پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2362 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 227|ئىنكاس: 1

‹‹1- ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
106
قىزغىنلىق
947 سەر
تىللا
672 دانە
تۆھپە
711 سەر
شۆھرەت
819 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 19:05:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹1- ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى



1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ بايرىمى.  
1942-يىلى 6-ئايدا گىرمانىيە فاشىسىتلىرى چىخنىڭ لىدىس كەنتىدىكى 16ياشتىن يۇقىرى ئەرلەردىن 140نەپەردىن كۆپرەكنى ۋە بارلىق بوۋاق بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ۋە ئاياللار ۋە 90نەپەت بالىنى جازا لاگىرىغا يالاپ ئاپارغان. كەنىتتىكى بارلىق ئۆي-ئىمارەتلەر كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ياخشى بىر كەنىت گىرمان فاشىسىتلىرى تەرپىدىن ۋەيران قىلىنغان.  
لىدىس كەنتى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى فاشىسىتلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان باللارنى خاتىرلەش ئۈچۈن، 1949-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا دىموكىراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكىۋادا كېڭەش ئۆتكۈزدى، جۇڭگۇ ۋە ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى جاھانگىرلار ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش، بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن پاش قىلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلام يېتىلىش ھوقۇقى ۋە مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باللارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يىغىندا ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارالىق باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتىش قارار قىلىندى.  
شۇنىڭدىن بۇيان دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە باللار بايرىمى بار. 1925-يىلى خەلقئارا باللار بەختىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى باللار خاتىرە كۈنى تەسىسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەنگىلىيە، ئامرىكا، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ باللار بايرىمىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئەنگىلىيىدە ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتىلدى، ئامرىكىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتىلدى، ياپۇنىيەنىڭ باللار بايرىمى ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، قىز-ئوغۇللارنىڭ باللار بايرىمى ئايرىلغان، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوغۇللارنىڭ، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قىزلارنىڭ باللار بايرىمى بولىدۇ. دۆلىتىمىزدىمۇ 1931-يىلىلا 4-ئاينىڭ 4-كۈنىنى جۇڭگۇنىڭ باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن.  
1949-يىلىدىن باشلاپ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى خەلقئارا باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتىلگەندىن كىيىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەسلىدىكى باللار بايرىمىنى بىكار قىلىپ، بىرلىكتە 1-ئىيۇننى «خەلقئارا باللار بايرىمى» قىلىپ بىكىتتى.  
دۆلىتىمىز مەركىزى ھۆكۈمىتى 1949-يىلى 12-ئايدا «1-ئىيۇن باللار بايرىمى»نى ئەسلىدىكى «4-ئاپىرىل باللار بايرىمى»نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە باللار بايرىمىدا ياش ئۆسمۈرلەرنى بىر كۈن ياكى يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.  
نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن، بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر. ياۋروپا، ئامرىكا دۆلەتلىرىدە بايرام كۈنى ئوخشاشمايدۇ، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئامما خاراكتىرلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئاز ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇڭلاشقا بەزى كىشىلەردە پەقەت سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرلا 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن ئوخشايدۇ دىگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە يېقىندىن بۇيان ئامرىكىدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى باللار بايرىمى قىلىپ بىكىتىشنى ئويلىشىشقا باشلىدى. 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى جۇڭگۇنىڭ كىچىك خوجايىنلىرى تۇنجى خەلقئارالىق باللار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.  
بۇ كۈندە 5000نەپەر ئۆسمۈر بېيجىڭدىكى جۇڭشەن باغچىسى موزىكا زالىغا يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىن تەبرىكلىدى، سوۋىت ئىتتىپاقى، چاۋشىيەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىچىك دوسىتلار ۋە ئانىلىرىمۇ، تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىمقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشتى. باش قوماندان جۇدې باللارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇ: «گەرچە سىلەرنىڭ يېشىڭلار كىچىك بولسىمۇ، بىراق تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، ھەر تۈرلۈك پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ياخشى ئىگەللەپ ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ تېنىنى مەزمۇت چېنىقتۇرۇپ، يېڭى جۇڭگۇنى قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىپ، نامرات، قالاق جۇڭگۇنى يۈكسەك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك سانائەت ئاساسىغا ئىگە جۇڭگۇ قىلىپ ئۆزگەرتىشىڭلار لازىم» دىگەن.  
بۇ كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىچىك دوسىتلار بىردەك بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭدىن كىيىن ھەر دائىم «1-ئىيۇن» يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگۈنۈشىگە ياخشى بولغان شارائىت ھازىرلاپ بەرگەچكە، يېڭى جۇڭگۇدىكى ئۆسمۈرلەر پارتىيىنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.  

مەنبە:بەيدۇ تورى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مائارىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-29 19:07  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1206 سەر
تىللا
206 دانە
تۆھپە
520 سەر
شۆھرەت
567 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 00:20:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسقاتىدىغان ماتىريالدىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 02:06, Processed in 0.193528 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش