- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-1
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2807
- نادىر
- 3
- تېما
- 175
- يازما
- 251
 
قىزغىنلىق- 937 سەر
تىللا- 260 دانە
تۆھپە- 407 سەر
شۆھرەت- 504 سەر
   
| خوشامەتچىگە
بىر سېسىق بۇس چىقتى كىكىرىشىڭدىن، مەخسىدىڭ مەلۇملۇق ئىگىلىشىڭدىن. سېرىق ئەت بۆسۈلۈپ كەتمىگەي يەنە، ئۈگۈچلەپ كۆتۈرۈپ چىڭقىلىشىڭدىن.
سۆيمىدى كىم گەژگىنى شوتا قىلدى كۆكنى بويلاپ ئۆرلىدى، مىڭ گەز ئىگىز ئۆرلىسىمۇ ھېچ ئاراملىق كۆرمىدى. كىمنىڭ بولسا مەخسىدى نەپ،يالماپ -سەمرىش،يەپ -ئىچىش، ئەلمىساقتىن ئەل -ئاۋام يۇرت مۇنداقلارنى سۆيمىدى.
ھىساپ رېستۇراندا ئىچتۇق دوستلار بولىشىغا، زەن قويمىدۇق كىملەرنى -كىم زورلىشىغا. ئىچەرمەنلەر رىسالىسى شۇنداقمىكىن، قالدى ھىساپ يۈزى تۆۋەن ياۋىشىغا.
<< دوستۇم>>
قارامنى سۇس كۆرسە يىراقتىن "دوستۇم"، قۇلىنى سوزىدۇ تەڭلەپ سالامغا. ئالدىمدا تۈلكىدەك ھېجىيىپ،ئەمما - ئارقامدىن ئىتتىرەر تېگى يوق ھاڭغا.
ناكەس ئەجەپ تاتلىقكەن مەجلىستە سۆزۈڭ، ئەلگە كۆرۈندى نۇرلۇنۇپ يۈزۈڭ. مەجلىستىن چىقىپ بولىسەن ناكەس، كۆلگە سىيىشنى باشلايسەن ئۆزۈڭ.
پەگا راستنى راست دىسەم قالدىم بالاغا، يالغاننى راست دەپ ئۇچتۇم ھاۋاغا. مۇنداق رەزىل بوپ ئۇچقاندىن كۆرە، ئۆزۈم خوپ كۆرۈپ چۈشتۈم پەگاغا.
زەپەر ئىجادىيىتى |
|