دېمە
(ئاپتۇرى :مۇھەممەتجان راشىدىن )

ياخشى نامىڭ بولمىسا ياشىدىم دېمە، ياخشى بولماي ياخشىغا خاس ئىدىم دېمە . ئۈلپەت تۇرۇپ، دوس تۇرۇپ قاغا -قۇزغۇنغا ، ئەل راسلىغان خاماننى چەشلىدىم دېمە .

سەن ئۈزۈڭنىڭ كۈيىدا ئۆتسەڭ دۇنيادىن ، ئەل قەرزىنى تەل –تۈكۈس ئاقلىدىم دېمە . ئۆز—ئۈزۈڭدىن ئاشمىسا سالقىنىڭ –سايەڭ ، كىرىكى يوق دەرەخسەن شاخلىدىم دېمە.

رەزىللەردىن بۇدۇنيا قۇتۇلغانغا خوش ، چاشقانلارغا مەن ئىشىك ئاچمىدىم دېمە . لاپ ئۇرغانلار لەنەتكە تۇلۇپ ياشايدۇ، راھىتىڭنى تۆت كۈنلۈك ياشىدىم دېمە .

زەپەر
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-13 03:45
|