پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر ماقال-تەمسىلەر توپلىمى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
206
قىزغىنلىق
6309 سەر
تىللا
6626 دانە
تۆھپە
3370 سەر
شۆھرەت
3932 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 17:03:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى تولىمى



1. ئابرۇيىڭنى ياشلىقىتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېڭى چېغىدا ساقلا
2. ئات ئالساڭ ئاي كىڭەش،خۇتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش .
3. ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر .چىنە ئالساڭ چېكىپ كۆر
4. ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال ،خوتون ئالساڭ يىراقتىن ئال
5. ئاتقا ئىگەر كېرەك،ئىگەرگە ئەر كېرەك
6. ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ
7. ئاتنى بەيگىدا سىنا، مەردنى مەيداندا سىنا
8. ئاتا بالىسى بولغىچە،يۇرت بالىسى بول
9. ئاتا قارغىشى ئوق ،ئانا قارغىشى دوق
10. ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پىشانىسىنى قاشلىغان
11. ئاتا كۆرگەن ئوق ياسار ،ئانا كۆرگەن تون پىچار
12. ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ ،بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن
13. ئالتۇن باش ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە ،پاقمىباش ئاناڭ بىلەن قال
14. ئاتادىن ھىممەت ،ئوغولدىن خزمەت
15. ئاتىلق يىتىم –كۈل يىتىم ،ئانلىق يىتىم- گۈل يىتىم
16. ئاتالمىغان ئۇقىدىن كۆرىدۇ ،چىچالمىغان پۇقىدىن كۆرىدۇ
17. 60ياشلىقتىن سورىما ،ئالتە ياشلىقتىن سورا
18. ئاچچىق ئالدىدايۇرۇيدۇ ،ئەقىل كەينىدە يۇرۇيدۇ
19. ئاچ نىمىنى يىمەيدۇ ، توق نىمىنى دېمەيدۇ
20. ئادەمگە ئەقىل كېرەك ،پاتقاققا شېغىل كېرەك
21. ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ ،ھايۋان تۇياقتىن سەمرىيدۇ
22. ئادەمنى ئارزۇ ئۇچۇرىدۇ ، قۇشنى قانات ئۇچۇرىدۇ
23. ئادەمنى غەم يەيدۇ ،تۆمۇرنى نەم يەيدۇ
24. ئادەمنىڭ ئادەملىكى ئاچچىقى كەلگندە بىلىنەر
25. ئادەمنىڭ قىممىتى سۆزى بىلەن ،ئاشنىڭ تەمى تۇزى بىلەن
26. ئادەمنىڭ يېتى يوق، ئالتۇننىڭ دېتى يوق .
27. ئادەمى يوق ئۆيدە ئۆچكىنىڭ ئېتى
28. ئارپا -تېرىق ئاش ئىكەن ئۈنچە مارجان تاش ئىكەن
29. ئاردا قاڭشار بولمىسا ،ئىككى كۆز بىر-بىرنى يەر
30. ئاز سۆزلەپ،كۆپ ئاڭلا؛ئاز يە،كۆپ چاينا
31. ئاستا ماڭغان تاغ ئاشار يۈگۇرگەن باغ ئاشار
32. ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ
33. ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا ،ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن .
34. ئالغاندا بىسمىللا ،بەرگەندە ئەستاخپۇرۇللا
35. ئانا كۆرۇپ قىز ئال،قىرغاققا كۇرۇپ بوز ئال
36. ئاي كۈندە كېرەك ،ئەقىل كۈندە كېرەك
37. ئەردىن قالغان ئەر ئەمەس ،دان بەرمىگەن يەر ئەمەس
38. ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگىچە ،ئۆزى ئۆلسۇن
39. ئەسكى ھارۋا يول بۇزار ،ئەسكى ئادەم يۇرت بۇزار
40. ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىپلەر ،ئەقىلسىز ئۆزگىنى ئەيىپلەر
41. ئەل قايان سەن شۇ يان
42. ئەلگە قۇشۇلساڭ ئەر بولىسەن ،ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن
43. باتۇرلۇق بىلەن بۆرە تۇت .ئەقىل بىلەن تۈلكە تۇت
44. بار ماختانسا ئېچىلىدۇ ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ
45. بازاردا مىڭ كىشى كۆڭۈلدە بىر كىشى
46. باش قەيەردە بولسا ، پۇت شۇ يەردە بولور
47. باققالنىڭ ئالدى ،قاسساپنىڭ كەيىنى ياخشى
48. بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق .قازاننىڭ قاينىشىغا باق
49. باي بايغا ئاقار ، سۇ سايغا ئاقار
50. بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قۇينىغا يىغار
51. بۆرىنىڭ خرىس قىلغىنىدىن ،تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان
52. بىر پاتمان ئالتۇنۇڭ بولغىچە ، بىر تاپان يېرىڭ بولسۇن
53. بىر كۈن بۇرۇن تېرىساڭ، ئون كۈن بۇرۇن يىغىسەن
54. بىرنى كەسسەڭ ئوننى تىك
55. بىر ئىت كۆرۇپ قاۋىسا ،مىڭ ئىت كۆرەي قاۋايدۇ
56. بىلىمسىزگە ھال ئېيىتقىچە، ئىچڭدە سېسىپ كەتسۇن
57. پادىشاھ بىلەن تاز چىقشالماس، ئۆردەك بىلەن غاز چىقشالماس
58. پادىشاھلىق ئەل بىلەن ،تۆمۇرچىلىك يەل بىلەن
59. پاقا سۇزۇلۇپ يىلان بولالماس ،مۇماي ياسىنىپ جۇۋان بولالماس
60. پۇتتىن يىقىلغان تۇرار ،تىلدىن يىقىلغان تۇرالماس
61. پۇختائىشتىن كاۋاك چىقماس .يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس
62. پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست
63. پۇل مال كېتەر بوشلىقتىن ،پۇرسەت كىتەر خوشلىقتىن
64. پىچاق تاشتا بىلىنىدۇ ،ئادەم ئىشتا سىنىلىدۇ
65. پىل تۈشۇكتىن قورقىدۇ ،چاشقان مۇشۇكتىن قورقىدۇ
66. پىلنىڭ ئۆمرىگە چىشىنىڭ قىممەتلىكى سەۋەپكار
67. تاغقا چىقسا كېيىك ،سۇغا كىرسە بېلىق
68. تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ ،دەرەخ ئۇچىدىن قېرىيىدۇ ،ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ
69. تاينى باقسا ئات بولور ،بۆرنى باقسا يات بولور
70. تەقدىرگە تاينىپ ياشىماي ،تەدبىرگە تايىنىپ ياشا
71. توپ توپقا يىقىلار ،يالغۇز ئازگالغا يىقىلار
72. توغرا سۆز تۆمۇرنى تىشەر ، سىلىق سۆز قىلىچنى كېسەر
73. تۇرغانلارغا تۈۋرۈك بول ،ماڭغانلارغا كۆۋرۈك بول چىقشالماس.
74. تۆگنى شامال ئوچۇرسا ، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆرۇڭ
75. تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان گۇلدۇرمامىدىن قۇرقماپتۇ
76. تېرىغان ئوراپ يەر،تېرىمىغان سوراپ يەر
77. تىكەن بولوپ پۇتقا كىرگىچە، چىمەن بولوپ باشقا قادال
78. تىلغا ئىختىيار بەرىمسەڭ ،ئەلگە ئىتبارسىز بولىسەن
79. تىلىڭ قاتتىق بولسا ياغلىۋەت ،يۇمشاق بولسا داغلىۋەت
80. تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا، ئىچىڭ كۆيسە مۇز يالا .
81. زامانەڭ تۈلكەبولسا، سەن ئۇنىڭ تايغىنى بول.
82. زورلىغاننىڭ زورى بار، ئىسسىق ناننىڭ ھورى بار.
83. زىغىر تېرىغان يەر، كېزىك بولغان ئەر.
84. ساقالغا قاراپ بۇرۇت، پوشكالغا قاراپ دۇرۇت.
85. ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك، ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك.
86. سەپەر قىلغان يول بىلەر، كۆپنى كۆرگەن مول بىلەر.
87. سەركە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.
88. سەكرىگەننى باس، يىقىلغاننى يۆلە.
89. سەللە دېگەن يۈك، ساقال دېگەن تۈك.
90. سەن بۆرىنى ئايىساڭ، بۆرە سېنى تالايدۇ.
91. سەۋەپ قىل، تەلەپ قىل.
92. سەۋەپ قىلساڭ زاۋال يوق، قىلالمىساڭ ئامال يوق.
93. سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى.
94. سۇ يەرنىڭ قېنى، يەر دېھقاننىڭ جېنى.
95. سۆز قېلىپىدا ياخشى، پىچاق غىلىپىدا ياخشى.
96. سۆز كۆرىكى ماقال، ئەر كۆرىكى ساقال.
97. سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
98. سۈت ئېچىپ ئاغزى كۆيگەن، قېتىقنىمۇ پۈلەپ ئىچەر.
99. سېنىڭ نەپسىڭ بالادۇر، ئاخىرى ئوتقا سالادۇر.
100. سىنالمىغان يولداشتىن يولدىكى تاش ياخشى.
101. شاپتۇلدا باغ قىلما، ئۆچكىدە مال قىلما.
102. شەرىئەت ئىزدىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى، تەرىقەت ئىزدىسەڭ ئاغرىتما جاننى.
103. غاز كەلدى ـــ ياز كەدى، غاز كەتتى ـــ ياز كەتتى.
104. غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس، ئاڭلىغۇچىىنىڭ قۇلىقىنى كەس.
105. قاپاق بېغى بىلەن، تاسما يېغى بىلەن.
106. قاردا پولۇ، يامغۇردا شورپا، بوراندا ئۇيقۇ.
107. قارلىغاچ پەس ئۇچتى، يەرگە يامغۇر چۈشتى.
108. قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۈنچىلىك ئاچ قالىسەن.
109. قەرز سوزۇلسا قالىدۇ، ئاغرىق سوزۇلسا ئالىدۇ.
110. قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولىدۇ.
111. قورساقنىڭ ئاچقىنى، ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
112. قورۇققانغا قوش كۆرۈنەر، كۆلەڭگىسى بەش كۆرۈنەر.
113. قورقۇنچاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، باتۇرنىڭ چومىقى بول.
114. قوشناڭ كەلسە ئاشقا، چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا.
115. قولۇڭنى يۈيۈپ يۈر، غېمىڭنى قىلىپ يۈر.
116. قوناقنى دوڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا تېرى.
117. قۇش ئاسماندا ئۇچسا، سايىسى يەرگە چۈشەر.
118. قۇشنىى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ ئالدايدۇ.
119. قېرىنىڭ چىشى يوق تۈشكە ئامراق، مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق.
120. قىزىم يەپ قىرغا چىقتى، ئوغلۇم يەپ ئوۋغا چىقتى.
121. كالىلار سۇ ئىچسە، موزاي مۇز يالايدۇ.
122. كەمتەر بولساڭ ئۇزارسەن، مەغرۇرلانساڭ غۇلارسەن.
123. كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر يوق.
124. كۆككە باقماي، كۆپكە باق.
125. كۈچى بار تاغقا چىقار، ئەقلى بار كۆككە چىقار.
126. كۈنلۈك يولغا چىقساڭ، ئايلىق ئوزۇق ئال.
127. كېپىل بولساڭ، كېپىنىڭ كۆيەر.
128. كىشىدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر.
129. كىشىگە كۈلسەڭ، ئۆزۈڭگە يىغلايسەن.
130. گەپدان بولغۇچە، ئىشچان بول.
131. گەپنى ئويلاپ دە، ناننى چايناپ يە.
132. گۆھەرلىك بولۇشتىن ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق.
133. لەيلىنى كۆرۈش ئۇچۇن مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك.
134. ماڭغان دەريا، ياتقان بورىيا.
135. مەنسەپ گۆرگە يېقىن، مەرىپەت گۈلگە يېقىن.
136. موللا بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قېيىن.
137. مۇدۇرمەيدىغان ئات يوق، يېڭىلىشمەيدىغان ئادەم يوق.
138. مېڭىشقا ئېرىنسەڭ، كىيىن يۈگرەيسەن.
139. مېلىڭ مىڭغا يەتكىچە، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن.
140. مېھنەتتىن قاچما، مىننەتتىن قاچ.
141. مىڭ دوست ئاز، بىر دۇشمەن كۆپ.
142. مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى.
143. گول قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا قارايدۇ.
144. ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ ئوڭلايدۇ.
145. ناز قىزغا يارىشار، غاز كۆلگە يارىشار.
146. نەپسى دېگەن بالادۇر، ئاخىرى ئوتقا سالادۇر.
147. نەشپۇتنى نەۋرەڭگە قوي، شاپتۇلنى مىھمانغا قوي.
148. نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل چىقار.
149. ھارغاندىن ھال سورا، گەپ سورىما.
150. ھالاللىقنىڭ يولى بىر، ھاراملىقنىڭ يولى مىڭ.
151. ھالغا بېقىپ ھەشەم، داپقا بېقىپ سەنەم.
152. ھايالىق كىشى ـــــــ باھالىق كىشى.
153. ھەر كىشى ئۆز غېمىدە، كور كىشى كۆز غېمىدە.
154. ھەرىكەتتە بەركەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.
155. ھەرىنىڭ ھەسىلىمۇ بار، زەھىرىمۇ بار.
156. ھەسەلنىڭ ھەرىسى بار، گۈلنىڭ تىكىنى بار.
157. ھېيىتتاخۇن روزا تۇتۇپ، روزاخۇن ھېيىت ئوينايدۇ.
158. ھىيلە قىلغان تۇتىلار، توۋا قىلغان قۇتۇلار.
159. ئوتتۇز چىشتىن چىققان سۆز، ئوتتۇز ئەلگە تاراپتۇ.
160. ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن.
161. ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ھوسۇل ئالىسەن قاچىلاپ.
162. ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە، سول قولۇڭ بىلەن تۇتىۋال.
163. ئويدا ياتماي، دۆڭدە يات.
164. ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن.
165. ئويۇپ يېسەڭ ئون كۈن يېتەر، قىرىپ يېسەڭ قىرىق كۈن يېتەر.
166. ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ. مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
167. ئۆچكە تاغدا پۇل. ئۈزۈم باغدا پۇل.
168. ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.
169. ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول.
170. ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
171. ئۆزۈڭ ئۇچۇن كۈلەرسەن ، يۈرتۈڭ ئۇچۇن ئۆلەرسەن.
172. ئۆزۈڭگە ياخىشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
173. ئۆزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇر نېنىڭنى.
174. ئۆزى قوڭغۇزدەك، گېپى توڭگۇزدەك.
175. ئۆزى ياۋاش، ئاغزى بەڭۋاش.
176. ئۆستەڭ يارشىقى تال، قىز يارشىقى خال.
177. ئۆلگەندىن ئۆپكە سوراپتۇ، ئەسكى تامدىن قوقاق.
178. ئۆلۈشىگە چىدىساڭ مال ئەت، كۆمۈشىگە چىدىساڭ تال ئەت.
179. ئۆمرۈڭ ئۆتەر، ھۆسنىڭ ئۆچەر.
180. ئۆي ئالما، قوشنا ئال.
181. ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ، كۆڭلۈڭ كەڭ بولسۇن.
182. ئۆيۈڭ ئۆستەڭ بويىدا بولسا، قاپىقىڭ قۇرۇق قالماس.
183. ئۈزۈككە كۆز كېرەك، قىزغا سۆز كېرەك.
184. ئۈلپەت تاپ ـــ قۇدرەت تاپ.
185. ۋاپا ــ تاق ، جاپا ــــ جۈپ.
186. ئېتىڭ ھارسا ھارسۇن، ئۈلپىتىڭ ھارمىسۇن.
187. ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇت.
188. ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
189. ئېسىڭ بارىدا ئېتەك ياپ.
190. ئېغىز ــــ ئايغاق، تىل ــــ تايغاق.
191. ئېغىزدىن چىققان سۆز يەرگە سېپىلگەن سۇ.
192. ئېغىزنىڭ نوقتىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى يوق.
193. ئېيتقان يەردىن قالما، ئېيتمىغان يەرگە بارما.
194. ئىچتىم شاراپ، بولدۇم خاراپ.
195. ئىش بىلگەن ئىشنى ھاردۇرار، ئىش بىلمىگەن ئۆزىنى ھاردۇرار.
196. ئىش قۇرالىڭ ساز بولسا، مۇشاققىتىڭ ئاز بولار.
197. ئىش قىلىشتا بىلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى قوش.
198. ئىش كۆرمىگەن خام بالا، ئەقلى- ھۇشى كەم بالا.
199. ئىش ۋاقتىدا ھەييار، ئاش ۋاقتىدا تەييار.
200. ئىش كۆرگەننى ئالما، بۇشۇك كۆرگەننى ئال.
201. ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس.
202. ئىككى ياخشى ئارسىدا قىل ئۈزۈلمەس، پولات زەنجىرنى ئۈزگەن ئىككى بىلمەس.
203. ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان گەپ ئۈستىگە كېلەر.
204. ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا كەلمەس.
205. ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز جاننى قېرتىدۇ.
206. ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق سال.
207. ياخشىغا بىر سۆز، يامانغا مىڭ سۆز.
208. ياخشى كەلسە ھوت، يامان كەلسە جۇت.
209. ياخشىلىق تۆرگە باشلايدۇ، يامانلىق گۆرگە باشلايدۇ.
210. ياخشىنىڭ شاراپىتى تېگەر، ياماننىڭ كاساپىتى تېگەر.
211. ياخشى نىيەت باشقا، يامان نىيەت باشقا.
212. يازدا ئېرىنچەك بولساڭ . قىشتا دۈمچەك بولىسەن.
213. يازدا يېيىل،قىشتا قىسىل.
214. ياشلىقىڭدا بىلىم ئال، قىرىغاندا ئىشقا سال.
215. ياشلىقىڭدا ئىشلە، قىرىغاندا چىشلە.
216. ياغ يىگەندە يات، دەرت تارتقاندا قىرىنداش.
217. ياماق ياماپ ، يارماق تاپ.
218. يامانغا ئات بولغۇچە، ياخشىغا ھاسا بول.
219. يامانغا ياغ ياراشماس، ئۆچكىگە يۇمغاقسۈت.
220. يامانلىقنىڭ يولى يىنىك، ياخشىلىقنىڭ يولى ئېغىر.
221. ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
222. يامان ئىشنى يامان تاپار، سىسىق گۆشنى چىۋىن تاپار.
223. يامغۇر ياغدى ـــ ياغ ياغدى، قار ياغدى ـــ نان ياغدى.
224. يامىساڭ يېڭى بولار، يېڭىنىڭ تېڭى بولار،
225. ياۋاش بولسا بوش دېمەڭ، يۇمشاق بولسا گۆش دېمەڭ.
226. يەتتە يېشىمنى ئەسلىشەر، يەتمىش يېشىمدىن رەنجىشەر.
227. يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن بۇزۇلسا ئۇرۇشقاق بولار.
228. يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
229. يوغاننى يۇنۇپ يە، كىچىكنى شىلىپ يە.
230. يوقنىڭ بىر دەردى بار،بارنىڭ مىڭ دەردى بار.
231. يولۋاسقا يولۇقما،يولۇقساڭ ھۇدۇقما.
232. يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا چىق.
233. يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن ، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.
234. يۈز دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ.
235. يېرىڭ تاش بولسىمۇ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن.
236. يېقىن تۇققان خىزمەتتە، يىراق تۇققان ئىززەتتە.
237. يېگەن كۆرۈنمەس ، كېيگەن كۆرۈنەر.
238. يېڭىسى ياندا ، كونىسى جاندا.
239. يېڭىنى ئايىغان كونا ، كىگىزنى ئايىغان بورا.
240. يىغلاپ يۈرۈپ قىر ئەت، ئويناپ يۈرۈپ يەر سۇغار.
241. يىغلىغاندىن قورۇقما ، كۈلگەندىن قورۇق.
242. يىقىلغانغا يۆلەك بول، يىرتىلغانغا ياماق بول.
243. يېڭنە قاياققا ماڭسا ، يىپ شۇ ياققا ماڭار.
244. يىلان- چايان ئېزدىسڭ ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ.
245. يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن، ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ.
246. يىلاننىڭ تۆشىكى تۈز، ئۆزى ئەگرى.
247. يېلتىز سۇدا بولمىسا، ھوسۇلدىن ئۈمىد كۈتمە.
248. ئاقىللاردىن ھۆرمەت يانار، نادانلاردىن كۈلپەت يانار،
249. ئادەم تويغان يەردە تۇرار، قۇش قونغان يەردە.
250. چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، خوشياقماسنىڭ باھانىسى تولا.
251. ئىككى تاۋۇزنى بىر قولتۇققا قىسقىلى بولماس.
252. يامان ئاتاق بىلەن يۈرگەندىن، ياخشى ئاتاق بىلەن ئۆلگەن ياخشى.
253. ئەرنىڭ قۇتى قورقماسلىقتا، سۇنىڭ قۇتى چۇڭقۇرلىقتا.
254. كادىر بولساڭ سىلىق بول، سۇغا چۈشكەن بېلىق بول.
255. ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك، ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك.
256. كالپۇكنىڭ سىرتىدا چىش يوق، ھېساپنىڭ سىرتىدا ئش يوق.
257. ئۈمدنىڭ تومۇرى ئۈزۈلسە، ھاياتنىڭ ئۇمۇرىتقىسى سۇنار.
258. كىپىنەك پەرۋانە بۇلالماس، ياسانچۇق مەردانە بولالماس.
259.ھۆنەرلىك بولۇش گۈھەرلىك بولۇشتىن ياخشى.
260. ئىناق ئەلدە ئاپەت يوق، ئىناقسىز ئەلدە ئامەت يوق.
261. يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس، ئىناق ئۆتكەن ۋەيران بولماس.
262. ئەقىلىققا گەپ قىلساڭ ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ ئويناپ كۈلىدۇ.
263. ئاتىسى بۇلوشقاقنىڭ بالىسى ئۇرۇشقاق. ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ.
264. ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ.
265. كۈندۇزى ئاچ قالساڭ، كىچىسى يولتۇز سانا.
266. تۆگە تالغا تويماس، سودىگەر مالغا تويماس.
267. چۈجىنى كۈزدە سانا، چۈچۈرىنى پىشقاندا سانا.
268. خۇرازنىڭ تاجىسى بولغۇچە، تۆگىنىڭ قۇيرۇقى بول.
269. ئەقىلسىزنىڭ ئىپى يوق، تڭشىغۇدەك گېپى يوق.
270. بىر سەر ئالتۇن بولغۇچە، بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن.
271. دۇتارنىڭ تارى ساتاردا يوق، بىلىمسىز كىشى قاتادا يوق.
272. زامانغا قاراپ ئىش تۇت، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن.
273. گۈلنىڭ سەرخىلى گۈل ئارىسىدا، ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا.
274. ماختانغاننىڭ ئۆيىگە بارما، كېرىلگەننىڭ تويىغا بارما.
275. ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن.
276. ئايدا كەلگەنگە ئاياق، كۈندە كەلگەنگە تاياق.
277. ئاي قۇتاللىسا جۇت بۇلۇر، كۈن قۇتاللىسا شىۋىرغان.
278. ئەجىرىڭ يەرگە سىڭسە، قەدىرىڭ ئەلگە سىڭەر.
279. ئاپتاپ يەرنى تاۋلايدۇ، جاپا ئەرنى تاۋلايدۇ.
280. ئەرگە تەسلىم بولما، تەرگە تەسلىم بول.
281. ئاش قالسا قالسۇن، ئىش قالمىسۇن.
282. بىلىملىك پەم بىلەن ئۆتەر، بىلىمسىز غەم بىلەن ئۆتەر.
283. بىلىملىك ئويلاپ سۆزلەيدۇ، بىلىمسىز قايناپ سۆزلەيدۇ.
284. بىلىمىلىكتە بال بار، بىلىمىسزدە ھال بار.
285. ئالىمىنىڭ خۇمارى بىلىم، بەڭگىنىڭ خۇمارى چىلىم.
286. ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرىگى، ئانا ئۆينىڭ يۈرىكى.
287. ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ، ئاتاڭنى خاقان بىل.
288. كەمتەر ئامال تاپار، تەكەببۇر زاۋال تاپار.
289. چۈشلۈك ئۇيغۇـــــ خوشلۇق ئۇيقۇ. سەھەر ئۇيغۇـ زەھەر ئۇيقۇ.
290. بېقىپ يەي دېسەڭ مال قىل، يېتىپ يەي دېسەڭ باغ قىل.
291. تەقدىرىڭگە تاينىپ ياشىماي، تەدبىرىڭگە تايىنىپ ياشا.
292. يامانغا ئاتا بولغۇچە، ياخشىغا ھاسا بول.
293. چىشىڭنى سەدەپلىك قىلغۇچە، ئۆزۈڭنى ئەدەپلىك قىل.
294. ھايۋانغا ھەلەپ كېرەك، ئادەمگە ئەدەپ كىرەك.
295. دەرەخ ھۆسنى ياپراق، ئادەم ھۆسنى ئەخلاق.
296. كىشىلەردىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كىلەر.
297. ئەلدىن كەتتىڭ، بەلدىن كەتتىڭ.
298. دوستىڭغا جاپا قىلما، دۈشمەنگە ۋاپا قىلما.
299. دوستلار ئارا ئاداۋەت دۈشمەن ئۈچۈن تاپاۋەت.
300. بىلىملىك نۇرلىنىپ ئۆتەر، بىلىمسىز خورلىنىپ ئۆتەر.
بايقاشتى دوستلار، ئالاقىلىش تېلفون نومىرىمىزنى بىر توپلايلىچۇ ، ئەمسە....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5974 سەر
تىللا
4150 دانە
تۆھپە
4102 سەر
شۆھرەت
4563 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 21:10:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ نېمەنچا كۆپ كۆپ رەھمەت سىزگە!
مەن بىرنى ئاڭلىغان  بۇبىكار گەپمۇ ياكى ئاساسى بار گەپمۇ
ئۇغۇلنى بۇزغان كالىنىڭ جىگىرى ،قىزبالىنى بۇزغان ۋېلىسپىتنىڭ ئىگىرى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
818 سەر
تىللا
595 دانە
تۆھپە
614 سەر
شۆھرەت
710 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 13:30:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسى بار ئىكەن. كالىنىڭ جىگىرى كالىنىڭ ھەممىدىن قۇۋۋەتلىك يىرى بۇلۇپ.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 09:50, Processed in 0.114281 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش