پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 37|ئىنكاس: 1

يۈرتۇمنى سۆيىمەن»[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
73
قىزغىنلىق
1016 سەر
تىللا
267 دانە
تۆھپە
442 سەر
شۆھرەت
543 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 14:15:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يۈرتۇمنى سۆيىمەن»
ئاپتۇرى:  نۇرمۇھەممەت

زەپەر
مېنىڭ يۇرتۇم - قەدىمقى مەدەنىيەت ئۇچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭ خاسىيتى بىلەن ئۆزىنى تەڭداشسىز سېھرى كۈچكە ئىگە قىلىپ ئالتۇندەك جۇلالىنىپ تۇردىغان مۇقەددەس ماكان قارقاش ناھيىسىدۇر . مەن قارقاش دىگەن بۇ چىرايلىق نامنى ئېسىمگە ئالغىنىمدا ،ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرىكى ھاياتجانغا تولماي تۇرالمايدۇ .چۈنكى قارقاش خەلقى ناھايىتى مېھماندوست ،ئاقكۆڭۈل ئىشچان خەلق. ئۇلار ئەزەلدىن ئىناق -ئىتتىپاقلىقنى ،راست سۆزلەشنى ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك خىسلىتىگە ئايلاندۇرغان .   
قاراقاش خەلقى  دەرياسى بويى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇق  بويىغا زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ  بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ ئۆزىنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئىككى قولىغا تاينىپ ھازىرقىدەك كۆز يەتكۈسىز باغۇ - بوستانلىقلارنى بەرپا قىلدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خەلقىمنى  ۋە خەلقىم ياشاپ كەتكەن يۇرتۇم قاراقاشنى سۆيىمەن .  
قارقاش ئۆزىنىڭ ياخشى خىسلىتى بىلەن كىشىلەرنى ھاڭ -تاڭ قالدۇردۇ. ئۇ يەردىن نۇرغۇنلىغان جاسارەتلىك قىز-ئوغۇللار ،يازغۇچى-  شائىرلار چىقىپ قارقاش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.  
شۇڭا مەن قارقاشتىن پەخىرلىنىمەن . تېخى بەزىلەر قارا قاشلىقنى تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار دەيدۇ . قارقاشتا قەدىمى مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىر ى بولغان مازار تاغ خارابىيلىقى ۋە ئۈزۈم بازىسى،ياڭاق ماكانى قاشتېشى ماكانى ، مىللىي تىبابەت ،گىلەم ماكانى شۇنداقلا كاۋاك چىنار كەنتە چىشمىشى، قاتارلىق مېۋىلەر ئۆزىنىڭ لەززىتى بىلەن ھەممىگە داڭلىق .شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاجايىپ سېھرى كۈچكە ئىگە يۇرتۇم قاراقاشنى سۆيىمەن .   
   قارقاش خەلقىنىڭ ئەمگەكچان -ئىشچانلىقى بىلەن شىمالىي ئېچىش رايۇنى دەپ نام ئالغان بۇ يەرنى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن قايسى بىر كىشى كەلسە شۇ يەرگە بارماي قالمايدۇ .
ئابلېكىم كامالدەك مەرىپەت بۆشۈكى قۇرىدىغان ئوغلانلارمۇ چىقىپ كەلمەكتە .  
مەن ھازىر 12 قەۋەتتىكى بىنا ئۈستىدە تۇرۇپ بۇكەڭ زېمىنغا نەزەر سالغىنىمدا، بۇ زېمىندا ئومۇمىي نۇپۇس500000مىڭدىن ئارتۇق، ئاھالە بولسا 360000 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ئىختىسادىي جەھەتلەردىن زور ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.   
قارقاشتا  تولۇق نامايەن بولغىنى  توپىلىق چىغىر يول بولماستىن بەلكى ھەممە يەرگە تۇتاشقان،  كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يوللار ، كۆككە تاقاشقان قەۋەت -قەۋەت بىنالار ، خۇددى چۈمۈلىدەك ئۈزلۈكسىز قاتناۋاتقان ماشىنا -ئاپتومۇبىللار كۆپەيمەكتە. قارقاش خەلقى ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ قولنى قولغا تۇتىشىپ ،مۆرىنى -مۆرىگە تىرەپ جاپالىق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە  قارقاشنىڭ ھازىرقى بۇ بەختىيار قىياپىتىنى ياراتتى. ھەمدە باشقىلار ھاڭ-تاڭ قالىدىغان سەۋىيەگە يەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مائارىپ ،داۋالاش ،ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق  ھەر قايسى كەسىپ ساھەلەردە شانلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى . شۇڭا مەن يۇرتۇم قاراقاشنى سۆيىمەن .  

مەنبەسى :ئۆزۈم ( قاراقاش ناھيە كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتىن  نۇرمەمەت)قارا قاش ناھىيەسى
  

ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسى



دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش


ناھىيىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى


ئۆزگىچە تائاملىرى


قول ھۈنەر بۇيۇملىرى


گۈزەل كۆل

  



Rank: 4

قىزغىنلىق
319 سەر
تىللا
98 دانە
تۆھپە
241 سەر
شۆھرەت
236 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 10:49:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتنى سۈيۈش ياخشى ئىش ، دۇنيادا ئۈزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتنى سۆيمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كىرەك .
«يۇرتنى سۈيىمەن» دەپتىكەنسىز مەن تېخى فىليەتۇنمىكىن دەپتىمەن .چۈنكى بۇ يەردىكى «  » نىڭ رۇلىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز .مىنىڭچە ھەر بىر ئەدەبىياتچى قىسقىسى ئاز تولا قەلەم تەۋرىتىپ قۇيىدىغان ئادەم « » ( قوش تىرناق) رولىنى بىلىدۇ . قوش تىرناق دەل يۇرتنى سۆيمەيدىغانلىقىنى ياكى باشقا مەنىنى بىلدۈرىدۇ .مەنغۇ ئەدەبىيات ئۇقۇمىغان  شۇنداقمىكىن دەيمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 04:34, Processed in 0.099289 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش