پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 2

خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
2
قىزغىنلىق
56 سەر
تىللا
77 دانە
تۆھپە
36 سەر
شۆھرەت
-7 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 20:44:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم
(ھېكايە)

جېلىل ئاۋۇت



_ ئەخمەت مۇئەللىم،سىز تۆتىنچى سائەت دەرس ۋاقتىنىڭ يېرىمى قالغاندا نەگە باردىڭىز؟
_ ياتىقىمغا كىرىپ تاماق ئىتىپ يىگەن ئىدىم.
_ تاماقنى چۈشلۈك ئارامدا ئىتىپ يىسىڭىز بولمامدۇ؟
_ قىرىق مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا تاماق پىشۈرۈپ يەپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن،شۇڭا تۆتىنچى سائەتتە دەرسىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرراق تاماق ئىتىپ يىگىلى چىققان ئىدىم.
_ تۆتىنچى سائەتتە دەرسىڭىز بولمىغان بىلەن خىزمىتىڭىز بارنى بىلمەمتىڭىز!
_ بىلىتىم،بىلسەممۇ قانداق قىلىمەن! ئاچ قورساق خىزمەت قىلغىلى بولمايدىكەن بۇ سەھرادا.
_ كىم سىزنى ئاچ قورساق خىزمەت قىلسۇن دەپتۇ،تاماق ئىتىپ بېرىدىغان خوتۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ!؟
_ ئەمدى شۇ شۇجاڭ،قىز بالا بىكارغا تەگمەيدىكەن،بۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققىم بىلەن يا ئۆيلەنگۈدەك پۇل يىغالمىدىم.
_ پۇل يىغالمىغان بولسىڭىز،مەن خوتۇن ئالىتىم،ياردەم قىلىڭلار دەپ،خورجۇن كۆتۈرۈپ تىلەڭ!
_ ئۇنداقمۇ  دەپ كەتمىسىلە شۇجاڭ،مەنمۇ  رەسمىيلىشىپ قالامەن بىر كۈنى.
_ نېمىشقا دېمەيمەن! بىر كۈنى بولسا كېچىكىڭ،بىر كۈنى بولسا بالدۇر ئارام ئېلىۋېلىڭ!‹‹ھېجى قىز تۆۋە قىلماپتۇ،تۆۋە قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ››دەپ شۇنچە قېتىم نەسىھەت قىلسام تۈزەلمىگەن...
_ ھەي ئوغىرى كىم ھېجى قىزىكەن!ئاغزىڭنى چاغلاپ گەپ قىل جۇمۇ!كىچىكەن،بالدۇر ئارام ئالغان بولسام،ھەر ئايدا كاڭگۇڭ قىلىۋاتىسەنغۇ!
_ سەن ھېجى قىز! سەن بولماي كىم ھېجىقىز بولۇتتى!
_ مېنىڭ قېيىرىم ھېجى قىزكەن،ھېجىقىزلىقىمنى كۆرسىتە!
_ ھېجى قىزلىقىڭنى تېخىچە بىلمەيۋاتامسەن!ھېجى قىز بولمىساڭ يىگىرمە ئالتە يېشىڭغىچە خوتۇن ئالالماي يۈرەمتىڭ!
_ نېمە دەيدۇ ماۋۇ ماز ئوغىرى،چىشىڭنى بىردىن تۆكۈمەن ھازىرلا!
ئەخمەت مۇئەللىم چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ مەكتەپ مودېرى تۇرەك توختىنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى.دەل شۇ چاغدا دەرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ ئۇلارنى تۇتىۋېلىشتى.
_ ۋوي نېمە بولدى ئەخمەتجان،گەپ بولسا چىرايلىق دەڭ!
_ مېنى قويۇپ بېرىڭلار ئاداش،ماۋۇ ماز ئوغۇرى مېنى ھېجى قىز دەيدا ئەجەپ،بۈگۈن يا ئۇ مېنىڭ ھېجىقىزلىقىمنى چىقىرىدۇ، يا مەن ئۇنىڭ چىشلىرىنى بىردىن تۆكۈمەن.
_ ھېجى قىز بولماي نېمە سەن،يەنە دەيمەن،سەن ھېجى قىز!ھېجى قىز بولمىساڭ،خوتۇن ئالالايتىڭ!
_ شوجاڭ،سىلىمۇ چىرايلىق گەپ قىلسىلا  بولمامدۇ! ماڭسىلا،بىردەم ئۆيلىرىگە كىرىپ تاماكا چىكىپ چىقسىلا!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككەيلەننى ئايرىۋېتىشى بىلەن بۇ جىدەل ئاران بېسىقتى.

