پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 994 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 2

ئەركەكلەرگە سۆز: نىكاھ ـــ ھايا پەردىسىنى يىرتىۋەتمىسۇن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
90
قىزغىنلىق
1314 سەر
تىللا
466 دانە
تۆھپە
848 سەر
شۆھرەت
1032 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:47:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركەكلەرگە سۆز: نىكاھ ـــ ھايا پەردىسىنى يىرتىۋەتمىسۇن



نىكاھ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ھايانىڭ يوقالغانلىقىدىن، ھايا پەردىسىنىڭ يىرتىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەشھۇرلىرىمىزدىن ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا: « ھايا ئىساننىڭ ئەبەدى گۈزەللىكى ۋە لاتاپىتىدۇر، ھاياسىز كىشى چىرىگەن جەسەتكە ئوخشايدۇ» دىيىش ئارقىلىق، ھايانىڭ ئۇلۇغلىغى ۋە مۇقەددەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

1.قوپال،ھاياسىز، سەت گەپلەرنى ئىشلەتمەڭ. خوتۇنۇڭىز بىلەن ئارىڭىزدا پەردىشەپ قالسۇن. نۇمۇسلۇق سۆز، پاراڭ تېمىلىرى ئوتتۇراڭلاردىكى ئىزگۈ ھۆرمەتنى يوق قىلىۋەتمىسۇن. ئەرـ خوتۇنلار بىر بىرىدىن ئازـ تۇلا تارتىنغىنى ياخشى. بولمىسا بىر بىرىڭلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بۇلۇپ قالىسىلەر.
2.ئايالىڭىزنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە قارىماڭ. ئۇياتلىق يەرلەرنىڭ يۆگىلىپ ساقلىنىشىغا پۈتمەس-تۈگىمەس ھېكمەت مۇجەسسەم. ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەتئى بۇزۇلماس مەلۇم ئارىلىق قالسۇن. نىكاھ يات تەنلەرنى جۈپلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قەلپلەر رىشتىسىنى چەمبەرچەس باغلىسىمۇ، ھالقىپ ئۆتۈشكە ئەسلا بولمايدىغان ھايالىق تېما-جايلارنىڭ شۇ پېتى قېپ قالغىنى ياخشى. ئايالنىڭ ھاياسى بەكلا قىممەتلىك. ئۇنىڭغا خالىغانچە كۆز يۈگۈريۈش، ئايالنىڭ ئىززىتى، قىممىتى ۋە ھۆرمىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. مەيلى روھى جەھەتتىن بۇلامدۇ، ياكى بپشلۇق جەھەتتىن بۇلامدۇ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئارىلىق بۇلۇشى كېرەك. شۇ ئارىلىق ھۆرمەت قىلىنغاندىلا ئاندىن بىر ئىنساننىڭ شەخسىيىتى قوغدالغان بۇلىدۇ.
3.تېنىڭىزنى يۆگەڭ. مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆي ئىچىدە بەك تار ئىچ كىيىملەر بىلەن ياكى يالىڭاچ ھالدا مېڭىپ يۈرمەڭ. بالىلىرىڭىز بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىچ كىيىملەر بىلەن تېخىمۇ يۈرمەڭ، ئۇخلىغاندا يالىڭاچ ياتماڭ.
4.كوچىلاردا خوتۇنىڭىزنى قولتۇقلاپ ياكى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭماڭ. يېقىنچىلىق خىلۋەتتە، ئەلنىڭ كۆزىدىن چەتتە بولغىنى ياخشى. كوچىدا، ئەلنىڭ كۆزىدە خوتۇنىڭىزنى قولتۇقلىۋالمىسىڭىزمۇ ياكى يېتىلىۋالمىسىڭىزمۇ بۇلۇۋېرىدۇ، بەلكىم ئۇ قېچىپ كېتىدىغان ياۋا ئات ئەمەستۇ؟ قۇچاقلىشىپ، قولتۇقلىشىپ مېڭىپ خەقلەرنىڭ ھايۋانى نەپسىنى قوزغىماڭ، كىچىكلەرنىڭ دىلىنى بۇلغىماڭ.
5.مەيلى قانداق ئەھۋال بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر تېلىۋىزوردا سۆيۈشۈش، يېقىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر چىقىپ قالسا قانال ئالماشتۇرۇۋېتىڭ ياكى قوپۇپ كېتىڭ. ئىمكانىيەت يار بەرسە بالىلىرىڭىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرمەڭ.
6.چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزغا مەنا ئارىلاش چاخچاق قىلماڭ، سۈركىلىپ يۈرمەڭ.
7.يېقىنچىلىقتىن كېيىن پاكلانماي تۇرۇپ ئۇخلىماڭ.
8.توي قىلىپ بولدۇم، يۈزۈم ئېچىلدى دەپ خىزمەتداشلىرىڭىزغا، دوستلىرىڭىزغا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مەخپى ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ يۈرمەڭ.
9.يات ئاياللارغا ياكى خىزمەتداشلىرىڭىزغا چەكتىن ئاشقان ھاياسىز چاخچاقلارنى قىلماڭ.
10.ئايالىڭىزنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئاۋايلاپ، ئىززەتلەڭ. تويدىن كېيىنلا ئۇنىڭغا قوپاللىق، مۇغەمبەرلىك بىلەن بۇيرۇقۋازلىق، كۆرەڭلىك قىلماڭ. ئۇنىڭ ئىززىتىنى، شەخسىيىتىنى ئاۋالقىدەكلا قەدىرلەڭ.

نىكاھ ۋە ھايا پەردىسىنى تېخىمۇ چىڭىتسۇن، ھەرگىز يىرتىۋەتمىسۇن. ئايالىنى ھايالىقى، ئەخلاقلىقلىقى ۋە ھەقىقى پەزىلىتى بىلەن تەپتارتقۇزىدىغان ئەرلەر ئايالىنى ھەقىقى ئىتائىتىگە ئېلىپ تىزگىنلىيەلەيدۇ. ھايا دەېىخىنىڭ ئالتۇن شاخلىرى سۇنسا يەنى ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا تەپ تەرتىدىغان، ھېيىقىدىغان، بىر-بىرىنى ئۇيالدۇرىدىغان ھېچقانداق ئىش، ھېچقانداق جاي قالمىسا شۈبھىسىزكى، ئەرنىڭ ئايالغا بولغان ھۆرمىتى، قىزىقىشى ۋە مۇھەببىتى شىددەت بىلەن تۈۋەنلەپ كېتىدۇ. ئايالنىڭ جەلىپكارلىقى، نازاكىتىنىڭ سېھرى كۈچى ناھايىتى تېزلا غايىپ بۇلىدۇ-دە نىكاھدىكى قىممەت يوقۇلۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. ھايا يوقۇسا ئەر ئايالنى، ئايال ئەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مەنسىتمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە قىزىقىش، ھۆرمەت، مۇھەببەت يوقالسا، نىكاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە سائادىتىمۇ يوقايدۇ. شۇڭا تويدىن كېيىنمۇ ئايالىڭىز بىلەن مۇئەييەن ھايا پەردىسى ساقلاپ قېلىڭ. ھايا پەردىسى ئەر-ىويۇننىڭ نىزاسىغا دالدا بۇلىدۇ. ھايا دەرىخىنىڭ شېخى بۇ ئالەمدە ساڭگىلاپ تۇرسا، يىلتىزى جەننەتتىدۇر.


مەنبە: ئەرلەرگە 101 تەكلىپ«كۆزۈڭنى ئاچ،ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر»ناملىق كىتاپچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 15:48  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
478 سەر
تىللا
123 دانە
تۆھپە
294 سەر
شۆھرەت
363 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 21:45:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىزكۆپ رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
684 سەر
تىللا
91 دانە
تۆھپە
469 سەر
شۆھرەت
517 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 18:15:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىمىكەن .تەربىيە ئەھمىيتى بەك يۇقىرى
كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئېچەر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-30 01:40, Processed in 0.104648 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش