ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى»دا ئېلان قىلىنىدۇ
ئۆز مۇخبىرىمىز فىلورە تاشپولات خەۋەر قىلىدۇ:
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى ئەھۋالىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئىگىلىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى»دا ئېلان قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئاتا- ئانىلار بۈگۈندىن باشلاپ «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى»غا كىرىپ، 2012- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى تىل ۋە تۈركۈم قېتىم بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى ئەھۋالىنى ئىگىلىسە بۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى نىسبەتەن كېچىكىپ چۈشۈرۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى بېسىلىدىغان «شىنجاڭنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئىمتىھانى» ناملىق 3- توپلام تېخى نەشىر قىلىنىۋىتىپتۇ. مۆلچەرلىنىشچە، بۈگۈندىن مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئاتا- ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى «شىنجاڭنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئىمتىھانى» ناملىق 3- توپلامنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشى، ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئارزۇ تولدۇرغاندا «شىنجاڭنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئىمتىھانى» ناملىق 3- توپلامدىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە كەسپىي ئۇچۇرلارنى ئۆلچەم قىلىپ تولدۇرۇشى كېرەك. قارغۇلارچە تولدۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە توغرىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. مەنبەدىن كۈرۈش: قېنى كۈرۈپ باقاي.....
ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ:
http://124.117.250.18/ptjh/y_jhqr/g_main.htm |