پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 2

ئاياللارنى ئۇرۇپ سوقۇشنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
76
قىزغىنلىق
720 سەر
تىللا
166 دانە
تۆھپە
329 سەر
شۆھرەت
366 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:12:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ۋە ئاياللارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، نۇر ژورلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۇستاز مۇھەممەد رەشىيد ئەلئۇۋەيد بىلەن كۆنىمىزدە ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش ياكى ئاياللارنى ئۇرۇپ سوقۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ تېكىستى:

ئۇستاز مۇھەممەد رەشىد ئاياللار ۋە تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا يېتىشكەن ۋە ھەۋۋاغا مەكتۇپ، مۆمىن ئاياللارغا مەكتۇپ، قىزىم بىلەن سۆھبەت، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت قاتارلىق، 60 تىن ئارتۇق ئەسەرلىرى، يۈزدىن ئارتۇق لېكسىيە ۋە ماقالىلىرى ئارقىلىق سۈرىيەدە تۇنۇلغان ۋە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق يۈزلەرچە ئائىلىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان شەخسىلەرنىڭ بىرىدۇر.

تۆۋەندە دىققىتىڭلار سۆھبەتنىڭ تېكىستىدا بولسۇن:

ھۆرمەتلىك ئۇستاز: سىلىنىڭ ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مۇتەخەسسىس بولۇپ يىتىلىشلىرىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

سۇئالىڭىزغا قىسقىچە جاۋاب بەرمەكچى بولسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن پۈتۈلگەن يولدا ماڭىدۇ. دېگەن ھەدىسى ئارقىلىق جاۋاپ بىرىمەن. جۈملىدىن ئاللاھ تائالا مىنىڭ ئاياللار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈمنى ئىرادە قىلىپ، ماڭا شۇ يولنى ئاسان قىلدى.

ئەمما مىنىڭ ئاياللار مەسىلىسىگە قىزىقىپ قېلىشىمنىڭ سەۋەبىنى باشتىن سۆزلەشكە توغرا كەلسە، مىنىڭ ئاتا - ئانامغا ئاللاھ تائائالا مەندىن كىيىن تۆت قىز ئاتا قىلغان بولۇپ، مەن كىچىكىمدىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرەتتىم ۋە ئۇلارغا بەكمۇ شەپقەت كۆرسىتەتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىمدىمۇ ئۇلارغا ھەدىيە ئېلىپ سوۋغا قىلىش مەكتەپتىن قايتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم. ئاياللارغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىم كۈندىن كۈنگە چوڭىيىپ كېيىنچە ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان، گېزىت ژورناللاردىمۇ ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك يەرلەر بولسا كېسىۋېلىپ ساقلايدىغان بولدۇم.

كېيىنچە يەنى 1978- يىلى رەئيى ژورلىنىدا مىنىڭ ماقالەم ئۈچۈن مەخسۇس يەر ئاجرىتىلغان بولۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئاياللار ۋە تۇرمۇش مەسىلىلىرى ھەققىدە ماقالە يېزىشقا باشلىدىم.

ھۆرمەتلىك ئۇستاز: مادامىكى سىز بۇ مەسىلىدە يېتىشكەن مۇتەخەسسىس ئىكەن سىزدىن تۇرمۇش مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە سۇئال سورماقچىمەن.

- سۇئال: كۆنىمىزدە ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش ياكى ئاياللارنى ئۇرۇپ سوقۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟

- جاۋاب كۈنىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى چۈشەنمەسلىكتۇر. چۈنكى ئىنسان ھەقىقىتىنى چۈشەنمىگەن ئىشلارغا سەۋرى قىلىشنى بىلمەيدۇ ياكى سەۋرى قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: [سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن ئىشقا قانداقمۇ سەۋرى تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟]. [1]

ھەقىقەتەن ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھىسياتچان تەبىئىيىتىنى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى شىكايەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئەتلىرىگە يەرلىشىپ بولغانلىقىنى چۈشەنسە ئىدى، ئاياللارغا قارىتا ناھايىتى سەۋرىخان ۋە بەكمۇ شەپقەتلىك بولغان بۇلاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: (ئاياللارغا ياخشى نەسىھەت قىلىڭلار، چۈنكى ئاياللار ئۈستۈنكى ئەگىر قۇۋرۇغىدىن يارىتىلدى. ئەگەر ئۇنى تۈزلەشكە ئۇرۇنساڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئەگەر تاشلاپ قويساڭ ئەگرىلىك ھالىتىدە تۇرىۋېرىدۇ، ئاياللارغا ياخشى نەسىھەت قىلىڭلار) . [2]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى ھەدىستە سۆزىنى ئاياللارغا ياخشى نەسىھەت قىلىش بىلەن باشلاپ، ئەرلەرگە ئاياللارنىڭ تەبىئىيىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئاياللارنىڭ ئۈستۈنكى ئەگىر قۇۋرۇغىدىن يارىتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا سۆزىنى يەنە ئاياللارغا ياخشى نەسىھەت قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ھەدىس شەرھىلىگۈچىلىرىنىڭ دېگىنىدەك: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە زىكرى قىلغان ئۈستۈنكى ئەگىر قۇۋرۇغىدىن مەقسەت ئايالنىڭ تىلى بولۇپ، ئەرلەرنىمۇ ئاياللارغا قارىتا ئەڭ كۆپ سەۋرى تاقات قىلالمايدىغان تەرىپىمۇ ئاياللارنىڭ تىلىدىن چىققان ئەرلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئېغىر سۆزلەردۇر.

- سۇئال ھۆرمەتلىك دوكتۇر: جەمئىيەتتە ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئاياللارنى ئۇرۇش ياكى ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى نېمە؟

جاۋاب: بۇنى تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىش مۇمكىن:

1- مەكتەپنىڭ دەرس مەنھەجلىرىدە، رادىئو - تىلۇزۇر ۋە كىتاپ ژۇرناللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ تەبىئىيىتىنى چۈشەندۈرۈش.

2- توي قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوغۇل - قىزلارغا تۇرمۇش مەسىلىلىرى، ئەر - ئايالنىڭ تەبىئىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس چۈشەندۈرىدىغان كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش.

3- ئاتا - ئانىلار، قىز - ئوغۇللىرىنى ياتلىق قىلىش ئىلگىرى، ئەر- ئاياللارنى تەبئىيىتىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ۋە چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك. ئۆزىدە يوق نەرسىنى باشقىلارغا بېرىش مۇمكىن بولمىغاندەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدە بولمىغان مەدەنىيەتنى بالىلارغا قانداق ئۈگۈتۈشمۇ ئايرىم بىر مەسىلىدۇر.

- سۇئال ھۆرمەتلىك دوكتۇر: ئاياللارنى ئۇرۇپ سۇقۇش ياكى ئائىلىدە كۆرۈلگەن قاتتىق مۇئامىلىلەرگە ئاياللار سەۋەپچىمۇ؟

جاۋاب: ياق، بۇنىڭغا ئاياللار پۈتۈنلەي سەۋەبچى ئەمەس. لېكىن، ئۇلارنىڭ سەۋرسىزلىكى، ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالدىراقسانلىق تەبىئىيىتى ۋە بەزى بولمىغۇر سۆزلىرى ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان قۇپاللىقلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدۇر.

- سۇئال: ئاياللار ئۈمىت قىلغان ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يىتەلىدىمۇ؟

جاۋاب: ھەئە، ئاياللار ناھايىتى كۆپ ئارزۇلىرىغا يەتتى. لېكىن ئاياللارنىڭ ئۈمىت قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار قىلغان ۋە ئەمەلگە ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بولسا، كۆپىنچىسى ئىسلامغا زىت ئىشلاردۇر.

مەسىلەن: ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقا چىقىشقا ئامراق، ئۆيدە ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئاللاھ تائالانىڭ [ ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار] دېگەن سۆزىگە خىلاپتۇر. [3]

ئەمما ئاياللارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشقان ئىشلارغا كەلسەك: ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا يامانلىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ رادىئو- تىلىزور، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلشى ئۈچۈن كۆڭۈل بىلىشىدۇر.

- سۇئال: ئايالنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە شۆھرەت قازىنىشى تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا توسالغۇ بۇلامدۇ؟ ئىرى غەلىبە قىلىشىدىن نارازى بولىدىغان ئايال، ئېرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ئەرلەر ئاياللارنىڭ باراۋەر ئولتۇرۇشىغا، ئۇنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە ئايالىنىڭ پەقەت ئۆزى ۋە بالىلىرى بىلەنلا مەشغۇل بولىشىغا مۇھتاج بولۇپ، ئەگەر ئايال سىرتتا باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولسا، ئەرنىڭ تەلەپلىرىنى تۇلۇق ئورۇنداش ۋە تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە تەسىر قىلىدۇ.

- ئىرى غەلىبە قىلىشىدىن نارازى بولىدىغان ئايالنىڭ ئېرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە مىنىڭ پىكىرىم تۆۋەندىكىدەك:

- ھاياتىدا ئېرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۈلۈش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنىڭ، ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىنمۇ مۇھىملىقىنى داۋاملىق ھېس قىلدۇرۇش.

- ئىرى ئالدىدا، ئېرىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىلىق غەلىبە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى ئۆتىگەنلىكىنى تەكرارلاش ياكى بىلدۈرۈپ تۇرۇش.

- ئۆيگە قايتقاندا ياكى ئىرى بار يەردە سىرتتىكى ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىق، ھەتتا ئىش ھەققىدە تېلېفۇن سۆزلەشمەسلىك، خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىش ئورنىدا قىلىش ياكى ئىرى يوق ۋاقىتلارغا كېچىكتۈرۈش


                 ئابدۇلئەھەت ئۇجات تەرجىمىسى

مىسرانىم تورىدىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   雪豹(图尔荪江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 16:19  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
480 سەر
تىللا
123 دانە
تۆھپە
295 سەر
شۆھرەت
364 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 21:47:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن بولسا باشقا توردىن تېما ئېلان قىلمايلى!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
720 سەر
تىللا
166 دانە
تۆھپە
329 سەر
شۆھرەت
366 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:21:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 10:00, Processed in 0.099656 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش