پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 44|ئىنكاس: 1

يېغلىما قىز ،چىداملىق بول[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
69
قىزغىنلىق
937 سەر
تىللا
260 دانە
تۆھپە
407 سەر
شۆھرەت
504 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 17:58:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېغلىما قىز ،چىداملىق بول!


مەرۋايىتتەك كۆز ياشلىرىڭنى ئىسراپ قىلما!رەقىبىڭنىڭ ئالدىدا قاقاھلاپ كۈلگىدەك ماجالىڭ بولمىسىمۇ،ئىمكانقەدەر مىيىقىڭدا بولسىمۇكۈلۈپ ياشا! چۈنكى ،كۈلكە ھاياتى كۈچۈڭنىڭ ئىپادىسى،ئىشەنچ-غۇرۇرۇڭنىڭ گۇۋاھچىسى،سەن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمىنىڭنىڭ تەكەببۇر روھىغا مەنسىتمەسلىك تەستىكىنى ئۇرالايسەن،بەختىڭگە ئورا قازغان شەيتانلارنىڭ پۇت-قولىنى چىدام-غەيرەت ئەپسۇنىدا چۈشەپ قۇيالايسەن.

يېغلىما قىز ! كۆز يېشى ئۇنچە قەدىرسىز ئەمەس.
باشقىلار ئىستىقبالىڭغا توپا چاچسىمۇ ،شان-شەرەپ كۆچىتىڭنى تۈۋىدىن كېسىپ ،نەتىجەڭنى قاقاس چۆللۈككە تاشلىۋەتسىمۇ ،ئاچچىق رىئاللىقنىڭ قىسمەتلىرى ئۈچۈن تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈشنى ئۆگىنىۋال،چۈنكى كۈلكە ئۆلگەن روھنى ئۈمۈد زەمزەملىرى بىلەن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغان قۇدىرەتلىك ئىلاھ،سەن ئۇنىڭ خاسىيىتىدىن مىڭ قېتىم ئۆلسەڭمۇ مىڭ قېتىم تىرىلەلەيسەن.
يېغلىما قىز ،كۈلۈپ ياشا!
ناۋادا يېغلاشقا توغرا كەلسە، مەنپەئەت ھەم مەنسەپ داستىخىنىدا چەتكە قېقىشلارغا دۇچ كىلىپ ،ئىناۋىتىڭ بۇيۇن قىسىپ قالغاندا ئەمەس،سېخى قەلبىڭدىن ئەلگە نەپ بېرەلمىگەندە يارامسىزلىقىڭدىن ئۆكۈنۈپ يىغلا! مۇشەققەت دەرياسىدا كۆۋرۈكسىز قېلىپ،ئازاپ قولۋىقىدا گاھ لەيلەپ،گاھ چۆكۈشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس،شادلىق قاپىقىنى تۈرۈپ بەخىتسىز لىككە دۇچار بولغىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس،مېھىر-مۇھەببىتىڭنى يامغۇر قىلىپ ،خەلىقنىڭ قاغجىرىغان مەنىۋى ئېتىزلىقىغا سېپىلمىگەن پەيتلىرىڭدە ئىچ-ئىچىڭدىن ئۆرتىنىپ يىغلىيالايدىغان بول!ئەنە شۇ چاغدىلا كۆز يېشىڭنىڭ قىممىتى بۇلىدۇ.

مەنبەسى: قەلبىنۇر ئىسمايىلنىڭ نەسىرلەر  توپلىمىدىن
زەپەر

Rank: 4

قىزغىنلىق
319 سەر
تىللا
98 دانە
تۆھپە
241 سەر
شۆھرەت
236 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 19:34:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئىسىل گەپلەر بۇ ....‹‹مەرۋايىتتەك كۆز ياشلىرىڭنى ئىسراپ قىلما.............. ›› بەك ياقـىتى ماڭا . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 14:06  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 01:38, Processed in 0.098152 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش