- تىزىملاتقان
- 2011-11-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-22
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 495
- نادىر
- 0
- تېما
- 3
- يازما
- 78
  
قىزغىنلىق- 141 سەر
تىللا- 30 دانە
تۆھپە- 105 سەر
شۆھرەت- 106 سەر
   
| مەن بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا ھەيران بولدۇم . تىل بىلەن يېزىقنى ئايرىيالمىغاندەك قىلىسىز ھەم بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيۋاتقاندەك مەنە كېلىپ چىقىدىكەن . تىل بىلەن يېزىق ئوخشىمايدۇ دوستلار بۇنى ئېنىق ئايرىپ ئاندىن بىرنەرسە دەيلى . مەيلى قانداق يېزىقتا ئىپادىلەيلى بىز يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتىمىز . كومپيۇتېر بىزگە كىرگەندىن بۇيان بىزنىڭ يېزىقىمىزغا يەنە بىر قېتىم يېزىق تاللاش كېلىپ قالدى ، بۇنى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىمىز ھەل قىلىپ UKY ( ئۇيغۇر كۆمپيۇتېر يېزىق ) ىنى قوللىنىش ئۈچۈن يۇقۇرىدا مۇنبەرداشلار تىلغا ئالغان ( پىنيىنچە يېزىق ) نى ئىجات قىلغان ئىدى، بۇنى كوپۇنچىمىز مۇشۇ بويىچە ئاتاۋاتىمىز . ئەمىليەتتە بۇنىڭ ئاتىلىشى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى ئىدى . بۇنىڭدا يەنىلا بىز سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ ، شۇڭا ساپ ئۇيغۇرچە تىلدا سۆزلىشەيلى دېگەن سۆز پۇتۇنلەي خاتا ئاتاش . مەنچە ئۇيغۇرچە سۆزلىشەيلى ئەمەس ئۇيغۇركونا يېزىقتا سۆزلىشەيلى دېيىش ئەڭ توغرا ئاتاش . مەسىلەن ئېلىپ ئېيتساق بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مىللەتلەر رۇس ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزىگە كرىل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ چىقىپ رۇس ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىپادىلىگەن . بۇنىڭ ھەرپلىرىگە قاراپلا ئۇنى ھېچكىم رۇس تىلى دېمەيدۇ .( پەقەت سىز رۇس تىلى ھەرپلىرىنى بىلىپلا ئوقۇسىڭىز چۈشۈنەلەيسىز ) . ئىشەنمىسىڭىز ئۆزبېكچە تور بېكەتلەرگە كىرىپ باقسىڭىز بىلىسىز ، ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپ ، خالىسىڭىز رۇس ھەرپلىرىنى ئۆگۈنۈپ ئوقۇپ بېقىڭ .بۇ يەردە ئىككى يېزىق ئارقىلىق بىر تىلنى ئىپادىلەيدۇ خالاس . يۇقۇرىدا دېيىلگەندەك ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى دېگەندىن ھازىرقى كونا يېزىقتا پاراڭلاشساق دېسەك مەنچە توغرا بولىدۇ . مەنچە سىز دەۋاتقان پىنيىنچە بولسۇن ،ياكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىدا سۆزلىشىڭ سىز يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىسىز . مەسىلەن :
Avh urarmen , avh urarmen Avhlirim tutqay seni Koz yeshim derya bolup Beliqlirim yutqay seni
ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى كۆز يېشىم دەريا بولۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى
مانا بۇ بىر كۇپلىت شېئىر ئىككى خىل يېزىقتا بىر تىلدىكى ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ . شۇڭا مەنچە مائارىپ تور بەتلىرىدە بۇنداق خاتالىقلارغا يول قويۇلمىسا دېگەن ئۇمۇتتىمەن . كەچۇرۇڭلار ئارتۇق سۆزلەپ قويغان يەرلىرىم بولسا ياكى خاتا تەرەپلىرىم بولسا دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرساق دېگەن ئۇمۇدتىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-5 17:26
|
|