جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ئىيۇل رەسمىي قۇرۇلدى

خەلق تورى 10-ئىيۇل خەۋىرى،10-ئىيۇل چۈشتىن كىيىن پايتەخت بىيجىڭدا،لوندونغا بىرىپ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەر قايسى مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتنىشىدىغان جوڭگۇ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى رەسمى قۇرۇلدى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 612 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتچى 369 نەپەر،ئۇلار لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە 23 چوڭ تۈر، 212 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ. 369 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئىچىدە،ئەر تەنھەرىكەتچى 171 نەپەر، ئايال تەنھەرىكەتچىلەر 225 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل،تىبەت،خۇيزۇ،ئۇيغۇر قاتارلىق 10 نەچچە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 25 تەنھەرىكەتچىمۇ بار.

شىنجاڭلىق ئەزىمەت - مۇھەممەد تۇرسۇن چوڭ
بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى بوكس ماھىرى مۇھەممەد تۇرسۇن چوڭمۇ بۇ قېتىم جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە لوندونغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 13:58
|