ئوقۇغۇچى + يان تېلېفون = ؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يان تېلېفون تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى . بۈگۈنكى كۈندە ، بايلاردىن نامراتلارغىچە ، شەھەرلەردىن يېزا - قىشلاقلارغىچە ، چوڭلاردىن كىچىكلەرگىچە يان تېلېفون ئومۇملاشتى . بۇ نۇرغۇنلىرىمىزغا كۆپ قولايلىق ياراتقان بولسىمۇ ، يەنە بەزىبىر ئاۋارىچىلىقلارغىمۇ سەۋەب بولماقت ا. كۈچلۈك رادىياتسىيەنىڭ زىيىنى ، ۋاقىت ئىسراپچىلىق ى، ئىقتىسادىي زىيانلارنىغۇ تىلغا ئالماي تۇرايلى ! باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە يان تېلېفون ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئاۋارىچىلىكلەر ئاز ئەمەس . تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭغا جاۋاب بولالىشى مۇمكىن: 1 - بايان : بىزنىڭ بىرلا قىزىمىز بار ، ئۇ تېخنىكومنىڭ 1 - يىللىقىدا ئوقۇيتتى ، ئۇنىڭغا يان تېلېفون ئېلىپ بەرسەك، ئالاقىلىشىش دائىرىسى كېڭىيىپ ، بىلىپ - بىلمەي يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ، ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كېتەرمۇ؟ دېگەن ئەندىشىدىمۇ بولغانىدۇق . قىزىم ‹‹مەكتەپتە تېلېفونى يوق ئوقۇغۇچىنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ ›› دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ تۇرۇۋېلىپتى ، بوپتۇلا دەپ يان تېلېفون ئېلىپ بېرىپتىكەنمىز ، بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلى بىزنى چاقىرتىپ ، قىزىمىزنىڭ ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ، پات - پاتلا دەرسلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . بۇ گەپتىن بەك ئازابلاندۇق... 2 - بايان : قىزىم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا ، دەرستە ياخشى ئىدى ، ئالاقىلىشىشكە قولاي بولسۇن دەپ ، يان تېلېفون ئېلىپ بەرگەنىدىم . قىزىم بىر كۈنى دەرس ۋاقتىدا بىرسى بىلەن ئۇچۇرلىشىۋاتقاندا ، مۇئەللىم كۆرۈپ قېلىپ تېلېفونىنى تارتىۋاپتۇ . ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قىزىمنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ بەردىم . ئەمما، قىزىم دەرستە تىرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، يان تېلېفونغا تېخىمۇ مەپتۇن بولۇپ كەتتى . يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ھازىر بالىلىرىمىزدا بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ . ھەر قانداق نەرسىنىڭ ياخشى - يامان تەرىپى بولغىنىدەك ، بۇمۇ ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بىزگە قىلغان كاتتا سوۋغىسى بولسا كېرەك ! بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە نېمىنىڭ پايدىلىق ، نېمىنىڭ زىيانلىقلىقىنى بايقىشىمىز تولىمۇ مۇھىم . بۇ يەردە مەن پەرزەنتلىرىگە يان تېلېفون ئېلىپ بەرگەن ئاتا - ئانىلارنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن ، يان تېلېفون ئىشلەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىمۇ ناچار دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن ، گەپ ئۇنىڭ يېڭىلىقنى قانداق قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشىدا...
مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=17395 |