پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2362 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 5

ئېرىڭىزنىڭ ھاياتى سىزنىڭ قولىڭىزدا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
10
قىزغىنلىق
89 سەر
تىللا
38 دانە
تۆھپە
56 سەر
شۆھرەت
53 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 22:08:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


[ئېرىڭىزنىڭ ھاياتى سىزنىڭ قولىڭىزدا]
ئېرىڭىزنى قانداق قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ھەتتا ھېچقانداق ئىزنا قالدۇرماسلىقنى ئويلاپمۇ قالامسىز؟
سىزگە ئېيتسام بۇ ناھايىتى ئاسان. پەقەت ئۇنىڭ كۈنلۈك تامىقىغا مايلىق، يۇقىرى كراخماللىق تائاملارنى يېگۈزۈپ، ھەرىكەت قىلدۇرماي كۆپرەك ئۇخلىتىپ، ئېغىرلىقىنى ھازىرقىدىن %25 ~%15 ئاشۇرىۋەتسىڭىزلا بولدى. ئاندىن كېيىن، سىز ئولتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ «تۇل خوتۇن» بولۇش چۈشىڭىزنى كۆرىۋەرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ چۈشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھازىردىن ئۇزاق ئەمەس.
تەتقىقاتلارغا كۆرە، 50 ياشتىن سەلگىنە ئۆتۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئەرلەرنىڭ سانى شۇ خىل ئاياللاردىن %80~%70 كۆپ ئىكەن. ئامېرىكىلىق دوكتور دۇبلىن ئۆزىنىڭ «ئېرىڭىزنى قەستلەشنى توختىتىڭ» ناملىق ماقالىسىدە: « 40 يىلدىن بۇيان مەن بىر ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدە ستاتىستىكىلاش خىزمىتى قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھاسىل قىلغان خۇلاسەم شۇكى، نۇرغۇن ئەرلەر ئەجىلى توشماي ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئۆز بۇرچىنى ئېھتىيات بىلەن ئادا قىلىپ ئەرلىرىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان بولسا، بۇ ئەرلەر بەلكىم بۇنچە بالدۇر ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى ... » دەيدۇ.
ئامېرىكىلىق مېتابولىزم كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى براك « ئەرلەر نېمە ئۈچۈن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ » دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
- سىز ئېرىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش يولىدا تىرىشماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ھاياتىنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ... ھازىر قولىڭىزدا بىر خىل ئىقتىدار باركى، سىز ئېرىڭىزنىڭ ھاياتىنى ئۇزاتالايسىز. ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن بولسا، يېرىم ئاچلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مەدىكار-مېھنەتكەشلەر سىزنىڭ ئېرىڭىزگە قارىغاندا ئۇزاقراق ياشايدۇ...
بۇ ھەقتە يەنە، ئامېرىكىلىق بىر جەمئىيەتشۇناس تېخىمۇ يومۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: - تارىختىن بېرى ئىنسانلار ئىچىدە داستىخان ئۈستىدە ئۆلگەنلەر جەڭگاھتا ئۆلگەنلەردىن كۆپ.
ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇكى، ئائىلىنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئايالغا باغلىق. ھەتتا، ئەرنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ ئايالىنىڭ قانچىلىك كۈتۈشىگە باغلىق.

ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ ئۇزۇنراق ياشىشىنى، ساغلامراق بولۇشىنى ئىستىسىڭىز، تۈۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىڭ:
1. ئېرىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
ئېرىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا خۇددىي ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلغاندەك دىققەت قىلىڭ، پەخەس بولۇڭ. ئەگەر ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن بولسا، كۈندە تەييارلاپ بېرىۋاتقان ئاش-تاماقلارنىڭ تۈرىگە ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە دىققەت قلىڭ.
2. ئېرىڭىزنى يىلدا 1 قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سىستېمىلىق بەدەن تەكشۈرۈتۇپ تۇرۇڭ.
سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئالدىنى ئېلىش - كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. يۈرەك كېسەللىكى، راك، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە دىئابېت كېسەللىكىدىن ئۆلگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىكىنى دەسلەپكى مەزگىلدىلا بىلگەن بولسا، ئالدىنى ئېلىشقا، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزگىنلەشكە بولاتتى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ماشىنىلىرىغا كۆيىنىدۇ، ئېتىبار قىلىدۇ، بۇزۇلسا ۋاقتىدا رېمونت قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە ئۇنچىۋالا كۆيۈنمەيدۇ، ئېتىبار قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىڭىزگە چوقۇم دىققەت قىلىڭ، قەرەللىك ھالدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇڭ.
3. ئېرىڭىزنى بەك قاتتىق ئىشلىتىۋەتمەڭ.
نيەت-ئىقبالنىڭ بەك چوڭلۇقى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۇنى ئۇزاق ياشاپ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە ئىلاجىسىز قىلىپمۇ قويىدۇ. ئەگەر يۇقىرى مەرتىۋە ۋە كۆپ دۇنياغا ئىگە بولۇشنىڭ بەدىلى بەخىتسىزلىك ياكى بالدۇر ئۆلۈش بولسا، ئېرىڭىزنىڭ ئەلقاتارى مەرتىۋىدە بولۇشىغا ۋە كەمرەك پۇل تېپىشىغا ماقۇل دەڭ. بىر ئايالنىڭ پوزىتسىيىسى كۆپىنچە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

  
4. ئېرىڭىزنى تولۇق دەم ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ.
ھارغىنلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئېپى چارچاشتىن بۇرۇن دەم ئېلىشتۇر. قىسقىغىنا يەڭگىللىك كەيپىياتى كىشىنى چۈچىتىدىغان ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئۆيگە كەلگىنىدە، ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن 20~10 مىنۇت ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرۇڭ. كەچلىك تاماقتىن بۇرۇنمۇ ئازراق دەم ئېلىۋېلىشقا دەۋەت قىلىڭ. بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئۆمرىنى بىر نەچچە يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.



5. چېھرىڭىزدىن شادلىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.
غۇدىرپ تۇرىدىغان، ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان خوتۇن ئەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ زور دۈشمەندۇر.
ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاساسى ئەھمىيىتى شۇكى، سالامەتلىك بىلەن تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، ئاياللارنىڭ خالاش-خالىماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئەرلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە قارىتا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم






Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8600 سەر
تىللا
4845 دانە
تۆھپە
5744 سەر
شۆھرەت
6413 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 22:31:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن !بەزى ئىشلاردا دىققەت قىلساق بولغۇدەك !سىز كۆپ تەجىربىلىكمۇ نېمە ؟(چاقچاق )

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4406 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2426 سەر
شۆھرەت
2852 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 23:18:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئىكەن. مەن بۇ ئەسەرنى خېلى بۇرۇنلا ‹‹ يەتتە قىزلىرىم ›› مۇنبىرىدە ئوقۇغان. ئامال بار باشقا مۇنبەرلەردىن تېما كۆچۈرمەيلى.بۇ بايقاش مۇنبىرىنىڭ قائىدە-تۈزۈمى. ھېچ بولمىسا مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويماپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 23:23  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3958 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2368 سەر
شۆھرەت
2480 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 00:28:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز !! ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن يەر قىلغانمۇ خۇتۇن دەيدۇ ئەمەسمۇ  ئاتا -بوۋىلرىمىز

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 12:11:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن شۇنداق ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى بىزىنىڭ قۇلىمىزدا . ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى،بالىمىزنىڭ دادىسى، بىزنىڭ يۈلەنچۈكىمىز شۇڭا ئەرلىرىمىزنى خۇددى بوۋاق بالىنى كۈتكەنگە ئوخشاش كۈتۈشىمىز كېرەك ئۇلار بىزنىڭ شۇنداق كۈتىشىمىزگە ۋە خەۋەر ئېلىشىمىزغا مۇھتاج

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
915 سەر
تىللا
201 دانە
تۆھپە
451 سەر
شۆھرەت
539 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 13:29:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياىشى سۆزلەر بۇ ھە... ئاياللارغا كۆپىرەك كۆرسىتەيلى....

سىزەگە كۆپ رەخمەت...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 01:12, Processed in 0.143115 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش