۈنتىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇقۇتقۇچى- ئىشچى خزمەتچىللىرىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشتە ئۈزەڭنىڭ ئۆچمەس توھپىسىنى قۇشۇۋاتىسەن . بۇنى مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان پۈتۈن بايقاش مۇنبىردىكى ئۇقۇتقۇچىلار تۇلۇق چۈشۈنىدۇ. سەن كۈنلىكى ئەتتىگەندە چىقىدىغان قۇياشقا ئوخشايسەن. سېنىڭ نۇرلىرىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى بىپايان مائارىپ بېغىنى يۇرۇتماقتا. سەن يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈندىن باشلاپ، ئىلىم- ھىكمەت سۇلىرى توختىماي بۇدۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈ قۇرۇماس بۇلاقسەن. مەن ھەم ئۇقۇتقۇچىلار، سىنىڭ ئاشۇ كەۋسەر تۈگۈمەس سۈيۈڭنى ئىچىپ ئۇسسۇزلىقىمىزنى بىرلىكتە قاندۇرۋاتىمىز ھەم ياش غۇنچىلارغا مۇكەممەل بىلىم بىرۋاتىمىز. مەن بىلىمەن، سىنىڭ نام شۆھرىتىڭنى قانچىلىك داڭلاپ جاھانغا تۇنۇتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئاشۇ بۇلاقتەك سۈزۈك سۈيىڭنى ئىچىپ ئۇسسۇزلىقىمنى قاندۇرۋاتىمەن. سەن پۈتكۈل شىنجاڭ ھەم خوتەن دىيارىدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان تەلەپكار بىلىمگە تەشنا بولغان كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ غەمگۈلزارى ۋە پەرۋىشكار ئانىسىسەن! سەن بۇ بىر يىل ئىچىدە ماڭا ھەم كەڭ مائارىپچىلارغا بىلىمنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تۇنىتىۋاتىسەن. مائارىپ سېپىدە ياشاشنىڭ ئەھمىيتىنى ھەم ئىلگىرلەش يۇلىنى تۇلۇق كورسىتىپ بىرىۋاتىسەن. دەرس مۇنبىدە قابىل، ياراملىق ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشنىڭ ھەقىقى يۇلىنى كورسىتىپ بىرۋاتىسەن ! بۇ بىر يىل ئىچىدە سىنىڭ ئىللىق باغرىڭدا بىلىمگە قېنىپ چىققان، تۈركۈم – تۈركۈم ئۇقۇتقۇچىلار رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا مائارىپ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ ئىشلەۋاتىدۇ. سىنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇنلاردىكى مائارىپچىلار ئۈچۈن يەتكۈزگەن مەنىۋىي مەسئۇلاتلىرىڭ ھەقىقەتەن كۆپ . شۇڭا سىنى بارلىق مائارىپچىلار قوللاپ كىلىۋاتىدۇ . سەن كۈندىن – كۈنگە گۈللەپ ياشنىۋاتىسەن . سىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭ تۇلىمۇ پارلاق . شۇڭا سەن ئىسمى جىسمىڭغا لايىق مائارىپ ئۈچۈن قۇرۇلغان مەكەممەل مۇنبەرسەن . مەن بايقاش مۇنبىرگە 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى رەسمىي ئەزا بۇلۇپ سىنىڭ ئىللىق قوينىڭغا كىرىپ پاناھلانغانتىم . مەن بۇ چاغدا تۇلىمۇ نادان ئىدىم .شۇ چاغدا مىنى كىچىنى- كۈندىزگەئۇلاپ ئۈزىنىڭ ئەجىرى ئارقىلىق تەربىيلەش يىتىشتۈرگەن ئادىمىن ئەپەندى، ئابلىمىت ئەپەندى، خوشەن ئەپەندى ۋە ئامان ئەپەندىمگە چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. بۇ تەربىيەلىگۈچىلەرنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقارمايمەن. مىنىڭ ھازىرقىدەك ياراملىق مۇنبەر باشلىقى بۇلىشىمدە يۇقارقى ئۇستازلىرىمنىڭ جاپالىق ئەجىرى بار. ئۇلارنىڭ ماڭا نىسپىتەن جاپاغا چىداپ مىھرىبانلىق ئۈچقۇنى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ، گىرىمسىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە ئۆخشاش خاس تەبىئى نۇرانە چىراي شەكلى . گەپ سۆزلىرىدىكى سەمىمىلىك .مەردانىلىق ئالى- جاناپ روھى ھېلى -ھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. مەن ھەر ۋاقىت ئۇلارنى يات ئىتىمەن. ئەسلەيمەن . ئەمدى مەن ھازىرقى بايقاش مۇنبىربنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نەزەر سالسام مۇنبەر سەھىپىسىنىڭ رەڭدارلىقى ، ئەسەر مەزمۇنلىرىنىڭ چۇڭقۇرلىقى، ئۇقۇتقۇچى – ئۇستازلانىڭ كۆپلىكى،ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرنىڭ سەر خىلىلىقى، مۇنبەر ئازالىرىنى تۇلىمۇ ئۆزگىچەئويغا سالغۇسى . مۇنبەردىكى بۇ كەڭ بىلىملىك، جاپاكەش باغۋەنلەرنىڭ يازمىللىرىنى بىر – بىرلەپ ۋاراقلاپ ئۇقۇغۇم كىلىدۇ. مۇنبەر سەن تېخىمۇ مەردانىلىك قەدەملىرىڭ بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەۋاتىسەن . سىنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالىڭ بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرسام تېخىمۇ ھاياتجانلىنىپ كىتىمەن . مەن ئۈزەمنىڭ ئۆتكەن ھاياتىم ئۈستىدە ئويلانغىنىمدا ھەممىدىن ئاۋال سىنىڭ قوينىڭدا ئۆتكەن ئاشۇ يېرىم يىللىق ھاياتىمنى ئەسلىسەم ئۇ خۇددى ئۇچار يۇلتۇزدەك . رەڭگا- رەڭ نۇر چېچىپ كۆز ئالدىمدا تۇلۇق نامايەن بۇلىدۇ. چۈنكى مەن سىنىڭ ئەجىرىڭدە مائارىپ سېپىنىڭ ھەقىقى بىر جەڭچىسىگە ئايلاندىم . سەن بەرگەن ئىلىم – بىلىم ماڭا چەكسىز زور كۈچ ئاتا قىلىۋاتىدۇ. ئىھ قەدىردانىم بايقاش مۇنبىرى، سەن بۈگۈندىن باشلاپ ئۆتمۈشىڭنى ۋە بۈگۈنۈڭنى مەڭگۈ ئەسلە. ئەتە ھەم ئۆگۈنلەرگە تولۇق نەزەر تاشلىغىن . يىراق كەلگۈسىڭگە پارلاق ئىستىقبالىڭغا تۇلۇق كۆز تىككىن .مۇنبەردىكى بارلىق غەلبە ساڭىلا مەنسۇپ.بۇ بىر يىل ئىچىدە سەندە ئالاھىدە يىتىشىپ- پىشىپ چىققان ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ۋە ھەر تەرەپ - ھەر ياقتىن سىنىڭ ئىللىق قوينىڭدا نۇرغۇنلىغان بىلىمگە ئىشتىھا قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەر تەرەپ –تەرەپتىن ئۇچۇپ كىلىپ سىنىڭ بۇ شانلىق تۇيۇڭنى بىرگە مۇباررەكلەۋاتىمىز. مەن ئىككى قۇلۇمنى كۆكسىمگە چىڭ قۇيۇپ ساڭا چەكسىز ئىپتىخارلىقىم بىلەن ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرمەكتىمەن . سەن بارلىق مۇنبەردىكى بىلىمگە تەشنا بۇلىۋاتقان ۋە سىنىڭ ئاشۇ قوينىڭدا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان بارلىق چوڭ –كىچىك .قېرى- ياش مائارىپچىلارنىڭ تەبىرىك گۈلدەستىسىنى چىن قەلبىڭدىن تۇلۇق قۇبۇل قىلغايسەن . شانلىق بىر يىللىق تويىڭغا مۇبارەك بولسۇن. كىيىنكى غەلبە پەقەت ساڭىلا مەنسۇپ . سەن گۈللەپ ياشنىغىن . ئېھ ، بايقاش مۇنبىرى، سېنىڭ ئۆتمۈشۈڭ شانلىق، كەلگۈسۈڭ پارلاق! مەنبەسى: ئۆزەم زەپەر 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تايلاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-13 17:20
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 35 تىللا + 29 تۆھپە + 33 شۆھرەت + 29 باھا خاتىرىسى
|