سىز لاياقەتلىك ئاتا–ئانىمۇ؟(قىسقا سىناق)

سىز لاياقەتلىك ئاتا–ئانىمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىز تۈۋەندىكى قىسقا سىناقنى ئىشلەپ كۆرۈڭ:
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار سىزدە بار بولسا «ھەئە» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ، ئەگەر يوق بولسا «ياق» دەپ ئىنكار قىلىڭ.

1.بالىڭىزغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردىڭىز ۋە ئۇنىڭدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتۈۋاتىسىز. شۇڭا بالىڭىز بېرەر قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭغا تاپا-تەنە قىلىپ، ئاچچىقلىنىسىز ياكى قول تەككۈزىسىز. 2.سىز بىر ئاتا، ياكى ئانا، ئائىلىڭىزدە بەلگىلىك نوپۇز ۋە ھۆرمەتكە ئىگە، شۇڭا ئۆزىڭىزدىن سەۋەنلىك ئۆتكەندە بالىڭىزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سورىمايسىز. 3.سىز بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىسىز، قاتتىق قول ۋە تەلەپچان، شۇڭا بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا سورۇن تاللىماي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىڭىزنى ئەيىبلەيسىز. 4. سىز بىر ئاتا، ياكى ئانا تۇرۇقلۇق جاۋاپ بېرەلمىسىڭىز سەت بۇلىدۇ، شۇڭا بالىڭىز سورىغان «نېمە ئۈچۈن»لەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز. 5.خىزمىتىڭىز ئالدىراش بولغاچقا بالىڭىز بىلەن مۇڭدىشىدىغان ۋاقىت چىقىرالمايسىز. 6.نوپۇس كۆپەيگەن، تۇرمۇش رېتىمى تېزلەشكەن بۈگۈنكى كۈندە بالىڭىزغا ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئاجرىتىپ بېرەلمەيسىز. 7.بالىلارنىڭ قىزىقىشى كۆپ خىل، ئارزۇ-ھەۋەسلىرى رەڭدار بولغاچقا، بالىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. 8.سىز بالىڭىزغا ئامراق ۋە بالىڭىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە كۆڭۈل بۆلىسىز، شۇڭا باشقىلار بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسەتكەندە، بالىڭىزغا يان باسىسىز. 9.خىزمىتىڭىز ئالدىراش، قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز كۆپ، شۇڭا بالىڭىز بىلەن بىللە ھەرخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالمايسىز. 10.بالىڭىز كىچىك، ھەم جىسمانى كۈچى ئاجىز، شۇڭا بالىڭىزغا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرمايسىز. 11.بالىڭىز كەپسىز، ئۈگىنىشىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا سىز بالىڭىزدىن كۆپ ئۈمۈت كۈتۈپ كەتمەيسىز. 12.سىز نوپۇزلۇق ئائىلە باشلىقى، شۇڭا سىز بالىڭىزغا تەنبىھ بەرگەندە، بالىڭىزنىڭ سۆز قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىگە يول قويمايسىز. 13.خىزمەت بېسىمىڭىز ئېغىر، ئائىلە ئىشلىرى كۆپ، شۇڭا بالىڭىزنى پات–پات سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ، ئايلاندۇرۇشقا ۋاختىڭىز يوق. 14.سىز بالىڭىزنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ، ياراملىق ئادەم بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىسىز، شۇڭا سىز بالىڭىزنىڭ ئۈگىنىشتىن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايسىز. 15.ھازىر تىجارەتچىلەر ھىلىگەرلىشىپ كەتتى، شۇڭا سىز بالىڭىزنىڭ ئوقۇش قوراللىرىنى ئۆزى سېتىۋېلىشىغا يول قويمايسىز.

ئۆزىڭىز «ھەئە» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن جاۋاپنىڭ سانىنى ئىنكاس شەكلىدە يازسىڭىز، نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىز.
سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ
مەيلى قايسى خىل جاۋاپقا ئېرىشكەن بۇلۇڭ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ پەرزەنتلەر ئالدىدىكى ئاتا-ئانىلىق بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيىتىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇن! ‹‹داننىڭ توقلىقى تۇپراققا باغلىق، قىزنىڭ زىبالىقى ئانىغا باغلىق›› بولغىنىغا ئوخشاش، بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بۇلۇشى- ئۇ، سىز ۋە ماڭا ئوخشاش ئاتا-ئانىلارغا باغلىق!  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-17 07:24
|