پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 994 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 1

قايسى خىل يېمەكلىكتە قايسى ۋېتامىن بار؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
45
قىزغىنلىق
279 سەر
تىللا
161 دانە
تۆھپە
177 سەر
شۆھرەت
222 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 16:18:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى خىل يېمەكلىكتە قايسى ۋېتامىن بار؟
--------------------------------------------------------------------------------
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار ۋە يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق ئادەمنىڭ بەدىنىگە كىرەكلىك بولغان بەزىبىر ئوزۇقلۇقلارنى تۇلۇقلىغىلى ۋە ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن.ئۇنداقتا قايسى خىل يىمەكلىكلەردە قايسى خىل ۋىتامىنلارنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا بۇ خىل ۋىتامىنلارنىڭ كەيپىيات بىلەن  بولغان تەسىرى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ:
ۋىتامىن B1 . ۋىتامىن B1 ئادەتتە ئېچىتقۇ ، گۈرۈچ شاكىلى، بۇغداي، سۇلۇ، خاسىڭ، سۈت ۋە  كۆكتاتلاردا كۆپ بولىدۇ. ۋىتامىن B1 نىڭ قۇبۇل قىلىنىشى مۇۋاپىق بولسا جىمىغۇر كىشىلەردە ياخشى بۇرۇلۇش ياساپ، كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، روھى ھالەتنى تەڭشەپ، كۆڭۈلنى خوشال قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
ۋىتامىن 6B : ۋىتامىن 6B ئادەتتە بۇغداي ئۈندۈرمىسى، پېۋا، دادۇر، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى ۋە بۆرىكى، گۈرۈچ، سۇلۇ، خاسىڭ قاتارلىقلاردا يەنە ، گۆش، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا كۆپرەك بولىدۇ.ۋىتامىن 6B نىڭ مىقدارى توپلىنىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن بەدەندە بىر خىل جىمغورلۇققا قارشى تۇرغۇچنى ھاسىل قىلىپ ، جىمغورلۇقنى يىنىكلىتىش، كەيپىياتنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.  سىرتقى مۇھىتتىن كەلگەن تۈرلۈك بىسىملارنى يىنىكلىتىپ، بەدەندە سىرتقى بېسىمغا قارشى تۇرغۇچى كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ.
ۋىتامىن C: ۋىتامىن C يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار ۋە مېۋە - چىۋىلەردە كۆپرەك بولىدۇ. ۋىتامىن C چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى تەڭشەپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىمونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى ئۆسۈملۈك نېرۋىلىرىنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشنى كونترول قىلىپ، جىددىلىشىش، تەشۋىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى يىنىكلىتىدۇ.
ۋىتامىن12B:  تەركىبىدە ۋىتامىن 12B كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، كالا گۆشى، قوي سۈتى، ئىرىمچىك، تۇخۇم قاتارلىقلار بار . ۋىتامىن 12B كەيپىياتنى تەڭشەپ ئاسان ئاچىقلىنىشنى تۈگۈتۈپ،  زېھنى كۈچىنىڭ مەركەزلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئورگانىزىمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
ۋىتامىن E: ۋىتامىن E ئادەتتە بۇغداي ئۈندۈرمىسى، دادۇر ، تۇخۇم، بۇغداي، ئۆسۈملۈك مېيى، قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر ۋە يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ۋىتامىن E چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئەڭ چوڭ چەكتە قاندىكى ئوكسىگېننى قۇبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ نورمال پائالىيەت ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سىنىك: سىنىك ئادەتتە گۆش، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىقلار تەركىبىدە مول بولىدۇ. سىنىك بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ خام ئەشياسى، ئىنسولىننىڭ ھاسىل بولىشىغا ياردەم بېرىدۇ. قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يىپىشقاقلىقىنى مۇقىملاشتۇرغۇچى ۋە بەدەندىكى كىسلاتا ئىشقار مۇۋازىنىتىنى تەڭشىگۈچى مۇھىم ماددا . سىنىك چوڭ مېڭە تەپەككۇرىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىنكاسىنى كونتىرول قىلىدۇ.  
ماگنىي:  ماگنىي ئادەتتە ئۆرۈك مېغىزى، بانان، دانلىق زىرائەتلەر ۋە قېتىق، يېشىل رەڭلەردىكى كۆكتاتلاردا مول بولىدۇ. ماگنىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلىغۇچى زۆرۈر ماددا بولۇپ، جىددىلىشىشكە قارشى تۇرۇش رولى بار.
    مانگان: تەركىبىدە مانگان مول بولغان يېمەكلىكلەردىن كۆك پۇرچاق، قىزىلچا، دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر بار. مانگان سۆڭەكنى تەشكىل قىلىشتىكى زۆرۈر بولغان ئېلېمېنت بولۇپ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ياكى تىت - تىت بولۇش كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
272 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
225 سەر
شۆھرەت
267 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 14:34:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ھەممە يىمەكلىكتە ۋېتامىنلارنىڭ ھەممىسى بارغۇ دەيمەن. بىراق مىقدارى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-30 01:39, Processed in 0.094742 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش