تەرمىلەر
 ★دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇش-ئەڭ مۇۋەپپىقەيتلىك دوست تۇتقانلىق، دوستنى دۇشمەنگە ئايلاندۇرۇش-ئۆزىگە ئەڭ ئەشەددىي پەيدا قىلغانلىق. دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇش يېڭى بىر دوست تۇتۇش بولۇپلا قالماستىن، يەنى بىر كونا دۈشمەننى ئازايتقانلىق، دوستنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇش كونا دوستتىن بىرىنى يوقاتقانلا بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يېڭى دۈشمەندىن بىرنى كۆپەيتكەنلىكتۇر. ★بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس، ئىچى تار ئەسكى ئادەملەرلا ھەمىشە باشقىلارنى ئۆزىگە قەرىزدار دەپ ھېس قىلىدۇ . ئەمىلەيتتە ئاشۇنداق يۈزى قېلىن مەلئۇنلار دائىم باشقىلارغا قەرزداردۇر! ★بىر يىلنىڭ قىممىتىنى چۈشىنەي دېسەڭ، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەن ئوقۇغۇچىدىن سوراپ باق . ★بىر ئاينىڭ قىممىتىنى چۈشىنەي دېسەڭ، ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراپ باق. ★بىر ھەپتىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنەي دېسەڭ، ھەپتىلىك ژورنال مۇھەررىردىن سوراپ باق. ★بىر سائەتنىڭ قىممىتىنى چۈشنەي دېسەڭ، مەشۇقىنى ساقلاپ تۇرغان ئاشىقتىن سوراپ باق. ★بىر مىنۇتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنەي دېسەڭ، پويىز، ئاپتۇبۇس، ئايرۇپىلانغا خاتا ئولتۇرۇپ قالغان ئادەمدىن سوراپ باق. ★بىر دەقىقىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنەي دېسەڭ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىتالغا ئىرىشكەن ماھىردىن سوراپ باق. ★ئادەمنىڭ ئەڭ سەمىمى ۋاقتى ئۆزىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىدۇر.

مەنبە : ‹‹شىنجاڭ مەدىنىيتى››
|