- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-2
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2128
- نادىر
- 0
- تېما
- 107
- يازما
- 193
  
- يوقلىما
- 76
قىزغىنلىق- 720 سەر
تىللا- 166 دانە
تۆھپە- 329 سەر
شۆھرەت- 366 سەر
   
| شەيتان لوغەت
1.خىروئىن ئەزرائىلنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن ئۆلۈم ئەلچىسى. 2.بايلىق ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ئوغۇرلايدىغان شەيتان. 3.تىلەمچىلىك –پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق كەسىپ. 4.پۇل-بارلىق ئادەمزات قوغلىشىدىغان رەڭلىك ئاشنا. 5.قانۇن-ئەركىن تۇرمۇشنىڭ ساياھەت ماكانى. 6.رېستۇران-پۇلنى بۇزۇپ چېچىشنىڭ كاتتا سورىنى. 7.شائىر يازغۇچى –ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تالاشتۇرۇپ سېتىشقا بازار ئاجرىتىپ بىرىلمىگەن تىجارەتچىلەر. 8.گېزىت سىياسىيونلارنىڭ قولىدا ئەتىۋارلىنىپ،بەڭگىلەرنىڭ قولىدا كۈيۈيپ تۈگەيدىغان دەسمايە. 9.ياماقچى- ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى. 10.تۈرمە-جىنايەتچىلەر يۇيۇندىغان ئەڭ ياخشى مۇنچا. 11.ھوقۇق –دىققەت قىلمىسا ئاشقازاننى بۇزۇپ قويىدىغان دورا. 12.كۈندەشلىك-ئادەمنى ئەڭ ئۇستاتلىق بىلەن.ئىگەللىۋالدىغان تۇمان. 13.مۇھاببەت- قارشى تەرەپكە ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا بارلىق مال- دۇنيا،ئەقىل-پاراسەت،ھىسياتنى ئۆتكۈزۈپ بولغان كىشىلەر ھۇزۇرلىندىغان باغچا. 14.ئۈمۈتسىزلىك-كۆزى ئاجىز كىشىلەرگە ئورتاق كېسەل. 15.ھەسەتخورلىق-دوختۇرلار داۋالاشتىن باش تارتقان ئەڭ رەزىل كېسەل. 16.چىۋېن- ھاياتىلا كاپالەتلىك قىلىنسا قورساقتىن غەم قىلمايدىغان ھاشارەت. 17.كۆز يېشى-ئاياللارنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى جەڭ قورالى. 18-مۇۋاپپىقيەت-قۇربان بەرگۈچىلەرنىڭ لوغىتىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز. 19.شەيتان لوغەت-كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچى خىل گىرىم ئەينىكى.
|
|