پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 3

تەسەللىنىڭ خاسىيىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
23
قىزغىنلىق
252 سەر
تىللا
138 دانە
تۆھپە
174 سەر
شۆھرەت
187 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 13:10:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەسەللىنىڭ خاسىيىتى



ئۆزۈمنىڭ تۈنۈگۈنلا قىيغىتىپ ئويناپ يۈرگەن بالىلىقىمدىن خوشلىشىپ، ئەمدىلىكتە ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئانىغا ئايلانغىنىمنى ئويلىسام، ۋاقىتنىڭ نەقەدەر تېز ئۆتكەنلىكىگە ھەيران بولىمەن. تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل دوقاللىرىغا ئۇچراپ، ياخشى بىر مەسلىھەتچىگە موھتاج بولغىنىمدا، دادام ئېسىمگە كېلەتتى، بۈگۈنمۇ يەنە دادامنى ئويلاپ قالدىم.
نەرسە - كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ چوڭ ئۆيگە ماڭدىم. ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ، يېزامنىڭ گۈزەل باھار پەسلى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆكىرىۋاتقان دەرەخلەر، بېدە كۆكى تېرىۋاتقان قىز - چوكانلار، سىيالكا سۆرىگەن تىراكتورنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ كېتىۋاتقان دېھقانلار... ئىشقىلىپ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئېتىزلارنى كۆرۈپ كەيپىياتىم خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
− ۋۇي ئەزىز مېھمان كېلىپ قاپتىغۇ، قانداقراق قىزىم؟ − ئاتام مېنى كۆرۈپ قولىدىكى ئىشنى تاشلاپلا مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى، شۇئان كۆزۈمگە ياش كەلدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلىغۇم كەلسىمۇ، ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا سوغۇق سۇ سەپكۈم كەلمىدى−دە، ئۆزۈمنى كۈلكىگە زورلىدىم...
− قاراڭ قىزىم، چوڭ ئاكىڭىز ئۆي سېلىۋاتىدۇ، بۈگۈن 22 كۈن بولدى، ئۇنىڭغا ياردەم قىلاي دەپ ھېچيەرگە بارالمىدىم، بىر كۈن بارمىسام ئىشى ئاقسايدۇ. بالىلار كىچىك بولغاچ، يەڭگىڭىزنىڭ ئىشىمۇ كۆپ. كىچىك ئاكىڭىزغا جايلىق يەر ئالىمەن دەپ، يەنە ئۇنىڭ ئىشىغىمۇ چېپىۋاتىمەن...
ئاتامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ، كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا سەپسالدىم. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، چىشلىرى ئاللىقاچان چۈشۈپ كەتكەن، قوۋۇز سۆڭەكلىرى بورتۇپ چىققانىدى. ئاتام ئاغزىغا سالغان ناننى چاينىماي يالماپ يۇتۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى. ئۇنىڭ تارىشىدەك قولىغا، پايپىقىنىڭ ئۇچىدىن چىقىپ قالغان بارمىقىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولدى.
− سىڭلىڭىز ئۆي ئايرىيدىكەن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بەرسەم بولار؟ بىر موزاي بېقىپ قويدۇم، ئېغىلىغا باغلاپ بېرەي دەيمەن...
ئاھ، ئۇنىڭ غەملىرى نېمانچە كۆپ، يېشى 60 تىن ھالقىغان ئاتام توغرىلىق يەنە خىيالغا پاتتىم. ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تىرىك تارىخى ئىدى. ئۇ يالغۇز بولغاچقا، ئۇنىڭغا بىزدىن باشقا يۆلەك بولغۇدەك قېرىنداشلىرىمۇ يۇق ئىدى. ئاتام نۇرغۇن كەچمىشنى باشتىن كەچۈرگەن، كۆپ جەبىر جاپا تارتقان بولسىمۇ، تۇرمۇش ئۇنى ھەممىدىن خەۋىرى بار، ھەممىگە يېتىشلىك قىلىپ تاۋلىغانىدى. شۇڭا، مەسئۇلىيەتچان، ئۈمىدۋار، جاسارەتلىك ئەرلەر توغرىسىدا ئويلانغىنىمدا، ئاتامنىڭ ۋاقىت قارىشى، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن سۆيۈنەتتىم، ئۇنى ئۈلگە سۈپىتىدە پەرزەنتىمگە مىسال قىلاتتىم. ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۈمىدۋارلىقى، كەڭ قورساقلىقىدىن ھۇزۇرلىناتتىم. تۈرگۈنلۈكىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا، قىسقىسى، ئاتامنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى دوراشقا ئىنتىلەتتىم. قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ئۇنىڭغا ئېيتىشقا، دانا مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلاشقا ئالدىرايتتىم...
ئاتا، ئادىمىيلىك پەزىلەت، ئەخلاق توغرىسىدا قەلبىمگە ئاستا - ئاستا سىڭدۈرگەنلىرىڭىز مېنى ياشلىق مەزگىلىمدىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ، بەختلىك بىر ئائىلىگە ئىگە مەسئۇلىيەتچان ئانىغا ئايلاندۇردى. سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن كۆرگىنىم ئاقكۆڭۈللۈك، ساددىلىق، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش...
بۇ ھەقتىكى خىياللىرىم تۈگىمەيلا چوڭ نەۋرىمىز كىرىپ كەلدى:
− بوۋا، بۈگۈن مەكتەپتە ئاتا - ئانىلار يىغىنى بار ئىدى، دادام بازاردىن تېخى كېلەلمەپتۇ، سەن بارغىنا...
− ماقۇل، ماقۇل،− ئاتام چېيىنى چالا - بۇلا ئىچىپلا چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ كۆزلىرىمگە يەنە ياش كەلدى. ئۇنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى چېچىدىن تولا، كۆرىدىغان راھىتى ئاز بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ناھايىتى خۇشال. ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتىنى ياش يىگىتلەردەك چاققانلىق بىلەن مىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. ئاتامغا ئېيتماقچى بولغان خاپىلىقلىرىم ئاللىقاچان يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى قۇشتەك يەڭگىل، ھېچقاندەك خاپىلىقى يوق، خۇشال ھېس قىلىۋاتاتتىم... شۇ تاپتا مەن ئاتىنىڭ پەرزەنتكە ئاتا قىلغان مېھرىنىڭ قۇدرىتىنى، ئاتا - بالىلىق مۇھەببەتنىڭ شاراپىتىنى، شۇنىڭدەك ھايات ۋە تۇرمۇش ئاتا قىلغان تەسەللىنىڭ خاسىيىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
734 سەر
تىللا
97 دانە
تۆھپە
513 سەر
شۆھرەت
563 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 18:20:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك تىمىكەن .ئاتا-ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ .
كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئېچەر .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1351 سەر
تىللا
469 دانە
تۆھپە
852 سەر
شۆھرەت
1039 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 16:44:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن. رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5974 سەر
تىللا
4150 دانە
تۆھپە
4102 سەر
شۆھرەت
4563 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 21:27:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياقتۇردۇم ياخشى تېمىكەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 01:30, Processed in 0.103951 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش