قىزلار ئوعۇللاردىن كۆپ سورىسا بولمايدىغان سۇئاللار

ئوغۇللار قىزلارنىڭ ئۆز خىياللىرىغا بۆسۈپ كىرىشتىن بەك ئەنسىرەيدۇ ،ھەمدە قىزلارنى رەنجىتىشنىمۇ خالىمايدۇ .بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرسە تېخى، جاۋاپ بەرمىسە تېخى ،يىگىتلەر ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا قالىدۇ . شۇڭا قىزلار بۇ سوئالنى سوراپ ئۆزىنى جىلە قىلغۇچە ، ئوغۇللارنىڭ ئەركىن خىيالىغا دەخلە قىلمىغىنى ياخشى.

" «بۈگۈن نېمە كۈن ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدىمۇ ؟» بۇ سوئال چوقۇم يىگىتىڭىزنى جىددىلەشتۈرۈپ قويىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ : بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ تونۇشقان كۈنى بولغىيمىتى ؟ تۇنجى كۆرۈشكەن كۈنىمىز بولغىيمىتى؟ ۋەياكى...... دېگەندەكلەرنى ئويلاۋېرىپ ، ئۆز-ئۆزىدىن " شۇنچە مۇﻫىم كۈننى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىمنى ، ئەمدىزە ئۇ تازا كايىيدىغان بولدى ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى قەدىرلىمەيدىكەنسىز دەرمۇ تېخى ،،" دەپ سوراشقا باشلايدۇ .يەنە بەزى قىزلار تېخى مۇنداق سوئالنىڭ ئارقىدىنلا مۇنداق سورايدۇ : "ئۇ كۈنى مېنىڭ نېمە كىيگەنلىكىم ئېسىڭىزدىدۇ؟" مۇنداق سوراش تېخىمۇ چاتاق ، قىزلار سىزلەرگە ئېيتىپ قويايكى ، ئوغۇللار سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ھەرگىزمۇ ئاللىقانداقتۇر ئۇ كۈن ، بۇ كۈن دېگەنلەرنى ئېسىدە ساقلاپ يۈرمەيدۇ.
 "«ئۇ قىز چىرايلىقمىكەن؟» ئوغۇللار بۇ سوئالدىن بەك قورقىدۇ ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايانكى سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن: ئۇ قىز مەندىن چىرايلىقمىكەن ؟ دەپ سورىغىنىڭىزدۇر . يىگىتلەر يالغان سۆزلىسە چېنىپ قېلىشتىن ، راستىنى دېسە سىزلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ .شۇڭا ئامالسىز : سۆيۈملۈكۈم ، مۇنداق ئەخمىقانە سوئاللارنى سوراپ نېمە قىلىسىز، مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سىزلا بار، دېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

"مەنئېلىپبەرگەن ھېلىقى كىيىم قېنى؟ ئوغۇللار قىز دوستى ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى ياقتۇرمىغان ئەھۋالدا بۇ سوئال سورىلىپ قالسا ، چاتاق بولغىنى شۇ ، ئۇنى ياقتۇرىمەن دېسە ، ئۇنداق بولسا نېمىشقا كىيمەيسىز ؟ دەپ سورايسىز ، ياقتۇرمايمەن دېسە تېخمۇ كۆپ تاپا تەنە قىلىسىز ، ئەگەر يوق تۇرىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ قالسىغۇ بولدى ، سىزدىن قۇتۇلالمايدۇ . شۇڭا يىگىتىڭىز سىز ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كىيمىسە سىز ئەڭ ياخشىسى كولاپ سورىماڭ.

"كەلگۈسىمىز توغرىسىدا نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ بۇ قىسقىغىنە سوئالدىن يىگىتىڭىز : مۇناسىۋېتىمىز پىشىپ يېتىلىپ قالغانمىدۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىدۇ ، ھەمدە قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرىۋېرىمىز ؟ تېزرەك ئوچۇق ۋەدە بەرمەمسىز ؟ دەپ سورىغاندەك تۇيۇلىدۇ -دە ، ناھايىتى زور بېسىم ، مەجبۇرلۇق ھېس قىلىپ ، توي قىلىش پەرزەنت كۆرۈشنى ئويلايدۇ ، بىردىنلا ئۆزىنى بىراقلا چوڭ بولۇپ كەتكەندەك ، زېممىسىگە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەندەك تۇيلىدۇ . بۇ يىگىتلەرنىڭ بەك ئەنسىرەيدىغان ئىشى.

ئويلاپ باقساق مۇنداق سوئاللار قىزلارنىڭ ئاغزىدىن ناھايىتى ئاسانلا چىقىدۇ ، ئەمما ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋېتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ، كەلگۈسى ئىشلار توغرىلىق تېخى ئويلاشمىغان مەزگىلدە مۇنداق سوئاللار سورالسا ئوغۇللارغا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قېلىشى مۈمكىن ،شۇڭلاشقا قىزلار يىگىتلىرىدىن سوئال سورىغاندا ئېھتىياتچان بولىشى كېرەك. [/align
مەنبە: ‹‹تەرمىلەر›› ژورنىلى

|