تـۇرمۇشتـىكى كىـچىك سـاۋاتــلار
 ★ئاچچىق يىمەكىلىك يىگەنلىكتىن ئاغزىڭىز ئاچچىق بۇلۇپ قالسا، ئاشتۇزىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ ئاغزىڭىزغا سېلىپ شوراپ تۈكۈرىۋىتىپ، ئاغزىڭىزنى چايقىۋەتسىڭىز ئاچچىق يوقايدۇ. ★چاي قۇتڭىزدا دۇغ پەيدا بۇلۇپ قالسا ، چىش پاستىسى بىلەن يۇيسىڭىز پاكىز چىقىپ كىتىدۇ. ★كۆزىڭىزگە چاڭ - توزان كىرىپ كەتسە، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرپ كۈچەپ بىر نەچچە قېتىم يۆتىلىپ بەرسىڭىز ، چاڭ - توزان ئۆزلىكىدىن چىقىپ كىتىدۇ. ★يۈزىڭىز ۋە بۇرنىڭىزغا دانىخورەك چىقىپ قالسا، يۈزىڭىزنى يۇيۇپ بۇلۇپ ، بارماقلىرىڭىزنى تۇزغا مىلەپ بۇرنىڭىزنىڭ ئىككى تەرپىگە سۈركەپ سىلاپ بىرىپ پاكىز سۇ بىلەن يۇيىۋەتسىڭىز، دانىخورەك ۋە قارا مونەكلەر يوقاپ كىتىدۇ، ئۇششاق تۆشۈكچىلەرمۇ كىچىكلەپ بارىدۇ. ★پاشا چېقىۋالغان يەرگە سۇپۇن سۈيى سۈركەپ قويسىڭىز، قىچىشش توختايدۇ. ★ناۋادا كىكىرتىكىڭىز ۋە چىش مىلىكىڭىز ياللۇغلىنىپ قالسا ، كەچتە يېتىشتىن ئاۋۋال تاۋۇزنى ئۇششاق تىلىپ تۇزغا تەككۈزۈپ يەپ بەرسىڭىز شۇ ھامان پەرىق قىلىدۇ. ★ھېق تۇتۇپ قالسا ئاچچىقسۇدىن ئازىراق ئىچىۋەتسىڭىز دەرھال توختايدۇ. ★ناۋادا ئېغىزدىكى سامساق پۇرىقىنى يۇقاتماقچى بولسىڭىز، يەر ياڭىقىدىن نەچچىنى يەۋەتسىڭىز پۇراقنى بېسىپ كىتىدۇ. ★خانىم-قىزلار قولىغا سىپتىراق بىلەيزۈك سالماقچى بۇلۇپ باتقۇزالمىسا، قولىغا سۇلياۋ ياپىراقنى يۆگەپ تۇرۇپ ئاسان سېلىنىدۇ، قولمۇ ئاغىرىمايدۇ. بىلەيزۈكنى ئېلىشتىمۇ يۇقۇرقى چارىنى ئىشلەتسە بۇلىدۇ. ★كاشتاننىڭ پوستى ئاسانلىقچە سويۇلمايدۇ، شۇڭا كاشتاننى قاسىرقىدىن ئايرىپ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئازىراق قىزدۇرۋېلىپ ئىسسق پېتى ئۇۋىلىسىڭىز، پوستى سويۇلۇپ كىتىدۇ. ★لوڭقىغا گۈل سالغاندا، سۈيىگە يۇيۇش سۇيۇقلىقىدىن بىر قانچە تېمىم تېمىتىپ قويسىڭىز، لوڭقىدىكى سۇ بىر نەچچە كۈنگىچە بۇزۇلماي تۇرىدۇ. ★ياڭاق مېغىزىنى پۈتۈن چىقارماقچى بولسىڭىز، ياڭاقنى قاسقانغا سېلىپ 10 مىنوت قاينىتىپ ئېلىپ ئاندىن سوغوق سۇغا چىلىۋىتىپ چاقسىڭىز، مېغىزى پۈتۈن چىقىدۇ. ★ئىچىپ بولغان چاينى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ھاجەتخانا ياكى ئەۋرەزنى ئوت يېقىپ ئىسلىسىڭز، سېسىق پۇراق يوقايدۇ. ★زىبۇ-زىننەتلىرىڭىزنى ساقلايدىغان قۇتىڭىزغا كىچىككىنە بىر تال بور سېلىپ قويسىڭز،زىبو-زىننەتلىرىڭىز ئۆڭمەي پارقىراق تۇرىدۇ. ★سەپەرگە چىققاندا بىرەر تال باتارىيە ئېلىۋېلىڭ. كىيىمىڭىزدە سىتاتىك ئېلېكتىر پەيدا بۇلۇپ قالسا، باتارىينى نەچچە سۈركەپ قويسىڭىزلا يۇقاپ كىتىدۇ. ★ئەگەر ئايىقىڭىز پۇتىڭىزنى قىستىسا، ئاياقنىڭ قىستىغان يېرىگە ئاق ھاراقتىن سۈرۈپ قويسىڭز قىستىمايدىغان بۇلىدۇ. ★يازلىقى پۇت تەرلەپ تۇرىدۇ، ئەگەر ھەركۈنى شاكاراپ سۇ بىلەن پۇتىڭىزنى يۇيۇپ بەرسىڭز ئوبدانلا مەنپەت قىلىدۇ. ★يازلىقى باشقا قويغان ياستۇق تولا ھاللاردا ھۆللىشىپ كىتىپ مىكىروپ پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ياستۇقنى دائىم ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كىرەك. ★ئۇيقۇڭىز كەلمىگەندە، يېتىشتىن بۇرۇن ئاز گەپ قىلىڭ، قېنىق چاي ئىچمەڭ، زىھنىڭىزنى تولا چاچماڭ، ئىسسىق سۇغا ئاچچىقسۇ ئارلاشتۇرۇپ پۇتىڭىزنى يۇيۇپ بىرىڭ. ★مايلىق تائامدىن كىيىن چاي ئىچىپ بەرسىڭىز نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، ماينىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ★ئادەم كۈنىگە سەككىز سائەت ئۇخلاپ بەرگىنى تۈزۈك. چۈشلىكى ئۇخلاشقا ئادەتلەنسىڭز قېرشنى ئاستىلىتىدۇ. ★ئادەمنىڭ قولى تۇلا ھاللاردا قۇرغاقلىشىپ يىرىكلەپ كىتىدۇ. ئاچچىقسۇغا قۇشۇلغان سۇغا 10 مىنوت چىلىسىڭز تۈزۈلۈپ قالىدۇ. ★يازلىقى سېلىپ ياتىدىغان بورنى گۈل سۈيى ئارلاشتۇرۇلغان پاكىز سۇ بىلەن يولى بۇيىچە يۇيۇپ بەرسىڭىز، بورنىڭ يوللىرىدىكى كىرلەر تۇلۇق چىقىپ كىېتىپ ئۇزۇنغىچە پاكىز تۇرىدۇ. ★ناشتىدا پەمىدۇر، لىمون قاتارلىق كىسلاتالىق كۆكتات ۋە مىۋىلەرنى كۆپ يەپ بەرسىڭىز جىگەرگە مەنپەت قىلىدۇ. ★ئۈزۈم تەركىبىدە ئۇيقۇغا مەنبەت قىلىدىغان ھورمون بۇلۇپ، دائىم يەپ بەرسىڭىز ئۇيقۇڭىزنى ياخشىلايدۇ. ★ئادەم يازلىقى پەمىدۇر شورپىسىنى كۆپىرەك ئىچىپ بەرسە ئۇزۇقلۇق ھەم سۇ تۇلۇقليالايدۇ. مەزى بىزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. يۈرەك مۇسكۇللىرىنى قوغدىيالايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئەرلەرگە تۇلىمۇ باپ كىلىدۇ. ★قېتىق ھاراقتىن كىيىنكى بىئاراملىقنى يوقىتىدۇ، ئاشقازاننىڭ شىلىمشىق پەردىسىنى قوغدايدۇ، ئىسپىتىرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاستىلىتىدۇ. ★خۇرۇم ئاياغ ئۇزاق تۇرۇپ كەتسە، بەزىدە نەم تارتىپ پۇراپ قالىدۇ. يۇمشاق لاتىنى 1:1 نىسبەت بۇيىچە ئىسپىرت ئارلاشتۇرۇلغان سۇيۇقلۇققا چىلاپ سۈرىتسىڭىز ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ★چىش پاستىسىدا يالپۇز جەۋھىرى، قەلەمپۇر يېغى بولغانلىقتىن باش ئاغىرىغان، باش قايغانلارنىڭ ئىككى چىكىگە سۈرسىڭز مەنپەئەت قىلىدۇ. ★ئادەم خام پىياز ۋە سامساقنى ھەدىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلسا، ئېغز، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنى غىدىقلاپ سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ. شۇڭا ئازىراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئستىمال قىلغان ياخشى. ★ھەر كۈنى سەھەردە دۇفۇ بىلەن يۈزىڭىزنى نەچچە مىنۇت ئۇۋلاپ بەرسىڭىز ھەم بىر ئاي داۋاملاشتۇرسىڭز ، يۈزىڭىز سىلىق ھەم پارقىراق بۇلىدۇ.

مەنبە: « پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلى

|