پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2362 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 293|ئىنكاس: 6

ئۇستاز مائارىپچى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ۋاپات بولدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 2

يوقلىما
15
قىزغىنلىق
53 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
30 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 11:28:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
184024cay94zacj9xaa4yh.jpg


2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە  ھاياتىنى ئۇيغۇر مائارىپى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە "قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتى"، "تۈرك تىل دېۋانى" تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇر مەنىۋىي ھاياتىنىڭ بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇش تىنىمسىز ھىممەت كۆرسەتكەن سۈيۈملۈك ئۇستاز، يېتىشكەن پېداگوگ، ۋىجدانلىق يازغۇچى، رىغبىتى كۈچلۈك تەتقىقاتچى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئاكا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 1958- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاتۇش  شورۇقتا  دۇنياغا كەلگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1983- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1997-يىلدىن تاكى كۆز يۇمغانغا قەدەر ئۈرۈمچىدە  ياشىغان. «قۇتادغۇبىلىك» شۇناس، پېداگوگ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە پېداگوگىكىغا ئائىت تېمىلاردا يازغان نۇرغۇن ماقالىلىرى، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» ناملىق كىتابلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق، ئىرادىلىك ۋە جاسارەتلىك ئاپتور يەنە پەلسەپىۋى ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى رومانلاشتۇرۇپ ئىشلەپ جەمئىيەتكە سۇنغان. «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن» دېگەن تېمىدىكى بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن «ھايات بوسۇغۇسىدا»، «ئادىمىلىك مىزانلىرى«، «قۇتادغۇبىلىك دەرسخانىسى» دېگەن قىسىملىرىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ،  200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان.
قېرىنداشلار، ھەممەيلەن مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى ! ئامىن !!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3958 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2368 سەر
شۆھرەت
2480 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 12:38:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولسۇن!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4406 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2426 سەر
شۆھرەت
2852 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 14:51:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئىسىت...
بۇ ئۇستاز ھەقىقەتەن غۇرۇر، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى. ئۇ مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىزگە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن دەرس بەرگەن ئىدى. ئۇ ھەمىشە بىزگە: ‹‹ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ــــــ ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىياتى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەدەبىياتى! ئۇنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ــــــ ئۆزىمىزنى ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىش دىمەكتۇر.... ›› دەيتتى.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-11 22:44  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8600 سەر
تىللا
4845 دانە
تۆھپە
5744 سەر
شۆھرەت
6413 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 20:28:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

Rank: 2

قىزغىنلىق
49 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
28 سەر
شۆھرەت
29 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 11:34:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى ياشكەنتۇق،مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننىتى بولغاي!!!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4486 سەر
تىللا
1071 دانە
تۆھپە
2759 سەر
شۆھرەت
2942 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 15:51:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يارمۇھەممەت تاھىر توغلۇق ئەپەندىمىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى بەكلا قىزىقىپ ئۇقۇيمەن. ھەم ئۈزى بىلەنمۇ بىر ئىككى قېتىم كۈرۈشكەن. مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-12 15:54  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1687 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 04:16:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىمنىڭ كىتابلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم .ھەي..ھەي...
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن !
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 01:02, Processed in 0.203718 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش