پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 95 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 41|ئىنكاس: 0

سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
68
قىزغىنلىق
2855 سەر
تىللا
2961 دانە
تۆھپە
2182 سەر
شۆھرەت
2607 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 01:59:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار



   سىنىپ مەكتەپنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدار بىرلىكى بولۇپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. سىنىپ مۇدىرى ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى دۇنياغا، كەلگۈسىگە، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈش، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ۋە ئۇنى تەشكىللىگۈچى ھەم باشقۇرغۇچى، شۇنداقلا مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. سىنىپ مۇدىرى ئىلمىي ساپاغا ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى باشقۇرۇش، تەشكىللەش، يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مول بىلىمگە ۋە يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن لاياقەتلىك كوللېكتىپ قىلىپ تەشكىللەپ چىقىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:

   1. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئەھۋاللىرىنى، يەنى ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئائىلە ئەھۋالى، قىزىقىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش، سۆھبەتلىشىش، تېلېفون بېرىش ئارقىلىق بىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدىلىكى بويىچە يېتەكلىشى كېرەك.

   2. سىنىپ مۇدىرى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن بىر قەدەر ئىلغار ھەم بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ھەيئەتلىكىگە تاللىشى، باشقا ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلىشى، پايدىلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشى، سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

   3. سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

   4. سىنىپ مۇدىرى مېھرىبانلىقىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈشى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىززەتلىشى، ئۇلارنى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھالدا ئۇلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.



«شىنجاڭ گىزىتى» دىن ئىلىندى
بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 23:42, Processed in 0.239772 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش