پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2362 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 5

تەمسىل بىلەن ئىدىئومنىڭ پەرقى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
92
قىزغىنلىق
243 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
86 سەر
شۆھرەت
109 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 11:47:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەمسىل_خەلقنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريانىدا بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى بىۋاستە ئەمەس،بەلكى ۋاستىلىق،كۆچمە مەنىدە ئىپادىلەيدىغان،شىئېرى خۇسۇسىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇراقلىق جۈملىلەردۇر.
   ئىدىئوم_كۆچمە مەنىدىكى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىدۇر.
   گەرچە،تەمسىل بىلەن ئىدىئوم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى«تۇراقلىق بىرىكمىلەر» ئائىلىسىدىكى قوشماقلاردىن بولۇپ، مەنە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئوخشاش شەكىلگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تاشقى تۈزۈلۈش شەكلى،ئىچكى مەزمۇنى جەھەتتىن كۆپ پەرقلىق.
  تەمسىل تۇراقلىق جۈملە بولغاچ ،ئۇنىڭغا چوڭقۇر بىر ھېكمەت -پەلسەپەۋىي پىكىر ياپتا شەكىلدە خۇددى ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈرگۈزگەندەك ئۇسۇلدا ئىپادىلىنىدۇ. ئىدىئومدا بولسا ،ئوي-پىكىر ئەمەس،بەلكى مەلۇم بىر ئۇقۇم كۆچمە مەنىدە يوشۇرۇن ،ئوبرازلىق رەۋىشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تاشقى تۈزۈلىشى «-ماق،-مەك»  شەكىلدە بولىدۇ. ئىاىئوم ئادەتتە، تەسۋىرىي سۆز بىرىكمىسى ھېساپلىنىدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا،ئىدىئوم ئىنتايىن ئوبرازلىق كۆچمە مەنىلىك تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى بولۇپ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ.بۇ جەھەتتىن ئۇ كۆچمە مەنە ئىپادىلەيدىغان بىرىككەن سۆزلەردىن، مېتالۇرادىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8098 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4563 سەر
شۆھرەت
5251 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 12:05:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ تېلىنى تەتقىق قىلىدىغان ياخشى تېما ئىكەن. مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي! تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنى يېزىپ چىقىشىڭىزغا تېلەكداشمەن!!

بولسا تەمسىل بىلەن ئىدىئومغا مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن!
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2744 سەر
تىللا
437 دانە
تۆھپە
1677 سەر
شۆھرەت
1820 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 14:15:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پايدىلنىش قىممىتى بولغان ماتىريالكەن رەھمەت سىزگە .
مەنمۇ ئىدىئوم توغرىسىدا ئازراق قوشۇپ قوياي .
ئىدىئوم  ئەسلىدە گىرىكچە سۆز بولۇپ ،بىزگە ئىستىمال قىلىنغان مەنىسى « ئالاھىدە سۆز » ، « تۇراقلاشقان باشقا بىر ئومومى مەنىدىكى سۆز » دىگەندىن ئىبارەت .
ئىدىئومدىن بىرنى سوۋغا قىلاي :
« ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك » مەنىسى : قانداقتۇر ئاغزىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەنلىكىنى ئەمەس ، بەلكى ھەددىدىن ئارتۇق خوشال بولۇپ كېتىشىنى بىلدۇرىدۇ .
  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3961 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2371 سەر
شۆھرەت
2483 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 14:59:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،رەھمەت
مەنمۇ بىرئىديوم سوۋغا قىلاي«ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچمەك »
« ئۆچكە جاڭگال چۈشەپتۇ ،توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ.»
بىر دەپ ئىككى بوپ كەتتىغۇ بۇ  ئەمدى

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
653 سەر
تىللا
97 دانە
تۆھپە
219 سەر
شۆھرەت
295 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 19:58:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تەمسىل ۋە ئىدىيۇمدىن بىر نەچچە ئېيتىپ باقاي:

تەمسل:ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇر.    چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە ،مۆشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەر...

ئىدىيۇم:دوپپىسىغا جىگدە سالماق،قاپىقىدىن مۇز ياغماق...
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1141 سەر
تىللا
382 دانە
تۆھپە
497 سەر
شۆھرەت
599 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:04:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئۆچكە جاڭگال چۈشەپتۇ ،توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ.»
ئاۋۇ ئىدىئوم ئەمەس، پەرى خانىم!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 04:23, Processed in 0.181505 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش