- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2961
- نادىر
- 3
- تېما
- 177
- يازما
- 278
 
- يوقلىما
- 71
قىزغىنلىق- 986 سەر
تىللا- 262 دانە
تۆھپە- 434 سەر
شۆھرەت- 533 سەر
   
| ئاشخانىدىكى پاراڭلاردىن تۇغۇلغان ئويلار
بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغىنىم مەن ئۆگىنىش قىلۋاتقان مەكتەپ سىرتىدىكى كىچىك بىر ئاشخانىدا بولۇنغان پاراڭلاردىن كىيىن ئويلىغانلىرىم.
ئالىي مەكتەپ بولسا- ئۆزىنىڭ كەلگۈسىكى گۈزەل ئارزۇلىرىنى شۇنداقلا ئاتا-ئانا باشلىق نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ ئارمانلىرىنى قەلبىگە پۈكۈپ بۇ دەرۋازىغا ئاياغ باسقان ياشلارنىڭ مەرىپەت بۆشىكى،ئېيتىپ ئۆتكەندەك نۇرغۇنلىغان ئىنى-سىڭىللار بۇ بىلىم يۇرتىلىرىدا ئۆزھاياتىغا مەڭگۈ ھەمراھ بولالايدىغان ئۆچمەس ئىزلارنى سېلىش ئۈچۈن پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىنماڭ ئۆگەنسىمۇ يەنە بىرقىسىملىرى بولسا بۇنى ياشلىقىتىكى كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بېلىپ ئۆزلىرنى بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا ھەممە تەييار بۇ پۇرسەتنى تۈگىمەس ئويۇن-تاماشىلار بىلەن ئۆتكۈزمەكتە.ئەلۋەتتە جەمئىيەتتە نەزەر سالالىغانلار ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن قولدىن بەرسە بولمايدىغان ياخشى ۋاقت. خىزمەتتىن قايتا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغانلار مېنىڭچە ئوقۇشنىڭ قەدرىگە باشقىچە يېتىدۇ چۈنكى خىزمەت تېپىش ۋە شۇ ۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ،ئەقەللىسى ئۆزىنىڭ جېنىنى باققۇدەك بىر كىشلىك ھالال ئىش تېپىپ ئىشلەش تەس بولۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسىغا قايتا قەدەم بېسىش ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆگىنش،ئۆزىنى يەنىمۇ ھەر جەھەتتىن مۇستەھكەملەيدىغان ياخشى بىر پۇرسەت. بۇنى نۇقتىنى مەنلا ئەمەس بۇ قېتىم چوڭلار مائارىپىغا مەن بىلەن تەڭ ئۆگىنىشكە كەلگەنلەر بىردەك ھىس قىلدى دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە ئادەم ئۆگىنىشكە قانچە بېرىلگەنسىرى ئۆزىنىڭ بىلدىغانلىرىنىڭ تولىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىدۇ.بۇخىل تونۇش بىلەن ئۆگىنىش ئسىتىكى ھامان بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپكە مەنمۇ قەدەم باسقاندىن بېرى مەكتەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەكرەك دېققەت قىلدىغان بولدۇم بۇنىڭ سەۋەبى مېنىڭ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇۋاتقان چاغلاردىن باشلاپلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بېقىش ئارزۇسىدا بولغانلىقىمدىنمۇ ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ مەن ئوقۇغان مەكتەپكە سېلىشتۇرغاندا ئارتۇقچىلىقىلارىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىنمۇ ئىشقىلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتارىدا مۇشۇ ئورۇندا تۇرغاچقا ئۇلارنى چۈشىنىپ باققۇم كېلىدۇ.بىز تۇردىغان ياتاق بېناسى ۋە ئوقۇتۇش بېناسىنىڭ دەرىزلىرى مەكتەپ مەيدانىغا قارىغاچقا ھەر قېتىم دەرىزە يىنىغا كېلىپ سىرتقا قارىساملا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گاھىدا مەيداندا كىتاب يادلاۋاتقانلىقىنى گاھىدا توپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.سەھەردەدە ياتاق دەرىزىسىنى ئاچقاندا ئۈنلۈك ئاۋازدا تېكست يادلاۋاتقان قىز-ئوغۇللارغا قاراپ ئۇلارغا تولىمۇ مەسلىكىم كېلىدۇ،مەكتەپ كۈتۈپخانىسدا مەن دائىم ئوچرىتىدىغان تونۇش چىرايلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن.بولۇپمۇ بىر قېتىملىق «تۈركىي تىللار دىۋانى»توغرىسىدىكى لېكسىيەدە زالغا لىق تولغان ئوقۇغۇچىلارغا،ئۇلارنىڭ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان سوئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇشلىرى مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانغا سالغان ئىدى، ئەمما بەش بارماق ئوخشاش بولمىغاندەك ،باشتا مەن ئېيتىپ ئۆتكەندەك بۇ ئوقۇش پۇرستىنى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە مېنىڭ دائىم ئۇچىرىتىدىغانلىرىممۇ ئۆگىنىشنىڭ كويىدىلا يۇردىغانلارلا ئەمەس، خۇددى بىر ئەسەردە ئوخشىمىغان پىرسۇناژلار تەسۋىرلەنگەندەك مېنىڭ كۈندە ئۇچىرىتىدىغانلىرىم ھەرخىل ئوقۇغۇچىلار... بۈگۈن شەنبە بولغاچقا دائىم بىز دەرستىن چۈشكىچە مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق قالمايدۇ،چۈنكى مەكتەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارام ئالغاچقا تاماقلار بالدۇرلا چىقىرىلدۇ.شۇڭا چۈشتە دەرستىن چۈشۈپ بىر ياتاقدىشىم بىلەن مەكتەپ سىرتىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر ئاشپۇزۇلىغا كىردۇق،بۇ ئاشخانا كىچك بولغىنى بىلەن تاماقلىرىنىڭ تەمى بار ئىدى، بىز سومىيەن بۇيرۇتتۇق، ئادەم كۆپ بولغاچقا كەينىدە كىرگەن بىز ئەلۋەتتە خېلى ساقلاشقا توغرا كېلەتتى.بىز ئولتۇرۇپ تۇرىشىمىزغىلا ئالدىمىزدىكى ئۈستەلگە بىزدىن خېلىلا كېچىك ئىككى قىزچاق كېلىپ ئولتۇردى،بۇلارنى مەكتەپتە كۆرگەندەكلا قىلىمەن.دوستۇم ئىككىمىز ئۆز پارىڭىمىز بىلەن ئولتۇرغان شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ دېققىتىمىزنى ئالدىمىزدىكى بىر سىڭىلچاقنىڭ يېنىدىكى دوستىغا زارلاپ بەرگەن پاراڭلىرى ئېختىيارسىز ئۆزلىرىگە تارتتى. ئۇ قىز دوستىغا ھەدەپ ھال ئېيتىۋاتاتتى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاخشام ئالتۇن جابدۇقلىرىنى ئىستاكانغا سلېپ يۇيۇپ بۇلۇپ ھالقا-زەنجىرلىرىنى ئېلىپ ئۈزۈكىنى ئالمايلا ئىستاكاندىكى سۇغا قوشۇپ يۇندا كارىزىغا تۆكۈۋەتكەنمىش، ھەرقانچە ئىزدىگەن بولسىمۇ يۇندا چۈشىدىغان ئېغىز چوڭ بولغاچقا بىراقلا يۇندا يولىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، شۇڭا ئاخشامدىن بېرى تۈزۈك ئۇخلىيالماپتۇ،ئاپىسنىڭ ئاچچىقلىشى تۇرغانلا گەپ ئىكەن چۈنكى بۈنىڭدىن ئاۋالمۇ نەچچە ئالتۇن ئۈزۈكنى يۈتتۈرگەنمىش...يىنىدىكى دوستى ئۇنىڭغا نىمىشقا دېققەت قىلمىغانسەن دەپ بىر مۇنچە تەسەللىي بەردى، تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا بۇ ئىككى قىز جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەندەك تۇراتتى.ئالىي مەكتەپتە ئەمدىلا قەدەم باسقان قىزلىرىغا بىر يۈرۈش ئالتۇن جابدۇق ئېلىپ بەرگۈدەك ئىقتىسادى ئەھۋالى شۇنچە ياخشىمىدۇ ياكى ھازىرقى بالىلار شۇنداق ئەتىۋارلىقمۇ دىگەنلەر كاللامدىن كەچتى ھەم بۇ ئىككى قىزغا باشقىدىن زەن سېلىشقا باشلىدىم، ھەر ئىككىلىسى قاش-كۆزى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق قىزلار ئىدى، ئۇچىسدىكى كىيىملارمۇ ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن خېلىلا پەرىقلىنەتتى، ئالىي مەكتەپتىكى «مودا »قىز ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئىدى. مەن ئۇلارنى كۈزۈتۋاتقان پەيىتتە بىزنىڭ تامىقىمىز چىقتى،ئۇلار يەنىلا تاماقنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتاتتى. دوستۇم ئىككىمىز تاماققا تۇتۇش قىلدۇق.بىر ياقتىن تاماق يەۋەتىمىز بىر ياقتىن قۇلىقىمىز ئۇلارنىڭ پارىڭىدا،ئەيتاۋۇر ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاۋاتقان بىزلا بولمىساق كېرەك چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاۋازى بۇ كىچىككىنە ئاشخانىنى بىر ئالغان ئىدى.ئۇلارنىڭ كىچكىلىكىمۇ ياكى يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىپ باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا ئامراقمۇ بىلمىدىم ئىشقلىپ ئۆز-ئارا پاراڭنى بۇنچە يۇقىرى سۆزلىمىسىمۇ ئاڭلىيالايدىغان تۇرۇقلۇق بارچە ئاۋازىنى قويىۋىتىپ ئەتراپتا ئۆزلىرىدىن باشقا ئادەم يۇقتەك سۆزلەۋاتاتتى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بايىلا تېخى يۈتۈپ كەتكەن ئالتۇن ئۈزۈكىنىڭ ئارمىننى قىلىپ مېنىڭ ئېچىمنى ئاغرىتقان بۇ قىزنىڭ ئەمدى ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا كەچتە بارماقچى بولغان تويغا مەخسۇس ئاتاپ ئالغان قىممەت باھالىق،ماركىلىق كىيمىنى ھەدەپ دوستىغا ماختاپ بېرىشى بولدى. ئۇ كىيمىنى شۇنداق تەسۋىرلىدىكى بۇ كىيىم چوڭ بازارلاردا ئېھتىمال ئۇ ئالغان باھانىڭ نەچچە ھەسسىسى بويىچە سېتىلىشى مۇمكىن،ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەچكە ھەر ھالدا نەچچە يۈز كويغىلا سېتۋاپتۇ، يەنە تېخى ئالدىنقى قېتىم قايسىبىر ساۋاقدىشى يۈز كويغا ئالدىم دىگەن كىيىم ئۇ يەردە ئەللىك كويمىش ،قىزچاقلار شۇئان ساۋاقدىشىنىڭ ئۇلارغا باھانى يالغان ئېيتقانلىقىدىن گۇمانلىنىپمۇ ئۈلگۈردى. ئۇلارنىڭ كىيىم توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ بۇلار كۈندە بازار ئارلامدۇ قانداق دەپمۇ ئويلاپ قالدىم چۈنكى قەيەردە،قايسى دۇكاندا قانداق يېڭى مال بار،قەيەردە ئەرزان ،قەيەردە قىممەت، قايسى يەرنىڭ كىيىملىرىنىڭ سورۇندارچىلىقى بار ئۈجىرىدىن-بۈجىرىگچە بىلىدىكەن،گەرچە قىز بالىنىڭ كىيىمگە ئامراقلىقى تەبىئىي بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەمدى ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم باسقان تۇرۇقلۇق يەنى سورۇندارچىلىق كىيىملىرى دىيشىلىرى مېنى راستىنلا گاڭگىرقويدى. يەنە قانداق يېڭى كىيىملار توغرىسىدا گەپلەر بولۇندىكىن بىلمىدىم بىز تامىقىمىزنى يەپ بولۇپ يېنىپ چىقتۇق، مەكتەپ ئىچىگە كىرگۈچە بولغان ئارلىقتا دوستۇم ماڭا بىز ئۆزىمىزنى تاپقان پۇل ئارقىلىق بۇ يەردە ئۆزىمىزنى ئاران قامداۋاتىمىز ،بۇ قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى شۇ ھالدا قانداق قامداۋاتقاندۇ؟ دىدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم پەقەتلا ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ قويدۇم دوستۇم نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى بىلگەن بولسا كېرەك ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئاشخانىدىن قايتىپ چىققاندىن بېرى كاللامدا ھەرخىل خىيال ...مەن ئەمدى كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئوقۇچىلارغا يەنىمۇ بەكرەك دېققەت قىلدىغان بولدۇم... ۋاقت مۇناسۋىتى بىلەن يازمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي يەنە نىملەرنىدۇ دىمەكچى ئىدىم .بولدىلا قالغىننى سىلەرگە بېرەي سۆزلەيدىغىنىڭلار كۆپقۇ دەيمەن؟
ئەسكەرتىش: مېنىڭ يۇقىردا ئوتتۇرغاقويغىنىم ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئىشلارنىڭ پەقەتلا بىر كىچىك كارتىنىسى ، بۇ ھاياتتا مەيلى قەيەردە بولايلى يۈز بېردىغان ئىشلار كۆپ ،بىز مەيلى خالايلى ياكى خالىمايلى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزەن رىئاللىقلاردىن ئۆزىمىزنىڭ قاچۇرۇشقا ئامالسىز. چۈنكى شۇ ئورۇندا ئۇلا ئەمەس سىز ھەم مەنمۇ بار... شۇڭا تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى نوقۇل ھالدا بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەنلا ئوتتۇرغا قويماي، توغرا پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىلشىمچە جەمئىيەتتە تەجىرىبىسى مول تورداشلار مۇنبەردىمۇ خېلى كۆپ شۇڭا ئوتتۇرغا قويغان توغرا،ئەتراپلىق پىكىرلىرىڭلارنىڭ ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدا تۇرۋاتقان تورداشلارنىڭ ئوقۇش ھاياتىدا ئاز-تولا يورۇقلۇق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
زەپەر
|
|