پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 0

ئىبلىس (ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
0
قىزغىنلىق
644 سەر
تىللا
562 دانە
تۆھپە
345 سەر
شۆھرەت
35 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 01:36:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبلىس (ھېكايە)

قارغىشلىق ئەر، چۆللەشكەن يەر. (خاتىرەمدىن)

  شەرقىي ئۇپۇق سۈزۈلۈشكە باشلىغان پەيت. نويابىرنىڭ تاڭ سوغۇقى خېلىلا جانغا تېگەتتى. بۇ چەت مەھەللىنىڭ خورازلىرى، ئىت- ئېشەكلىرى شاۋقۇن- سۈرەنلىرىمىز ئاۋات مەھەللىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشسۈن دېدىمۇ، چىللىغان، ھاڭرىغان، قاۋىغان ئاۋازلار مەھەللىنى بىر ئالغان ئىدى. بۇ ھالەت بۈگۈنكى يېڭى تېرىكچىلىكنىڭ ئاللىقاچان باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقانلارغا قانداقتۇر بىر خىرىسنى ھېس قىلدۇراتتى. ئاياللارنىڭ ئېشەكلەرگە بوغۇز تۆكىدىغان، ھويلا- ئارامنى سۈپۈرۈپ، ئاش- تاماققا تۇتۇش قىلىدىغان پائالىيەتلىرىمۇ باشلىنىپ كەتكەن. توغراقزارلىقتىن تۇتاشقان قىزىل بىر پارچە ئوت مەھەللىگىچە كېڭەيگەندەك تۇيغۇ بېرىدىغان تاڭنىڭ قىزىل شەپىقى، بۇ كىچىككىنە بوستانلىنى ماي بوياق رەسىمدەك گۈزەل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەمما مەھەللىنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى تېخى باشلانمىغان، ھاياتلىقنىڭ تۈۋرىكى، يۆلىكى بولغان ئەرلەر تېخى مەسچىتتىن چىقمىغان ئىدى. ھەئە، بۈگۈن ئۇلار نېمىشقىدۇر سەل كېچىككەن، قوياش ئۆزىنى كۆرسەتكىلىۋاتسىمۇ بۇلار تېخىچە مەسچىتتىن چىقىشمايۋاتقان ئىدى.

   _جامائەت مېنىڭ بىر تەلىپىم بار ئىدى.

   ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان كىچىككىنە مەھەللە مەسچىتىدە لىققىدە ئولتۇرغان مەھەللىنىڭ جىگەرلىرى بۇ گەپنى قىلغان كىشىنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق ھەيرانلىق ھېس قىلىشتى. چۈنكى مۇشۇ ئون نەچچە يىلدا، دەل مۇشۇ ناماز تۈگەپ دۇئادىن يانغان مەزگىلدە دائىم بىر خىلدا تەكرارلىنىدىغان، <<جامائەت مەھەللىمىزنىڭ تىنچ ئامانلىقى، ئۆم- ئىناقلىقى ئۈچۈن يەنە بىر دوئا قىلايلى>>، دەپ جامائەتكە مۇراجىئەت قىلىدىغان بۇ كىشىنىڭ مۇشۇ ئىلتىجاسىغا ھەممە كۆنۈپ كەتكەن، جامائەت بىر قېتىممۇ شۇ دۇئانى قىلماي مەسچىتتىن چىقمايتتى. ھەتتا سايىماخۇن دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خۇدا قۇلى يوۋاش بەندىنىڭ شۇ ئىلتىجاسى ئاڭلانماي قالسا جامائەت بىر- بىرىگە قارىشىپ ئۇنى مەسچىتكە كېلەلمەي قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغان، شۇ دوئانى قىلمىغىنى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىنى غەشلىك قاپلىۋالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ھەئە، جامائەت بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن ئىدى. سايىماخۇن ھازىر قېرىپ مۆكچىيىپ كەتكەن، گاھىدا سەل ئالا جۆيلۈپمۇ قويىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا جامائەت كىرسىن چىراقنىڭ ئاجىز نۇرىدا ئۇنىڭغا بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى.

   -بۇنداق دېسەم مېنى ئالجىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ قېلىشمىسىلا، ماڭا خاپا بولماي بىر شىشە كىرسىن تېپىپ بېرىشسىلە، مۆمىن كېپەككە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتەي .... سايىماخۇننىڭ بۇ گېپىدىن جامائەت قاتتىق چۆچۈپ كېتىشتى. مۆمىن كېپەك دەل مۇشۇ سايىماخۇننىڭ يالغۇز ئوغلى، ئەقلى سەل كەمتۈك، بېشى كىيمە تاز، مەھەللىدە كىشىلەرنى قاقشىتىپلا يۈرىدىغان، يا ئەقلى كەمتۈكلىكىگە ئىچ ئاغرىتىشنى ، يا ئەدەبلەب قويۇشنى بىلگىلى بولمايدىغان مەتۇراق بالا ئىدى. مەسچىتكە چىقمايتتى، نامازمۇ ئوقۇمايتتى. بەزىلەر ئۇنى ھېلىقى نىجىسنى ئىچىدىكەن، تاماكا تارتىدىكەن، مەھەللىنى بۇلغىمىغىيدى بۇ كەلگىندى، دەپ قارغاپ يۈرەتتى. نېمىشقا كېپەك دېگەن لەقەمنىڭ ئورنىشىپ قالغانلىقى بولسا ھەممىگە ئايان، ئۆز ئۆيىدىن ھەمىشە كېپەك ئوغۇرلاپ ساتىدىغان يامان قىلىقى ئۇنىڭغا مۇشۇ ئېسىل سوۋغىنى ھەدىيە قىلغان. راست سايىماخۇنلا تاش يۇرتلۇق مۇشۇ سايىماخۇندىن باشقا كىشىلەر ئەزەلدىن مۇشۇ مەھەللىدە توغۇلۇپ ئۆسكەن، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئورۇق- تۇققاندارچىلىقى بولغاچقا بەكلا ئۆم- ئىناق بىر كەنت ئىدى. پاراكەندىلىك تۇغۇلدى دېسە ھېلى ئۇنىڭ توخوسىنى، ھېلى بۇنىڭ كەپتىرىنى ئوغۇرلاپ كېتىدىغان ئاشۇ مۆمىن كېپەكتىنلا پاراكەندىچىلىك تۇغۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ يېقىندا توي قىلغان، ئېنىقىنى دېگەندە نەدىندۇر بىر كۆزلىرى كۆپ- كۆك، چىرايى ئاسلاندەك سېرىق بىر چوكاننى ئەكىلىۋالغان ئىدى. مۆمىن كېپەكنىڭ ئاشۇ خۇيلىرىنى ئويلاپ ئولتۇرغان جامائەت مەھەللىنىڭ بىرلىك، ئىناقلىقىنى قوغداشقا بەكلا كۈچەيدىغان مونۇ سايىماخۇندەك ناتىۋان بوۋاينىڭ سۆزىدىن قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى ھېس قىلغاندەك، توۋا، دىيىشكەن ئاۋازلاردىن كېيىن گەپنىڭ ئاخىرىغا تەلمۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرىشاتتى.
   - ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك جامائەت، ئۇ كېيىن سىلەرگە بالا بولىدۇ.
   بىچارە بوۋاي شۇ سۆزنى قىلىپلا يىقىلىپ چۈشتى، جامائەت ئۆرە- تۆپە بولۇشۇپ، ئۇنى يۆلەپ ھاپاشلاپ دىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەكەلدى. شۇ كۈنى جامائەت ئامانلىقنى تېلەپ دۇئامۇ قىلىشمىدى.
   سايىماخۇن مەسچىتتە شۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن ئۆرە بولالماي، بىۋاپا دۇنياغا ئارتۇقچە نالە قىلىپمۇ يۈرمەي، پەقەت، مۆمىن كېپەكنى ئۆلتۈرىۋەتسەم كېيىن خەق مېنى قارغاپ يۈرمەيتتى، دېگەندەك جۆيلۈش ئارىلاش گەپلەرنى قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى. جامائەتمۇ ئۇنى چىرايلىق دەپنە قىلىپ خوشنىدارچىلىقنى ئادا قىلىشتى. ئەمما ئاشۇ مۆمىن كېپەك ناماز كۈنى يوقاپ كەتتى. بىچارىنىڭ نەزرىلىرىگىمۇ ئىگە چىقماي قالدى. كىشىلەر بۇنداق نائەھلى بالىنى بەرگۈچە ئېگىسى ... دېيىشىپ قېلىشتى.

   شۇ كۈنلەردە مۆمىن كېپەكنىڭ ئايالىدىن راسا دۇمبا يېگەنلىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىغا چىقىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئەسلى مۆمىن كېپەكنى دۇمبالىغىنى مۇشۇ كەنتتىكى جىگەرلىك يىگىت مۇھەممەت ئىدى. مۇھەممەت قاۋۇل، قاش- كۆزلىرى كېلىشكەن يىگىت. ئۇ كىچىك تۇرۇپلا بەك ئەخلاقلىق، قائىدە- يۇسۇنلۇقلىقى بىلەن ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە. شۇ كۈنى مۇھەممەت نېمىشقىدۇر مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى جىگدىلىككە بارغان. شۇ يەردە بىر قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگرەپ بارسا مەھەللىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز گۈلسەنەمگە مۆمىن كېپەك ئېسىلىۋالغان، گۈلسەنەم يۇلقۇنۇپ ئۇنىڭدىن ئاجرىيالماي ۋارقىراۋاتقان ئىكەن. مۇھەممەت ئېتىلىپ بارغانچە مۆمىن كېپەكنى قاماللاپ تۇتۇپ دەست كۆتەرگىنىچە بېشىغا ئېلىپ يەرگە ئاتقان، ئاندىن راسا دەسسەپ، دۇمبالاپ جېنى چىقاي دېگەندە قوڭىغا تېپىپ ھايدىۋەتكەن ئىكەن. ئۆيگە كەلسە ئايالى ماينۇر ئۇنىڭ ئەپتىگە قاراپ قولىغا نوغۇچنى ئېلىپ چالىسىنى تولۇقلىغان ئىكەن. مېدىنىڭ ئالدىدىن قاچقان ھاڭگىدەك مۆمىن كېپەكنىڭ نوغۇچ كۆتۈرگەن ماينۇرنىڭ ئالدىدىن قاچقان مۇشۇ گەپلەر نەچچە ۋاقىتلارغىچە مەھەللىدە ئېقىپ يۈردى.
   شۇ ئىشتىن كېيىن مۇھەممەت گۈلسەنەمگە توينى تىزراق قىلىۋېتىش توغرىلىق ئېغىز ئاچقانمىش...
   بىر كۈنى مۇھەممەت تازا ئالدىراش بىر ئاغىنىسىنىڭكىگە ماڭدى. چۈنكى توي ئىشىغا چېچەك چىققان، قىزنىڭ سەپرا دادىسى تەيپىنەمنىڭ ۋاقتىدىكى مۇھەممەتلەرنىڭ بوۋىسى بىلەن بولغان ماجرانى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ قىزىنى مۇھەممەتكە بېرىشتىن چورتلا يالتايغان، بۇ سەۋەب بىلەن كىچىكىدىنلا ئاتىسىدىن يېتىم قالغان مۇھەممەتنىڭ بېشى قېتىپ، ئاغىنىسىنىڭكىگە ماڭغانىدى. ئۇ مۆمىن كېپەكنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىشىگە ماينۇرنىڭ چالۋاقىغان مونۇ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى.
   -قاچانغىچە مۇشۇنداق نامرات ئۆتىمىز، مەن ساڭا جاپا چەككىلى تەگكەنما؟ پۇل تاپىدىغان ئىشىڭ يوقما قۇيماق!
   مۆمىن كېپەك ئايالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يالۋۇرۇش ئاھاڭىدا:
   -ئانداق ئەدەمنى قىستىماڭلا، قانداق قىلىپ پۇل تاپىمەن؟
   ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، مۇھەممەت قەدىمىنى سەل ئاستىلاتتى.
   - قانداق قىلىپ پۇل تاپىمەن دەپ مەندىن سورامسەن؟ يا مەھەللىدە بىر پۇللۇق ئىناۋىتىڭ يوق، يا يانچۇقۇڭدا بىر پۇلۇڭ يوق، خوتۇن ئالغۇچە ئەرگە تەگسەڭمۇ بوپتىكەن. ئاڭلا يېغىرباش. مۇنداق پۇل تاپىمىز. شەھەردىن نېسىگە بولسىمۇ ھاراق ئېلىپ چىق ھەسسىلەپ پۇل قوندۇرۇپ ساتىمىز.
   بۇ جادى خوتۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مۇھەممەتنىڭ يۈرىكى ئۆيگەندەك بولدى. ئاۋۇ لامزەللە كېپەك بولسا:
   - ياق خوتۇن، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھاراق ئىچمەيدۇ. ھەتتا ئۇلار مېنى ھايداپ چىقىرىشى مۈمكىن.
   - قورقما تاز. ھاراق ئىچۈرىدىغان ھۈنەر مەندە بار...
   -بۇ چەت مەللىدە ئۇنداق ئىشلار ئاقارمۇ؟
   -چەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا تازا ئاقىدۇ.
   مۇھەممەت ئارىلىقتا چالۋاقاشتىن توختاپ شىۋىرلاپ دېگەن  گەپنى ئاڭلىيالمىدى. ئەمما ئۆزىگە نەچچە قېتىم يۇشۇرۇنچە قاش ئاتقان مونۇ خوتۇننىڭ ھەقىقەتەن جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدىغان جادى ئىكەنلىكىنى ئويلىغاچ غەملىرىگە غەم قېتىلغان ھالدا، ئاغىنىسىنىڭكىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

   نەچچە ھەپتە ئۆتمەيلا مەھەللىدە غەلىتە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگىلى تۇردى. ئەزەلدىن باھالاش كەلمىسە ماشىنىنىڭ قەدىمى تەگمەيدىغان مەھەللىنىڭ توپا يولىدىن كىچىك ماشىنىلار ئۆكسىمەيدىغان، مۆمىن كېپەكنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ھەر ئېسىل ماشىنىلار تىزىلىپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتى. تەڭ يېرىمغىچە ناخشا سازنىڭ ئاۋازى مەھەللىنىڭ ئىلگىركى چىكەتكە ئاۋازلىرىنى ئۆچۈرىۋەتكەن، تومۇزغىلارمۇ بۇ غالدى- غولدۇڭ موزىكىلەرغا ئورۇن بوشاتقان ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى. مۆمىن كېپەكنىڭ ئۆيىدە نەچچە ساھىپجامال بارلىقى، قانداق ئويۇنلارنىڭ قىزىيدىغانلىقى، بىچارە سايىماخۇننىڭ ئەجىرىدە پۈتكەن ئەڭ خىلۋەت ھوجرىلىرىنىڭ باھاسىلا مەھەللىدىكىلەرنى چۆچىتىدىغانلىقى مەھەللە ياشلىرىنىڭ يۇشۇرۇن سۆزلىشىدىغان تېمىسى بولۇپ قالدى. ھازىر گەپ بولسىلا مۆمىن كېپەكنىڭ ھوجرىلىرى، ساھىبجاماللىرى، شارابلىرى توغرىلىقلا گەپ بولاتتى. مويسىپىتلار مەھەللىنى ۋابا باستى. ئەمدى كۆرۈڭلار، قۇرۇيمىز. دېيىشلىرى، ئاياللارنىڭ مۆمىن كېپەكنىڭ ئۆيىدىكى ئويۇنلاردىن تۆۋە دەپ ياقا چىشلەشلىرى، ياشلارنىڭ مەھەللىدە كىمنىڭ مۆمىن كېپەكنىڭ قازناقلىرىغا كىرىپ، كىملەرنىڭ كىرەلمىگەنلىكى، ھېلىقى ئادەمنى داپ يۈز قىلىپ، ئەركەكلىكنى قورقماي ئىشقا سالغۇزىدىغان شاراب دېگەن نەرسىنىڭ تۇز- تەمى توغرىسىدىكى گەپلەر گاھى يۇشۇرۇن، گاھى ئاشكارە دىيىلەتتى. شۇنداق مەھەللىدە ھەممە كىشىدە ئۆزگىرىش، ھاياجان، ئەندىشە ئادەمدە بار ئىدى. ھېچكىم ئۆزىنىڭ نېمىدىن قورققانلىقىنى دەپ بېرەلمەيتتى. ئىش قىلىپ بىر ئىش بولىدىغاندەك، بىر ئاپەت ئۆزلىرىگە يۈزلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىشاتتى. ئەمما ھېچكىم بۇنىڭ سەۋەبچىسى مۇنۇ كېپەك، ئۇنىڭغا ئاز- پاز گەپ قىلىپ قوياي دېمەيتتى. مەسچىتتە ئىمام مۆمىن كېپەككە دارتمىلاپ ئاچچىق سۆزلەيتتى. مويسىپىتلەرمۇ مۆمىن كېپەكنىڭ ھامان دادىسىنىڭ قارغىشىغا كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ پۈتۈن يولدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىشەتتىيۇ، بىرەرسى چىش يېرىپ مۆمىن كېپەككە بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. ئاللىنىمىدىندۇ خەۋپسىرەيتتى. بالىلىرىنى ئاللىقانداق يامان ئىشلاردىن گۇناھ توسۇقلىرى بىلەن توسايتتى-يۇ، بالىلىرىنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلمەيتتى. ھازىر راستىنلا مۆمىن كېپەكنىڭ تىجارىتى يۈرۈشۈپ، تازلىرى تۆكۈلۈپ قىپ- قىزىل قىزىرىپ تۇرىدىغان بېشىغا بىر شىلەپىنى كىيىۋالغان، كاستومنى قىرلاپ كىيىپ، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە پەردازلاپ، يۈزلىرىگە ئاپئاق ماي، لەۋلىرىگە قىپ- قىزىل لەۋسۇرۇخ سۈرىۋالغان خوتۇنىنىڭ كەينىدىن غادىيىپ ماڭاتتى. شەھەردىن چىقىدىغان مېھمانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. يەنە يېزا- يېزىلاردىن بۇ خىلۋەتخانىنى پۇراپ تېپىپ كېلىدىغان خېرىدارلارمۇ ئاۋۇپ كەتكەن، ئىش قىلىپ ھازىر مۆمىن كېپەك ئالچاڭلاپ، ئۆزىگە تازا كىبىر قوندۇرىۋالغان ۋاقىتلار ئىدى.

   مۇھەممەت مەھەللىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە تاڭ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ گۈلسەنەم بىلەن بولغان ئىشلىرىنىڭ تېخى ئاخىرى چىققىنى يوق. سەپرا بوۋاي تېخىچە گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس. ئەمدى ما مەھەللىدىكى سېسىق نامى بارغانچە ھەممە يەرگە تارقىلىپ كېتىۋاتقان ئىشلارنى ئويلىغىنىدا ئۆزىنى باسالماي قالاتتى. ئاغىنىلىرىنىڭ ئەخمەقلىقى تېخى، مۆمىن كېپەكنىڭ ھوجرىلىرىغا تەپ- تارتماي كىرىپ، نېمە ئىشلارنى قىلىپ چىققىنى ماختاپ سۆزلەيدىغان بولىۋالدى. ھەتتا ئايالى بار ئاغىنىلىرىمۇ شۇ ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. لەنەت، مۆمىن كېپەككە، لەنەت شۇم تەلەت ئايالىغا... مۇھەممەت شۇنداق دەپ ئويلىغىنى، قارغىغىنى بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ھېچ ئىشىنىڭ ئاخىرى چىقاي دېمەيتتى. يالغۇز ئانىسى كىمنىلا كۆرسە ئوغلىنىڭ بەختسىزلىكى، گۈلسەنەمنىڭ دادىسىنىڭ قىلغانلىرىدىن دادلاپ يىغلىغىنى يىغلىغان ئىدى. بىر كۈنى مۇئەززىن ئاخۇنۇم ئۇنىڭغا دەپ قالدى:

   -بالام، سەن مەھەللىمىزدىكى ئەڭ تۈزۈك بالىلارنىڭ بىرسى، كەچتە ئىمام ئاخۇنۇم ۋە بىر نەچچەيلەن ئاۋۇ مۆمىن شۈمپەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەسىھەت قىلىپ باقماقچى، سەنمۇ شۇلار بىلەن تەڭتۈش بولغاندىن كېيىن بىللە بارساڭ، بولسا ئاغىنەڭدىن ئۈچ- تۆتنى چاقىرىۋالساڭ...

   مۇھەممەتكە مۇئەززىن ئاخۇنۇمنىڭ گېپى ياغدەك ياقتىيۇ، مۆمىن كېپەكنىڭ گۆلەش چىرايى، ئۇنىڭ تەگ تېگىدىن بۇزۇق خوتۇنىنىڭ پەيلى ئېسىگە كېلىپ كۆڭلى سەل تارتمايمۇ قالدى. ئەمما مەھەللىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاتا يوللۇق ئادەم گەپ قىلسا ئىتى- پىتى دەپ تىل چاينىسۇنمۇ؟

   كەچتە راستىنلا ئون نەچچە ئادەم، مەسچىت جامائىتى، مۇھەممەت ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى بولۇپ مۆمىن كېپەكنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى. بۇ چاغدا تېخى كىچىك ماشىنىلار كېلىپ ئۈلگۈرمىگەن، ھويلىدا كەسمە چاچ بىر نەچچە قىز بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتى. مەھەللە جامائىتىنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇلار پارتلا قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىچكىرى ئويلارگە ئاتتى. ئۆيدىن شىلەپىسىنى قىڭغىر كىيگەن مۆمىن كېپەك چىقىپ كەلدى. ئۇرۇق ئەپتىنىڭ بوران سوققان قوناقتەك لىڭشىپ تۇرىشىدىن قارىماققا ئۇ ئوبدانلا تەڭشىلىپ بولغاندەك ئىدى.

   -ھە كەپ قاپسىلە جامائەت، ئوبدان تۇردىلىمۇ مەزىن ئاخۇنۇم، ئاۋۇ ئىمام كۆرۈنمەيدىغۇ؟

   مۆمىن كېپەك دەلدەڭشىپ مۇئەززىن ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئاۋال قول بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئارقىدىن ھەممىسى بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتى. جامائەت خالىمىسىمۇ ئۇنىڭ قولىنى قايتۇرماي كۈرۈشتى. مۇئەززىن ئاخۇنۇم:

   -ئىمام ئاخۇنۇم ساقسىز بولۇپ قېلىپ كېلەلمىدى. ئەمدى كېلىشتىكى مۇددىئاغا كەلسەك...،-دېيىشىگە مۆمىن كېپەك قولىنى سىلكىپ تۇرۇپ:

   -مۇددىئا- پۇددىئانى قويسىلا ئاخۇنۇم، ئاۋال ئۆيگە كىرەيلى، ئاچچىق چېيىم بار، سىلى ئۆمرىلىرىدە ئىچىپ باقمىغان، يەنە سىلىگە چۈشىدىغان جانانلار بار، جەننەت ھۇزۇرىنى كۆرسىتىدىغان...

   -زۇۋانىڭنى يىغ لەنىتى، تايىقىڭ كەم ئوخشىمامدۇ؟،- دەپ ۋارقىرىدى مۇھەممەت مۆمىن كېپەككە دىۋەيلەپ،- مۇئەززىن ئاخۇنۇم ساڭا چىرايلىق گەپ قىلماقچى.

   مۆمىن كېپەكنىڭ ئېسىگە جىگدىلىكتىكى ئۆزى ھۆ بولغىدەك يىگەن تاياقلىرى ئېسىگە كەلدىمۇ، سەل چۆچۈپ ئۆزىنى ئوڭشىدى ۋە:

   - چىرايلىق گەپ، چىرايلىق گەپ بولسا ئاڭلايلى،- دېدى.

   - سىلىنىڭ دادىلىرى ياخشى ئادەم ئىدى مۆمىناخۇن، سىلىنى ياخشى ئادەم بولسا دەيتتى. مەسچىت جامائىتى بىلەن ھەمنەپەس، مەسچىتتىن قالمايدىغان ئادەم ئىدى. سىلىمۇ ئوڭلۇق بالا بولغان، ئەمدى مۇشۇ ھاراق، زىنا دىگەنلەر دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلاردۇر. سىلىنى مۇشۇ ئىشلاردىن قولىنى يىغىپ، دادىسىنىڭ ئارزۇسىغا لايىق ئىش تۇتۇپ، مەسچىت جامائىتىگە قېتىلارمىكىن دەپ كېلىۋىدۇق.

    مۇئەززىن ئاخۇنۇم گەپنى بەكلا ئۇزارتماي، مەخسەتنىلا دېدى. مۆمىن كېپەك بېشىنى سېلىپ تۇردى ۋە بىردىن:

   -سىلى دېگەندەك ئىشلار بىزدە يوق. بار بولسا ھۆكۈمەتمۇ بىزنى بوش قويمايدۇ. ئارتۇقچە گۇمان قىلمىسىلا، ھاراق سېتىپ، يەنە باشقا بىر نېمىلەرنى ساتقان ئىش يوق-دېدى.

   - ئاۋۇ ئۆيدىكى ھەممىسى ھاراق بولماي نېمە؟-، دېدى مۇھەممەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئاغىنىسى قىيا ئوچۇق ئىشىكنى كۆرسىتىپ. مۆمىن كېپەك يەنە دەرھاللا تەتۈرسىگە يېنىپ:

   -ھاراق ئەمەس، ھاراق ئەمەس ئۇ،- دېدى. جامائەت قىيا ئوچۇق ئىشككە قاراپ مېڭىشتى ۋە قىستىلىشىپ ئۆيگە كىرىدى. ئۆيدىكى كونا جاھازلارغا تىزىلغان يەشك- يەشكلەر، جاھازلارغا ئىلىپ قويغان شىشىلەر گۈگۈمنىڭ خىرە نۇرىدا پارقىرايتتى.

   -ئوبدان كۈرۈشسىلە، ماۋۇ تاز يالغان دەيدۇ، ھەممىسى ھاراق،-قاچانلاردىدۇ كىرىپ كەلگەن ماينۇر يېنىدىن پاسسىدە چاقمىقىنى ياندۇرۇپ، بىر تال شامغا تۇتاشتۇردى ۋە ھاراققا يېقىن ئەكىلىپ:

   -مانا قاراشسىلا ، ھەممىسى داڭلىق ھاراقلار. ھەرقايسىلىرى ما تازنى مازاق قىلىشتىن باشقا نېمە بەردىلە، بىزمۇ تىجارەت قىلىۋاتىمىز، ھۆكۈمەت ئىشلىگەن ھاراقنى ئۆزى خالاپ ئىچىدىغانلارغا قىلچە مەجبۇرلىماي سېتىۋاتىمىز. سىلەر بۇنى ھار ئالىسىلەر چوڭ شەھەرلەردە ھەممە ئادەم ئىچىدۇ،- دېدى ناز قىلىپ تۇرۇپ.

   -يەنە باشقا تىجارەتلەرمۇ باردۇ؟ ئۇنىڭغىمۇ ھۆكۈمەت يول قويغانما؟

   مۇھەممەت ئۆزىگە شىپقاپ يېقىن كېلىپ تۇرغان ماينۇرغا گۆلىيىپ قاراپ شۇنداق دېدى.

   -ئەلۋەتتە بار، باشقىلارغا بولمىسىمۇ سەندەك بەرنا يېگىتكە بار. ھۆكۈمەت يول قويمايدۇ. بېرىپ چاقساڭ روخسەت، قەھرلىك يىگىت- دېدى ماينۇر يەنە مۇھەممەتكە سۇۋۇنۇپ تۇرۇپ، مۇھەممەتنىڭ شۇنداق پەيمانى ئۆرلىدىكى:

   -چېقىش دېگەن سەندەك ئادەم تەلەتى يوقلارغا خاس. بىز سەنلەرنى ئۆزىنى بىلىۋالار دەپ كەلدۇق،- دەپ ۋارقىرىدى ۋە ماينۇرنى ئۆزىدىن نېرى ئىتتەردى. لىڭشىپ ئاران تۇرغان ماينۇر تۇيۇقسىز بۇ زەربىدىن كونا جازىغا ئۈسىۋالدى. جاھازىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ھاراقلار يەرگە چۈشۈپ كۈمپەيكۇم بولدى. ماينۇرنىڭ قولىدىكى شام گۈپپىدە ئوت ئېلىپ چاقماق تىزلىكىدە ئوت كەتتى. ھەممە ئالدىراپ جانلىرىنى سىرتقا ئېتىشتى. بىردەمدىلا بوتولكىلارنىڭ پارتلىغان ئاۋازلىرى، ئارقىدىنلا ئىشىكتىن ئوت دولقۇنى ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. چاقماق تىزلىكىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ھەممە گاڭگىراپ قالغان ئىدى.

   شۇ كېچىسى مەھەللىدىكىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئاپەتلىك بىر كېچە بولدى. مۆمىن كېپەك ئايالى بىلەن كېچىنى كېچە دېمەي بېرىپ ئەرز قىلدى. ساقچى ماشىنىسىنىڭ ھۇشقىيتقان ئاۋازى تاڭ يۇرۇشقا يېقىن توختىدى. ئەتىسى جامائەتنىڭ ھەممىسى بىلدىكى ئاخشام مۆمىن كېپەكنىڭ ئۆيىگە بارغانلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلغان، ھەتتا تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن كىرگەنلەرمۇ ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

   ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. بۇ بىر نەچچە كۈن مەھەللىدىكىلەر ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق ئۆتتى. گەپ جىق ئىدى. مۇئەززىن بىلەن مۇھەممەتنى مۇددەتسىز كېسىۋېتەرمىش. ئۇلارنى ئوت قويغان دەپلا ئەيىپلىمەپتۇدەك، يەنە ئاللىقانداق ئېغىر گۇناھلىرى بارمىش. مۇھەممەتنى سوراقتا بەك ئۇرىۋەتكەنمىش، دېگەندەك گەپلەر مەھەللىنى بىر ئالغان ئىدى. كىچىككىنە مەھەللىنىڭ تەڭ يېرىم دېگۈدەك ئادىمى قاماقتا تۇرسا قانداقمۇ خاتىرجەم بولغىلى بولسۇن، ھېلىقى مۆمىن كېپەك ۋە ئۇنىڭ چاشقان يۈز خوتۇنى ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇمۇ ئەمدى مەھەللىدىكىلەر مېنى بوش قويمايدۇ، دەپ مەھەللىگە بېرىشقا پېتىنالمىغانمىش. شۇ ئارىدا مۇھەممەتكە ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىپتۇ، قالغانلىرىغىمۇ ئالتە ئايلىققىچە جازا كېسىپتۇ، مۇھەممەتلەر ئەرز قىلغانمىش، دېگەن گەپلەر تارقالدى. شۇ ئەرزنىڭ ئىشى بىلەنمۇ، شۇ ئىش بولۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن يانۋارنىڭ بىر كۈنى مۇھەممەتلەرنى ماشىنىدا چىرقىرىتىپ ئېلىپ چىقتى ۋە مۆمىن كېپەكنىڭ كۆيۈپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئۆيىگە قايتا ئەكەلدى. بۇ چاغدا مەھەللىدە ئادەم قالماي بۇ يەرگە يىغىلدى. راستلا مۇھەممەتنىڭ بەستلىك بويى پاكارلاپ قالغاندەك، قاۋۇل بەدەنلىرى ياداپ كەتكەندەك ئىدى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن تىنماي بىر سىيماھنى ئىزدەيتتى. ساقچىلار مىتىرنى تۇتىۋېلىپ بىر نەرسىلەرنى ئۆلچەيتتى. مۇھەممەتلەردىن گەپ سورايتتى. كىشىلەر يىراقتىن قاراپ تۇرىشاتتى. بىر چاغدا تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى بولغاي مۇھەممەتلەرنى ئېلىپ ماڭدى. مۇھەممەتلەر كىشىلەرگە يېقىن كەلگەن شۇ چاغدا مۇھەممەت باش ساقچىغا:

   -سوجاڭ ئانامنى بىر كۆرىۋالسام بولارمۇ؟- دېدى ئىلتىجالىق نەزەر بىلەن. باش ساقچى دەقىق تۇرۇپ قالدى. ئەمما ئالامان ئارىسىدىن يېغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. مۇھەممەد ئەمدىلىكتە ئانىسىنى كۆرۈش مەڭگۈ نىسىپ، بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، مەھەللە جامائىتىنىڭ ئانىسىنى ئاللىقاچان ئۇزىتىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە يىنىك ئاھ تارتىپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئاسمانغا باقتى. قوي كۆزلىرىدىن تەڭلا ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەلەملىك ھالىتىنى كۆرۈپ ئالامان يەنە ھازا تارتىپ كېتىشتى. باش ساقچىمۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ مۇھەممەتلەرنى مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى. دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بولدى. توپ ئارىسىدىن بىر قىز يۈگرەپ چىقىپ كەلدى ۋە مۇھەممەتنىڭ ئالدىدا توختاپ:

   -مەن سېنى ساقلايمەن مۇھەممەت، جامائەت ئالدىدا ۋەدە قىلىمەن، مەن سىنى ئۆمۈرۋايەت ساقلايمەن. ھەرگىز تىكەندەك يالغۇز قالدىم، دەپ ئويلىما، بىر كاپام چاشقان دورىسىنى تەييارلاپ قويدۇم. ئاتام باشقىغا زورلىسا ئاشۇ مېنىڭ ئاخىرقى رىزقىم بولۇپ قالىدۇ. سېنى ساقلايمەن.-، دەپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. مۇھەممەت نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. بىرەر يۈزدەك مەھەللە جامائىتى تىمتاس بولۇپ قالدى. شۇ تاپتا گۈلسەنەمنىڭ بۇ ئاز كۆرىلىدىغان پىداكار روھى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان، گۈلسەنەمنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇنداق، بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم قەلبىنىڭ لەرزىگە كېلىشى، بىرىنچىسى، سايىماخۇن بوۋاينىڭ ، مۆمىن كېپەككە ئوت قويىۋېتىمەن دېگەن سۆزى ئىدى...
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
火山 + 10 + 5 + 2 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 5 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 02:30, Processed in 0.250588 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش