پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3024 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 09:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قاراقاش ناھيىسى مائارىپنى ھەرقايسى  يېزا بازارلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ .مائارىپ بىرخىل ھالەتكە چۈشىۋاتىدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىز چاپچىپ تۇرغان تايلاق بولساقمۇ،جەمىئەت سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلگىنىڭنى ئايىما،بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما.

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالتۇن ساپلىقى بىلەن قىممەتلىك، قىزلار پاكلىقى بىلەن قىممەتلىك.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆز كۆرگۈچى،دىل تونوغۇچىدۇر.

  • زەپەر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى سىياسىي ئۈگۈنۈش باشلاندى.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىشى يۇرتىداسۇلتان بولغىچە،ئۆزيۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇدۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يىشى بىلەنمۇ تولغان.

  • tursunjan ئۈلۈشكۈن 17:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەر مىنىڭ تىمامنىلا ئۆچرەشكە ئامراق بوپ قاپتۇ

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىدىن ئۈگەن، ياماندىن يىرگەن

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاياللار بۇزۇلسا ھاياسىزلىشىدۇ، ئەرلەر بۇزۇلسا ۋاپاسىزلىشىدۇ.

  • ilghar 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساننىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەنلىك،ئىنسانغا كېرەكتۇر ئامان .

كۆرۈش: 921|ئىنكاس: 2

رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق،بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

67

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

يوقلىما
0
قىزغىنلىق
64 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
-32 سەر
شۆھرەت
-32 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 16:18:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزا  xx باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق،  بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسئۇليەتنامىسى

تەتىل مەزگىلىدىكى جەمئىيەت،مەكتەپ ، ئائىلە، ئوقۇغۇچىلارنىىڭ مۇقۇملۇق-بىخەتەرلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ،شۇنداقلا مەكتىۋىمىز رامىزان مەزگىلىدە مەكتىۋىمزدىكى ياش ئۆسمۈرلەرگە بولغان باشقۇرۇشىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش ،ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى كاپالەتلەندۇرۈش ،جەمئىيەتتىكى يامان غەرەزلىك كىشلەرنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇرمىلاپ  يامان يوللارغا باشلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى، دىن ئۈگنىشىنى، رۇزا تۇتۇشنڭ ئالدىنى ئىلىش، دىنىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك مائارىپ بازىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش،يازلىق تەتىلىنى تېنىچ، بىخەتەر ئۆتكۈزۈش  يۈزسىدىن مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ،مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاندى .ئەستايىدىل ئەمىلىلەشتۈرىشىڭلانى سورايمىز.
1.مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى :
(1) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا رامىزان مەزگىلىدە دىن ئۈگەنمەسلىك، دىنى پائالىيەتكە قاتناشماسلىق، رۇزا تۇتماسلىق، ئاتىزىمدا چىڭ تۇرۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى،قاتناش بىخەتەرلىگىگە دىققەت قىلىش،سۇغا چۈشمەسلىك،ئوت ئوينىماسلىق،كۈتۈلمىگەن ھادىسلەردىن ساقلىنىش توغرىسىدا سېستىمىلىق ھالدا ئىدىيۋى- سىياسى تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ.
(2)مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى يولداشلار مەكتىۋىمىز تەۋەسىدىكى كەنتلەرگە چىقىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى بىلەن ئائىلە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپتىكى دىنى زات ،دىنى ئىتىقادى كۈچلۈك  ئائىلە پەرزەنتىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارغا بولغان ئىدىيۋى –سىياسى تەربىينى كۈچەيتىدۇ .
(3)ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ كوللىكتىۋى ۋە كەنىت مەھەللىلەرنى بىرلىك قىلغان ھالدا   ھەر خىل ئۈنۈملۈك ئوسۇللار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچلارنىڭ ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە ئورونلاشتۇرىدۇ .
(4)مەكتەپ پېئونېرلار ئەتىرىتى ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پائاليەتلەرگە تەشكىللەپ ،پائالىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ئاتىزىم تەربىيىسى ،ماركىسسزملىق «بەش قاراش »تەربىيسى ،قانۇنسىز دىنى پائالىيەتنىڭ 26تۈرلۈك چەك –چىگىرىسىنى ئېنىق ئايرىش تەربىيسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى ئېلىپ بارىدۇ.
(5)ئوقۇغۇچىلارغا ئوت، سۇ، توك، قاتناش ھادىسلىرى ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت «بەشنىڭ ئالدىنى» ئېلىش تەربىيسىنى ئىشلەيدۇ.
2.ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى :
(1)ماركىسزىملىق ئاتئىزىم مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ،ھەر قانداق دىنى پائاليەت ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە قاتناشماسلىقى ، فىئودال خۇراپاتلىققا ئىشەنمەسلىكى ئائىلسىدىكىلەر ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بۇ ھەقتىكى تەربىىينى كۈچەيتىپ بۇ جەھەتتە مەسلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم .
(2)ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيۋى –سىياسى تەربىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ،دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق ،رۇزا تۇتماسلىق ۋە بۆلگۇنچىلىك ھەرىكىتىگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ ،
(3)ئوقۇتقۇچىلار تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئىگەللەش تەلىۋى بويچە دىنى زات، دىنى ئىتقادى كۈچلۈك ئائىلە پەرزەنتلىرى ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا ئىدىيۋى سىياسى تەربىيە ئېلىپ بېرىشى لازىم.
(4)خىزمەت ئورنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۇچۇن 24سائەت دىجۇرنىلىكتە چىڭ تۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ دىجۇرنىلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم. مەكتەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ،ئوت ئاپىتى ،زوراۋانلىق ،ئوغۇرلۇق ،كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەھەرلىنىشتىن ئىبارەت «بەش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
(5)مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە بايقالسا مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ ،كۈتۈپ تۇرماي، سۈكۈت قىلماي، گۇمانلىق ئادەملەرنى بايقىغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم.



3.ئائىلە باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى:
(1)ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بولغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشى دىنىغا ئىشىنىشكە ،دىنى پائاليەتلەرگە قاتنىشىشقا، دىن ئۈگىنىشكە ،ناماز ئوقۇشقا ،رۇزا تۇتۇشقا،مەسچىتىكە كىرىشكە يول قويماسلىقى ۋە مەجبۇرلىماسلىقى دىنى ئىدىيە سىڭدۈرمەسلىكى لازىم.
(2)ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا پايدىسىز بولغان سۆز ھەركەتلەرنى قىلىشقا قۇتۇراتقۇلۇق قىلماسلىقى لازىم.
(3)مەكتەپكە يېقىندىن ماسلىشىپ ،پەرزەنتلەرگە بولغان ئدىيۋى –سىياسى تەربىينى كۈچەيتىشى ،پەرزەنتلەرنىڭ يەر ئاستى دىنى مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا روزا تۇتىشىغا يول قويماسلىقى كىرەك .
(4)فىئودال خۇراپاتلىققا ئىشەنمەسلىكى ،پەرزەنتىلىرى كىسەل بولۇپ قالسا دوختۇرغا ئاپرشى ،پەرزەنتلىرگە بىخەتەرلىك تەربىيسى ئېلىپ بېرىشى ،قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويماسلىقى كىرەك .
(5)ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن زىچ ماسلىششى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن چىرىپ كەتمەسلىكىگە مەسئۇل بولىشى ھەر جۇمە بالىلىرىنى مەكتەپكە تولۇق ئەۋەتىشى كىرەك.
(6)ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ  تەتىل مەزگىلىدىكى مۇقۇملۇق- بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بارلىق پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.مەسىلە كۆرۈلسە ئاتا-ئانىسى مەسئۇل بولىدۇ بىۋاستە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.مەكتەپ مەسۇليەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى:
(1)ئوقۇغۇچىلار دىنغا ئىشەنمەسلىكى،دىنى پائالىيەتكە قاتناشماسلىقى،«ئوقۇغۇچىلار سۆز ھەركىتىدىكى7نى قىلماسلىق››، ‹‹ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدىكى قەسەمنامىسى›› گە رىئايە قىلىپ ،شۇ بويىچە ئىش ئىلىپ بىرىشى لازىم.
(2)ئوقۇغۇچىلار ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا پايدىسىز بولغان سۆز ھەركەتلەرنى قىلماسلىقى، شۇنداق ئەھۋاللارنى بايقىغاندا مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا مەلۇم قىلىشى لازىم.
(3)ئۆز ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى،ئوتتىن،سۇدىن،توكتىن، قاتناش ۋە كۈتىلمىگەن ھادىسىلەردىن،يىمەكلىكتىن زەھەرلىنشتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
(4)ئوقۇغۇچىلار ‹‹قانۇنسىز دىنى ھەركەتنىڭ 26 تۈرلۈك ئىپادىسى›› دە كۆرستىلگەن مەزمۇنلارنى ياخشى ئۈگىنىپ،ھەر قانداق دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى، رۇزا تۇتماسلىق ،رامىزان تولىماسلىق،دىنى ساۋاق ئالماسلىق،ئائىلىسىدىن خالىغانچە ئايرىلماسلىقى، مەسلە بايقىسا سىنىپ مۇدىرىغا ياكى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كىرەك.
(5)ئوقۇغۇچىلار تەتىل مەزگىلىدىكى تاپشۇرۇقنى ۋاختىدا ،ئەستايىدىل ئىشلىشى لازىم. ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى(جۈمە) مەكتەپكە تۇلۇق كىلىشى مەكتەپنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىغا بويسۇنىشى لازىم،
يۇقارقى مەسئۇلىيەت دائىرسى ئىچىدە مەسلە سادىر بولسا،مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنغاندىن باشقا ،مۇناسىۋەتلىك قائىدە  -تۈزۈملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلنىدۇ.ئىقتسادى جەھەتتىن چارە كۆرۈلۈپ،قىلمىشى ئىغىر بولغانلار قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلشىغا يوللاپ بىرلىدۇ.

مەكتەپ مۇدىرى:                                                                   سىنىپ مۇدىرى:

ئائىلە باشلىقى:                                                                      ئوقۇغۇچى:


xx يىزا xx باشلانغۇچ مەكتەپ
2012-يىلى 7- ئاينىڭ 19-كۈنى

باھا سۆز

admin ۋاقتىدا يوللاپسىز... رەھمەت!  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 16:32

191

تېما

41

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4270 سەر
تىللا
706 دانە
تۆھپە
5614 سەر
شۆھرەت
3342 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 18:39:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىل چىقىش ۋاقتىدىكى  كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ماتىرياللارنىڭ بىرسىنى يوللاپسىز .
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
بۇندىن كېيىنمۇ تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز .

0

تېما

1

دوست

298

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
171 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
-19 سەر
شۆھرەت
-25 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 17:15:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كېيىنمۇ تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-1-19 04:51, Processed in 0.232162 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش