پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 994 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 509|ئىنكاس: 1

ئارمانلىقلارنىڭ سەركىسى -رادىل ئابلا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
203
قىزغىنلىق
6287 سەر
تىللا
6624 دانە
تۆھپە
3352 سەر
شۆھرەت
3910 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 23:47:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئارمانلىقلارنىڭ سەركىسى  -رادىل ئابلا



1.jpg



13 يىل ئىچىدە ئاددىي فىلىم ئىشلەش مەركىزىدىن دۇنياغا يۈزلەنگەن شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ شىركەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا قان  -تەر تۆكۈپ باشلامچىلىق رول ئوينىغان رادىل ئابلانى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.

      شىنجاڭ <<ئارمان>> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى تۆھپىكار ياش كارخانىچى رادىل ئابلا 1990  -يىلى شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىنىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ شۇ چاغدا ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، 2004  -يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئ.ارالىق كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، سودا  -سانائەت ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. رادىل ئابلا ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا  -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئ.اۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا  -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى پەن  -تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ. 2003  -يىلى ئۇ يەنە شەرەپلىك ھالدا  ئاپتونوم رايونلۇق 10  -نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.
      رادىل ئابلا پەقەت بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە تۆھپىكار كارخانىچى بولۇپلا قالماي، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، قان -تەر تۆكىۋاتقان تۆھپىكار پەن   -تېخنىكا خادىمى. ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇ، 2001  -يىلى 5  -ئايدا تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ئېچىلغان 21  -ئەسىر خەلقئارا تېببىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆز تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسى بولغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى تەسىس قىلغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات << ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى >> غا ئېرىشتى. ھەمدە ب د ت تىنچلىق فوند جەمئىيىتى خەلقئاراغا ئېچىۋېتىلگەن تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. رادىل ئابلا ھازىرغىچە ئىلگىرى  -كېيىن بولۇپ ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن << مەملىكەتلىك ياشلارنىڭ پەن  -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى >> غا، جۇڭگو پۇقراۋىي پەن -تېخنىكا كارخانىچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن << جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر پۇقراۋىي پەن  -تېخنىكا كارخانىچى >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا، << شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئون چوڭ پەن  -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى >> غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە << مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچى >>، ئاپتونوم رايون بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، 5  -نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياشنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە پەن  -تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن  -تېخنىكا نازارىتى تەرىپىدىن << مۇنەۋۋەر پۇقراۋىي پەن  -تېخنىكا كارخانىچى >> دېگەن نامغا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن <<ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى >>، << ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى >> دېگەن نامغا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن << ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياش خەير  -ساخاۋەت ئەلچىسى >> دېگەن نامغا ئېرىشتى.
      رادىل ئابلا ھالال ئەجىر ۋە توختىماي ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق ئېرىشكەن شان  -شەرەپلىرىنى ھەقىقەتەن ساناپ بولالمايمىز. ئۇ بۇنداق شان  -شەرەپلەر ئالدىدا مەڭدەپ قالمىدى. ئۇ شىجائەت چوققىسىغا چىققانسېرى تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل مەنزىلگە قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدى. ئۇ باسقان ھەربىر قەدەمدىن تېخىمۇ پۇراقلىق، تېخىمۇ گۈزەل ئارمان گۈللىرى پورەكلىدى. ئۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىچىلار بىلەن كۆپ قېتىم ھەم سۆھبەتتە بولدى. ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى. ئۇلارنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن مەدەت ۋە ئىلھام ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى رادىل ئابلا شىنجاڭدىن، مەملىكەتتىن ھالقىپ خەلقئاراغا يۈزلىنىپ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇردى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنىڭ يېڭىچە ئوبرازىنى نامايەن قىلدى. 2000  -يىلىدىن كېيىن ئۇ، تۈرلۈك ئۆمەكلەر تەركىبىدە ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىنلاندىيە، سىنگاپور، تايلاند، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرىيە، نورۋىگىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەت ۋە ئېكىسكۇرسىيىدە بولدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ ۋە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. 2004  -يىلى 12  -ئ.ايدا << ئارمان >> شىركىتىنىڭ خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە ئېچىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتى ۋە << ئارمان دۇبەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى >> نى قۇردى.
      ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رادىل ئابلا 2006  -يىلى 12  -ئايدا مەملىكەت بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى شەرىپىگە ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جياچىڭلىن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ شۇ يىلى يەنە مەملىكەت بويىچە EMBA دا ئوقۇغان ئون مەشھۇر شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
      رادىل ئابلا شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ئىشچى  -خىزمەتچىلەرنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئورتاق ئارمان، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئالغا بېسىشقا يېتەكلەپ، ئارمان شىركىتىنى ھەر مىللەت ئىشچى  -خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىللىق ۋە ئىناق ئائىلىسىگە ئايلاندۇردى.

مەنبە: http://www.arman.com.cn/UY/UY/Bs_CoProfile.asp?Action=Ceo
1-ماۋسۇملۇق ماتىرىياللارنى توپلاشقا كىرىشسەك بۇلاتتى!!!

Rank: 2

قىزغىنلىق
77 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
52 سەر
شۆھرەت
65 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 14:07:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تىمىڭىز بەك ياخشىكەن قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ رخمەت سىزگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-30 01:17, Processed in 0.146874 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش