- تىزىملاتقان
- 2011-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-14
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 122
- نادىر
- 0
- تېما
- 9
- يازما
- 15

- يوقلىما
- 14
قىزغىنلىق- 40 سەر
تىللا- 9 دانە
تۆھپە- 18 سەر
شۆھرەت- 27 سەر
| تويدىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ھەممىلا ئادەم تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك، بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا، ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا سەن- پەن دىيىشىپ غىژىلدىشىپ قالىدىغان كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھەتتا بەزىلەر تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇرۇش - جىدەل قىلىشىدۇ. نەتىجىدە، ئەر- خوتۇننىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىمۇ تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىۋەرسە، ھېسسىيات كىرزىسى پەيدا بولۇپ، نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تويدىن كېيىن ئەر- خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى، تۇرمۇشىنىڭ ئىناق بولۇشى ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ئاسرىشىغا مۇھتاج. تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ ئىناق ۋە بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارغا دېققەت قىلىش زۆرۈر.
ئۆي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش لازىم. ئەر- خوتۇن ھەر ئىككىلىسى خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەر- خوتۇننىڭ بىر كۈن ئىچىدە ئۆيدە بولىدىغان ۋاقتى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا تۈگىمەس، ئەمما ئېغىر ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا، ئەر- خوتۇن بىر- بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، بىر- بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش پوزىتسىيىدە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن ئۈستىگە ئېلىش لازىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەر كىشى "ئەرلىك تەركىبى"نى كۆرسىتىپ، خوتۇنىنىڭ ھەممە ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز ئېرىنى كۈتۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالماسلىقى، خوتۇن كىشىمۇ نازۇكلىق قىلىپ ئۆي ئىشلىرىنى ئېرىگە ئىتتىرىپ قويماسلىقى كېرەك.
تۇرمۇش ئادىتىدە "مېنىڭكىنى ئاساس قىلىمىز" دەپ تۇرۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. گەرچە توي قىلىشتىن ئىلگىرى مەيلى يىگىت بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، بىر- بىرىنىڭ ھەممە قىلىقلىرى چىرايلىق، ھەممە ئىشلىرىدىن رازى بولىشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا، ھەر ئىككىلا تەرەپ تەبىئىي ھالدا قارشى تەرەپنىڭ بەزى قىلىقلىرىنىڭ ئۆزىگە ياقمايۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. مەسىلەن: بەزى ئاياللار ئۆينى رەتلىك يىغىشتۇرمايدۇ، قاچا- قۇچىلارنى ۋاقتىدا يۇيۇپ بېسىقتۇرمايدۇ. بەزى ئەرلەر تالادىن كىرگەندە سالغان كىيىمىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلاپ قۇيۇدۇ، تاماكا چىكىدىغانلار تاماكا كۈلىنى خالىغان يەرگە چۈشىرىدۇ. بىرى قېنىق چاينى ئىچىشنى ياخشى كۆرسە، بىرى سۇس چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەر لەغمەن يىيىشنى ياخىش كۆرسە، خوتۇن گۈرۈچ تامىقى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
تۇرمۇش ئادىتىگە ياتىدىغان مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارنىڭ گۆزگە سىغماسلىقى تەبىئىي. لېكىن بۇنداق ئىشلارنى باھانە قىلىپ قارشى تەرەپ بىلەن غىژىلداشماسلىق، مېنىكىنى ئاساس قىلىمىز دەپ تۇرۋالماسلىق، بەلكى ماھىرلىق بىلەن مۇۋاپىق ۋاقىت، مۇۋاپىق ئورۇن تاللاپ تۇرۇپ قارشى تەرەپنى ئەسكەرتىش لازىم. بۇنداق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەر- خوتۇن ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر- بىرىگە ئاچچىقلانماسلىقى ۋە بىر- بىرىنى ئەيىپلىمەسلىكى كېرەك. ناۋادا شۇنداق قىلىنسا، ئارزۇنىڭ ئەكسىچە نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ.
ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا دېموكراتىيىنى يولغا قۇيۇش لازىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، خىراجەتلەرنى قانداق چىقىم قىلىش كىچىك ئىش ئەمەس. كۆپىنچە ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا پۇلنى قانداق چىقىم قىلىشتا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، ئىناقسىزلىققا سەۋەپ بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا دېموكراتىيىنى يولغا قۇيۇش لازىم. مەسىلەن: ئۆي جاھازىلىرى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، كىيىم- كېچەك قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشتا ئەر- خوتۇنلار چوقۇم- بىر- بىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىشى، پىلانلىق ئىش كۆرىشى لازىمكى، ھەرگىزمۇ ھەر كىم ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ئۆز قىزىقىشى ۋە خائىشى بويىچە پۇلنى ئورۇنسىز بۇزۇپ- چاچماسلىقى كېرەك. بۇنداق قىلمىسا، ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە دەخلى يېتىشى مسەۋەپسىز سىرتتا قۇنۇپ قالماسلىق ياكى ئۆيگە كەچ قايتماسلىق لازىم. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە خىزمەت، تىجارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ داستىخاندا دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان، مۇڭدىشىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز بولماقتا. بولۇپمۇ ئەر ? خوتۇنلارنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن چەكلىك بولىدىغانلىقتىن، ناۋادا بىر تەرەپ پات- پات ئۆيگە سەۋەپسىزلا كەچ قايتسا، ھەتتا سىرتتا قونۇپ قالسا بۇ قارشى تەرەپتە نارازىلىق ۋە گۇمان قوزغىماي قالمايدۇ. بەزى خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆيگە كەچ قايتىشقا توغرا كەلگەن ھەمدە قارشى تەرەپنى ئالدىنئالا خەۋەرلەندۈرۈپ قويالمىغاندا، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن چوقۇم ئوبدان چۈشەندۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. بۇنداق قىلماي، بۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىۋەرسە " قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس" دېگەندەك، قارشى تەرەپ ئاخىرى بىر كۈنى پارتلىماي قالمايدۇ.
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. مەيلى ئەر بولسۇن ياكى خوتۇن بولسۇن ئىدارىدا تارتقان خاپىلىقلار ۋە ئۇچرىغان ئۇۋاللىقلارنى ئۆيگە بىللە ئېلىپ كېلىپ، دەردىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تۆكمەسلىكى، ئاچچىقىنى ئۇلاردىن چىقارماسلىقى كېرەك. بىلىش كېرەككى، بۇ خىل ئاچچىقلىنىش ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئاسانلا ئەر- خوتۇنلارنىڭ ئىناقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆڭۈلسىزلىكىڭىزنى مۇۋاپىق پەيت، مۇۋاپىق ئورۇندا مۇۋاپىق تەلەپپۇزدا سۆزلەپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چۈشىنىشىنى، ھېسداشلىقىنى ۋە تەسەللىيسىنى قولغا كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ.
بىر- بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش لازىم. ئەگەر ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئەر- خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئاساسىي دىيىلسە، گۇمانلىنىشنى مۇھەببەتنىڭ چىرىتكۈچىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئورۇنسىز گۇمانخورلىق قىلىپ، ئۆزىڭىز ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، ئەر- خوتۇنلار ئىناق ئۆتۈش ئۈچۈن، بىر- بىرىگە ئىشىنىشى، بىر- بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
ئاتا- ئانا بىلەن قىيناتا- قىينانىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش لازىم. قىز بىلەن يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار نۇقۇل ھالدىكى شەخس ئەمەس بەلكى ھەر قايسىسىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولىدۇ. قىيناتا- قىينانىغا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ئوخشاش ھۆرمەتلىگەندىلا ئەر- خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئائىلە تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
ھە دېسىلا نىكاھتىن ئاجىرشىمەن دىمەسلىك لازىم. ئەر- خوتۇن تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا، گەپ تالىشىپ قېلىشتىن، جىدەل- ماجىرا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. كىم بولۇشتىن قەتئىيەزەر بۇنداق چاغدا ھە دىسىلا ئاجىرشىشنى تىلغا ئالماسلىق لازىم. بولمىسا ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ، كىچىك ئىش چوڭىيىپ ياكى مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئەر- خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتى راستىنلا بۇزۇلىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتىكى بەزى بىر كىچىك ئىشلار تۈپەيلىدىن چوڭ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق لازىم.
مەنبە تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى |
|