ش ئۇ ئا ر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى تەڭشىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى تەڭشىدى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى 1102 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، 2010-يىلى(2010-يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بۇرۇنقى كونا سىياسەت قوللىنىلىدۇ. يېڭىدىن تەڭشەلگەن نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدە: ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر ئىلمى) ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن بولسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىغا ئون نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار دائىرىسىگە كىرمەيدۇ؛ مەملىكەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆلكە ئىچىدىكى مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار دائىرىسىگە كىرمەيدۇ ھەم نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ. مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا باھالاش سالاھىيىتى ئالدىن بېرىلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىلىرىدە (ياش - ئۆسمۈرلەر بىيولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى ئەمەلىيەت پائالىيىتى)، «ئەتىكى كىچىك ئالىم» پائالىيىتىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مېڭە ياساش پائالىيىتىدە بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر ياكى خەلقئارالىق ئىلىم - پەن ۋە قۇرۇلۇش مۇسابىقىسىدە خەلقئارا مۇھىت تەتقىقات تۈرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئومۇمىي نومۇرىغا ئون نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى مەكتەپ ئۆزى بەلگىلەيدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا باھالاش سالاھىيىتى ئالدىن بېرىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر ھەم جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تاللىشىدىن ئۆتۈپ خەلقئارالىق (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر ئىلمى) ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە دۆلەت كوماندىسىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىۋاسىتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ سىناق ئالغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا خەلقئارالىق چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ياكى يەككە تۈر بويىچە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە كوللېكتىپ ۋە يەككە تۈر بويىچە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر؛ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە يەككە تۈر بويىچە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 20 نومۇر قوشۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە يەككە تۈر بويىچە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەرگە قوشۇپ بېرىلگەن نومۇرنى قوشۇش - قوشماسلىقنى مەكتەپ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئىگىلىنىشچە، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى»غا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. مەنبە: مەركەز ئۇيغۇرچە رادىئۇ تورى |