- تىزىملاتقان
- 2011-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-16
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 986
- نادىر
- 0
- تېما
- 6
- يازما
- 66
  
قىزغىنلىق- 246 سەر
تىللا- 173 دانە
تۆھپە- 129 سەر
شۆھرەت- 126 سەر
 
| ] پۇل توغرسىدا 15 ئەقىليە سۆز پۇل گۇناھتىن دىرەك بىرەمدۇياكى خۇشاللىقتىن دىرەك بىرەمدۇ؟
پۇل ھەققىدە دۇنيادىكى ھەرخىل كىشىلەر ھەرخىل تەبىرلەرنى بىرىپ كەلدى.مەيلى نىمىلا دىمىگەن بىلەن پۇل يەنىلا
مۇھىم.قىنى ئەمدى بىز قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن دانىشمەنلەرنىڭ پۇل توغىرسىدىكى تەبىرلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
1-پۇللا بولسا دۇنيادىكى ھەممە جايغا بارغىلى بولىدۇكى،پەقەت بىرلا جايغا،يەنى جەننەتكە بارغىلى بولمايدۇ.پۇللا بولسا ئالىمەن دىگەننىڭ ھەممىسىنى سىتىۋالالايسەن،شۇغىنىسى خۇشاللىقنى سىتىۋالالمايسەن.
2-دوستۇڭدىن پۇل سورىماقچى بولغان چىغىڭدا ،شۇنى ئوبدان ئويلاشقىنكى،ساڭا پۇل لازىممۇ ياكى دوسىتمۇ؟
3-يانچۇقىدا پۇلى بار ئادەم نامرات بولىشى ناتايىن،پۇلدىن باشقا ھىچنىمىسى يوق ئادەملا ئەڭ نامراتتۇر.
4-قانائەت پەقەت سىنىڭ پۇل تىپىش ئىقتىدارىڭ بىلەن كۆڭۈلدىكى ئارزۇيۇڭ توغرا تاناسىپ بولغاندىلا ھاسىل بولىدۇ.
5-بىر ئادەم توساتتىن باي بولۇپ كەتكەندە ياكى بىراقلا بىر مۇنچە پۇلدىن زىيان تارتقاندا،ئۇنىڭ پەزىلىتى ئەڭ جىددى سىناققا دۇچ كىلىدۇ.
6-بەزىلەر پۇلنى جىنىدىن ئەزىز بىلىپ ،پۇلنى دەپ ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن باش تارتماي،گۇناھ ئىشلارنى،يامان
ئىشلارنى قىلىدۇ،پۇل ئەكسىچە ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ دە،كىشىلەر تەرپىدىن‹‹ گۇناھ مەنبەسى›، دەپ ئاتىلىدۇ.
7-پۇل-ناھايىتى ياخشى مالاي ،ئەمما ناھايىتى ئەسكى خوجايىن.
8-ئىلگىرى ئاياللار پۇل ئۈچۈن ئەرگە تىگەتتى،ھازىر بولسا پۇل ئۈچۈن ئەردىن ئاجىرشىدىغان بولدى.
9-پۇلنى خۇدا دەپ بىلگەن كىشى ئاقىۋەت چۈشىدە ئالۋاستىنى كۆرۈپ قارا بىسىپ ئويغىنىدۇ . 10-ھەممەيلەن ۋاقىت-پۇل دىمەكتۇر دىيىشىدۇ،شۇنداقلا دوستلار ئارا پۇل ئايىماسلىق ،مەردلىك ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ ،لىكىن گەپ پۇل سوراپ تۇرۇشقا بىرىپ يەتكەندە بولسا دوستۇڭ ساڭا ۋاقىت بىرىپ تۇرۇشنى خالايدۇ.
11-پۇل ياكى سىنى ئۆز تۇرمۇشۇڭ بىلەن تىخىمۇ زىچ باغلايدۇ،ياكى سىنى ئۆز تۇرمۇشۇڭدىن ئايرىۋىتىدۇ.
12-پۇلنى قانچە كۆزگە ئىلمىغان كىشى شۇنچە ئاچكۆز كىلىدۇ.
13-پۇل گويا ئوغۇتقا ئوخشايدۇ،ئۇنى چىچىپ تۇرمىساڭ ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەسلا كۆرەلمەيسەن.
14-ئادەمدە پۇل بولمىسا بولمايدۇ،لىكىن بەك كۆپ بوپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،
15-ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا بىرىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسىسى پۇل ئەمەس ،بەلكى مۇھەببەت...............
ئادەمنى نىمە كويغا سالمايدىغاندۇ؟
پۇل توغرسىدا سىزنىڭ قانداق ھىكمەتلىرىڭىز بار؟
مەنبە--ئىقىن ژورنىلى
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 6 تىللا + 6 تۆھپە + 6 شۆھرەت + 6 باھا خاتىرىسى
|