تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1061 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 32|ئىنكاس: 2

قىزچاق، يىگىتىڭىزنى چۈشەنگىڭىز بارمۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
96
قىزغىنلىق
1426 سەر
تىللا
482 دانە
تۆھپە
885 سەر
شۆھرەت
1085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزچاق، يىگىتىڭىزنى چۈشەنگىڭىز بارمۇ؟


يىگىتىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىگىگە قاراپ بېقىڭ. ئۇنىڭ ئۆيى كىتاپ بىلەنمۇ ياكى توپ مۇسابىقىلىرىنىڭ تەقدىرنامىلىرى بىلەن تولغانمۇ؟ ئۇ ئائلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى تىزىپ قويغانمۇ-يوق؟ ئۆيىنىڭ ئىچى بەك رەتسىزمۇ؟ ۋاختىنچە يىغىشتۇرمىغانمۇ؟ ئەگەر ئۇ ئەسلىدىنلا رەتسىز بولسا، ئۇنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى تەس. سىز بۇنداق ئەر بىلەن ياشالامسىز؟

يىگىتىڭىزنىڭ ئارىلاشقان دوستلىرىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇنىڭ كۆپ ساندىكى دوستلىرىنى ياقتۇرمىسىڭىز، بۇ ئۇنىڭ سىزگە لايىق كەلمەيدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يىگىتلەرنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. يىگىتلەرنىڭ بىر قىسىم قىز دوستلىرى بولۇشى يامان ئىش ئەمەس، بىراق قىز دوستىلا بولۇپ ئوغۇل دوستى بولمىسا، ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.

يىگىتىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا تۇققانلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ. ئەگەر ئۇ بالىنى ئاۋارىچىلىق دەپ قاراپ، بالىغا يېقىنچىلىق قىلىشنى رەت قىلسا، ئۇ چاغدا ئۇ مەڭگۈ ياخشى دادا بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، بالا بىلەن پاراڭلىشىپ، بالا بىلەن ئوينىسا، بۇنداق ئەرلەر شۇببىھىسىزكى ياخشى ئاتا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

يىگىتىڭىزنىڭ ۋاقىت كۆز قارشىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇچراشماقچى بولغان ۋاقىتقا رىئايە قىلماي كېچىكىپ كەلسە، ئۇنىڭ سىزنى كۆزگە ئىلمىغانلىغىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاختىنى سىزدىنمۇ مۇھىم دەپ بىلسە، ئەمىليەتتە بۇ ئۇنىڭ سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىغى بولىدۇ.

يىگىتىڭىزنىڭ نىمىلارنى دەيدىغانلىغىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سىزنىڭ قىزىقىشىىڭىز بىلەن كارى بولماي، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، ئۆزىنىڭلا گېپىنى قىلسا بۇنداق يىگىتلەر شەخسىيەتچى كېلىدۇ.

يىگىتىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستىغا قانداق باھا بېرىدىغانلىغىغا قاراپ بېقىڭ. قىز دوستىنىڭ يامان گېپىنى قىلغان يىگىتلەر ئىشەنچىسىز كېلىدۇ. ئىلگلىركى قىز دوستىنى ھۆرمەتلىسە، بۇ ئۇنىڭ كەڭ قوساقلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ.

يىگىتىڭىزنىڭ ئانىسى بىلە كۆرۈشۈپ بېقىڭ. ئانىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان يىگىتلەرگە يېقىنلاشماڭ، ئەرلەرنىڭ ئانىسىغا بولغان مۇئامىلسىدىن ئۇلارنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئانىسىنى ھۆرمەتلىگەن ئەر ئوخشاشلا ئۆز ئايالىنىمۇ قەدىرلەشنى بىلىدۇ.

يىگىتىڭىزنىڭ پۇلغا بولغان قارشىغا قاراپ بېقىڭ. بەزى يىگىتلەر ھەر دائىم بەس-بەس بىلەن پۇل تۆلەشكە ئالدىرايدۇ، بۇ ئۇنىڭ سېخىلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ، ئەكسىچە بۇ ئۇنىڭ قىز دوستىنى تىزگىنلىمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ، بىراق بېخىل يىگىتلەر ھىسسىيات جەھەتتىمۇ يىپىدىن يىگنىسىگىچە ھىساپلىشىدۇ.

يىگىتىڭىزنىڭ ئۆز خىزمىتىدىن رازى-رازى ئەمەسلىگىگە قاراپ بېقىڭ. ئەرلەرنىڭ خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىدۇر، خىزمىتى سەللە كۆڭلىگە ياقمىسا خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان ئەرلەر كۈنەرنىڭ بىرىدە ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرسىلا ئۆينى تاشلاپ كېتىش ئېھتىماللىغى چوڭراق بولىدۇ.

يىگىتىڭىزنىڭ روھىي جەھەتتە ساغلام  ياكى ساغلام ئەمەسلىگىگە قاراپ بېقىڭ. باشقىلارنى زاڭلىق قىلىشنى ياخشى كۆرۈدىغان ئەرلەر باشقىلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆتۈرىدۇ، بۇ خىل يىگىتلەر نازۇك ھىسسىياتقا باي ئەمەس، پىسخىك جەھەتتىمۇ ساغلام ئەمەس.

مەنبە: « پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-4 00:01  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1769 سەر
تىللا
1096 دانە
تۆھپە
899 سەر
شۆھرەت
965 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى بەك ياخشىكەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
553 سەر
تىللا
35 دانە
تۆھپە
327 سەر
شۆھرەت
363 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى بەك ياخشىكەن.ماھىر ئۇستاز رەھمەت سىزگە!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 12:04, Processed in 0.106508 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش