- تىزىملاتقان
- 2012-6-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-16
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 1891
- نادىر
- 1
- تېما
- 33
- يازما
- 179
  
- يوقلىما
- 50
قىزغىنلىق- 529 سەر
تىللا- 107 دانە
تۆھپە- 254 سەر
شۆھرەت- 288 سەر
  
| ياخشىراق
مۇھەممەدجان راشىدىن (غەزەل)
 يار ئۆلۈمنى ئويلىما،ئاۋۋال ياشايلى ياخشىراق، يۈرگۈچە گۈمبەز ياساپ،بىر باغ ياسايلى ياخشىراق. ئۆزگىلەرنىڭ ئۇزلىقىغا،يۈرگۈچە ھەيران بولۇپ، بوينىمىزغا،پۇل تىپىپ زۇننار ئاسايلى ياخشىراق. قايدا ئۇچ تارتقاي پېلەك،كەتمەن چىپىپ سۇ قۇيمىساڭ، كۈنىدە تەسۋىي تارتقۇچە،بىر تاغ ئاشايلى ياخشىراق. ئىككى تايىن بولمىغىن،بىنەم تەۋەككۇلنىڭ ئىشى، يۈرگۈچە يامغۇر تىلەپ،بىر كان ئاچايلى ياخشىراق. ئىككى بولماس بىزدە تون،تەلەينى تەقدىردىن تىلەپ، قولدا بۇغداي بولمىسا،تېرىق چاچايلى ياخشىراق. ئوتقا سال ئەمدى پەرەنجەڭنى،گۈلۈم،يۈرمە تېنەپ، ئەتىمىزنىڭ ئىشقىدا قوشاق قاتايلى ياخشىراق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-12 15:07
|
|