                                            X                                                              X               
_ مائارىپ ئىدارىسىغا قەدەملىرى يىتىپ قاپتىغۇ تۇرەك شۇجاڭ!ئۆزلىرى،بالا-ۋاقىلىرى،مەكتەپ ئىچى تىنىچلىقتۇ؟
_ تېچلىق...،جۇيجاڭ،سىلىگە مەلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى، شۇڭا...
_ ھە،نېمە ئىشتى،يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىلىتەلمىدىم،بوي سۇنمىدى،دەپ كەلمىگەنلا!
_ ياق... بۇ قېتىم،ئىقتىسادىي ئىش بىلەن كەلگەن.
_ ئىقتىسادىي ئىش؟ قانداق ئىقتىسادىي ئىش، تېز دېسىلە!
_ مەكتىۋمىزنىڭ بۇغالتىرى ئەخمەت مەمەت مەكتەپنىڭ ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك نەچچە يۈەن نەق پۇلى بىلەن بۇيىل تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئونبەش ياشلىق چىرايلىق قىزىمنى ئېلىپ قېچىپتۇ!
_ ۋوي تۈز گەپ قىلسىلا،بىر ئوبدان خىزمىتنى تاشلاپ قاچىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ  بولامدۇ؟
_ ئۇ ئاتمىش يۈەن ئىش ھەققى ئالدىغان دەيكۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى،شۇڭا...
_ دەيكۇ ئوقۇتقۇچى؟!مەكتەپتە گۇڭبەن ئوقۇتقۇچى يوقمىتى! سىلە نېمىشقا دەيكۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇغالتىرلىقنى تۇقۇزغان؟ئۇنى نەدىن تاپسىلا –تاپسىلا، بولمىسا ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى تۆلەيلا!
_ ھۈ..ھۈ.... مەن يا خەنزۇ تىلى بىلمىسەم،ئەمدى قانداق تاپامەن ئۇ ھېجى قىزنى  كۇلىيدىن.....
_يىغلىماي سۆزلىسىلە!ئۇلارنىڭ كۇلىيگە كەتكىنىنى سىلە قانداق بىلدىلە؟
_ ئاخشام تېلېفۇن قىلىپتۇ بىز  لەنجۇدا دەپ.
_ كىم تېلېفۇن قىلىپتۇ؟
_ ئەخمەت دېگەن ھېجى قىز تېلېفۇن قىلىپتۇ.
_ چىرايلىق گەپ قىلسىلا،قىزلىرىنى ئېلىپ قاچقان ئادەمى تولا ھېجى قىز دەۋەرمىسىلە.نېمە دەيدۇ ئۇ تېلېفۇندا؟
_ قىزلىرىدىن خاتىرجەم بولسىلا،كېلەر يىللىققا قىزلىرى يەڭگىگەندە ئاندىن ئۇنى ئېلىپ مەھەللىگە بارمەن دەيدۇ.ھۈ...ھۈ...قىزىم تېخى يەنە ئونبەش كۈندىن كېيىن تولۇقسىزنى پۈتۈرەتتى.مەن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتۈرگىچە ئوقۇتاي دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.ھۈ...ھۈ...
_ ئۇلار قاچقىلى قانچە كۈن بولدى؟
_ قىزىم بىلەن ئىككىسى يوقاپ كەتكىلى بىر ھەپتە بولدى،بىز ئۇلارنى ئىزدىمىگن جاي قالمىدى.
_ بىر ھەپتە بولغىچە نېمە ئىش قىلدىلا،ئىدارىگە مەلۇم قىلماي،ئۇلارنى ئۆزلىرى قاچۇرۋەتلىمۇ يا!
_ تۆۋە دېسىلە جۈيجاڭ،مەن ئۇنىڭغا بەك ئۆش.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان،گەپ قىلىشمىغىلىمۇ يېرىم يىلدەك بولغان...
_ ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتىدىغان سىنىپى بارمىتىى؟
_ سىنىپ تۇتمايتى،خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتەتتى.
_ بولدى،كۆڭۈللىرىنى پاراكەندە قىلماي،ئىدارىگە قارىتا بۇ ئىش توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇمات يازسىلا! ئۇ كەلمىسە ئېلىپ قاچقان پۇلنى سوت ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئالارمىز.
  _ ۋاي جۈيجاڭ،نەدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسۇن،دادىسى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن،ئاپىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردىغان چاغدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنىمىسى يوق يالاڭ تۆش دېسىلە ئۇ......
كىشىلىك ھايات كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىگە قەرزدار بولىشىدۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
289 سەر
تىللا
417 دانە
تۆھپە
192 سەر
شۆھرەت
69 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 16:24:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى يوقمۇ ؟
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
56 سەر
تىللا
77 دانە
تۆھپە
36 سەر
شۆھرەت
-7 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 21:34:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقتى كۆيەڭ
كىشىلىك ھايات كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىگە قەرزدار بولىشىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 02:00, Processed in 0.678309 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش