پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 1

ناننى خارلىسا نېمە بولىدۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
78
قىزغىنلىق
727 سەر
تىللا
167 دانە
تۆھپە
332 سەر
شۆھرەت
370 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:06:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ناننى خارلىسا نېمە بولىدۇ؟

    نان- ئانا دېمەكتۇر، ئەقلىڭىزنى تېپىپ، ئانىڭىز، دادىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىزنى تونىغان چېغىڭىزدا،  نانمۇ سۈيۈملۈك ئادەملىرىڭىز  قاتارىدا قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كېتىدۇ، ئانا دەپ تىلىڭىز چىقىشتىن بۇرۇن، نان دەپ تىلىڭىز چىقىدۇ، ئانا دېگەن خەتنى يېزىشنى ئۈگەنگەن چېغىڭىزدا نان دېگەن خەتنىمۇ قوشۇپ ئۈگىنىسىز، ئانىڭىز تونۇرغا نان ياقماقچى بولسا، كەينىدە پىلتىڭلاپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، تونۇرغا ئوتۇن راسلىشىپ بېرىسىز، ئانىڭىز تاكى سىز ئۈچۈنلا يېقىپ بەرگەن ئۇماققىنە تۇقاچچاق پىشىپ قولىڭىزغا تەگمىگۈچە، ئانىڭىزنىڭ پىشىنى قويۇپ بەرگۈڭىز كەلمەيدۇ.
     نان- ئۇيغۇر دېمەكتۇر . نانسىز ئۇيغۇرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇيغۇرنىڭ بىر كىملىكى يۇقالغان بولىدۇ، نانسىز شىنجاڭنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، شىنجاڭنىڭ بىر ئۆزگىچىلىكى كەملىگەن بولىدۇ، نانسىز ئۆتكەن بىر كۈنىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئاغزىڭىزغا تاماق تېتىمايدۇ. ناندىن باشقا ھەرقانداق تاماقنى ئۈزمەي ئۈچ كۈن يەپ بېقىڭ، پولو، كاۋاپ، لەغمەن، پىتىر مانتا، ...ھەرقانچە ئالى تاماق بولسىمۇ تۆتىنچى كۈنى يېگىڭىز كەلمەيدۇ،  ئۆيدە نان تۈگەپ كەتكەن كۈنى ئۆيىڭىزدە بەركەت قالمىغاندەك ھېس قىلىسىز، بەلكىم نان يىمىگەن كۈنىڭىزنى ئەسلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئامبارلاردا تاغار تاغار بۇغدايلىرى ساقلانغان دېھقان،ئۆزىنى بانكىدا نەچچە مىلىيۇن پۇلى بار ئادەمدىن خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ.
     نان-ۋەتەن دېمەكتۇر. سەپەرگە چىقسىڭىز نان ھەمرا، شىنجاڭنىڭ سىرتىدا،  چەت ئەللەردە   مۇساپىرچىلىقتا   ۋەتەننى سېغىنسىڭىز يۇرت، ئۇرۇق-تۇققان قاتارىدا ناننىمۇ تەڭ سېغىنىسىز. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، چەت ئەللەردە بىر ناۋايخانىنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، ۋەتەنگە كېلىپ قالغاندەك ھاياجانلىنىسىز، باشقىلارنىڭ قولىدا ناننى كۆرۈپ قالسىڭىز بىر ۋەتەندىشىڭىزنى كۆرگەندەك بولۇپ، ناننى باغرىڭىزغا باسىسىز،  شۇ ۋاقىتتا <ئانام ياپقان ناننى سېغىندىم> دېگەن ناخشا ئېسىڭىزگە كېلىپ، كۆزلىرىڭىزدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈپ، كاللىڭىزدا ناننى سېغىنىش بىلەن ۋەتەننى سېغىنىش  بىر ئۇقۇمغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
  نان _ ئەزىز، نان _  ھايات، نان _  دېھقانلىرىمىزنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن كاتتا نېئىمەت. قاراڭ،   < ئۈنچە مارجان تاش ئىكەن، ئارپا- بۇغداي ئاش ئىكەن> دېگەن ئاتىلار سۆزى مۇنداقلا مەيدانغا كەلگەن دەپ ئويلىمايدىغانسىز-ھە؟ .چوڭلىرىمىز ناننى شۇنداق ئۇلۇغلايدۇ، ناننى خارلىغان ئادەمنى كۆرسە، ئاچچىقىدىن بوغۇلۇپ، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ، ھەممە نەرسە چۈشكەن يېرىدە ئېزىز دەپ، سەھرالاردا ناننى خارلاش كەم ئۇچرايدۇ، ناننى ئەزىزلىگەن كىشىلەر بەركەت تاپماي قالمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چۈشەنگەچكە دېھقانلىرىمىز ناننى، ئاشلىقىنى، ئاللا بەرگەن رىسىقنى ئەزىز كۆرۈپ، قەدىرلەيدۇ،شۇ ۋەجىدىن سەھرالىرىمىزدا بەركەت جىق.
  سەھرادىكى ھېكايەت:
  تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىر كۈنى بىر قانچە ئاغىنىلىرىم بىلەن كوچا دوقمۇشىدا ئويناۋاتاتتۇق. بىر چاغدا يۇرتىمىزدىكى كاتتا باي سانىلىدىغان 70 ياشلار ئەتراپىدىكى  بىر بوۋاي يولدىن ئۆتۈپ قالدى. بىز ھەم ھۆرمەت ھەم قىزىقىش يۈزىسىدىن ئويۇنىمىزنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق. تۇيۇقسىز ئۇ بوۋاي موتوسىكىلىتىنى توختىتىپ، تەسلىكتە يەرگە ئېڭىشىپ، بايام ئارىمىزدىكى بىر بالا چالا يەپ تاشلىۋەتكەن نان پارچىسىنى ئۇۋاقلىرى بىلەن قوشۇپ ئالدى. نان ئۇۋاقلىرىنى ئاغزىغا كاپ ئىتىۋىتىپ، قالغىنىنى بەلبىغىغا تۈگدى. ئۇ بوۋاي كەتكەندىن كېيىن بىز ئۇنى زاڭلىق قىلدۇق.
-قاراڭلار پۈتۈن يۇرتنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى تۇرۇپ، تاشلاپ بەرسە ئىتمۇ يىمەيدىغان توپا بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن ناننى يەۋاتىدۇ.
- ئاشۇنداق پىخسىق بولغاچقا باي بولغان نېمە ئۇ.
- بەلبىغىغا تۈگۈۋالغان ناننى نەچچە كۈن شۈمۈپ يەيدىغان بولدى-دە.
   ئادەم بولۇپ يېتىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، ئاشۇ بوۋاينىڭ ھەركىتىدىكى ھېكىمەتنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.  ناننى ئۇلۇغلىغاچقا ئاتىسىنىڭ دۇئاسى بىلەن شۇنداق كۆكلىگەن گەپ ئىكەن. ئەمدى ئاشۇ بوۋاينىڭ بالىلىرىمۇ دادىسىدىن ئۆرنەك ئالماسمۇ؟   ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بوۋىسىدەك  كۆكلىمەسمۇ؟ !  
    سۇجۇ شەھىرىدىكى ھېكايەت:
    بىز بىر قانچە ئۇيغۇر نان يەۋاتاتتۇق. بىر خەنزۇ يولداش بۇنىڭغا قىزىقتى. ئارىمىزدىن بىرەيلەن، ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يىمەكلىكى، ئۇيغۇرلانىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دوستى بولغان ناندىن ئۇ خەنزۇ يولداشقا ئازراق بەردى. ئۇ يولداش، < تەملىككەن، تەملىككەن> دەپ ئوشتۇپ يېيىشكە باشلىدى، ناننى ئۇشتۇش جەريانىدا نان ئۇۋاقلىرى ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلۇغ، مۇقەددەس نان دەسسىلىپ، خورلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. بايام خەنزۇ يولداشقا نان بەرگەن ھەمرايىمىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەردىكى نان ئۇۋاقلىرىنى تېرىپ يانچۇققا سالدى...   
  ھەمرايىمنىڭ بۇ ھەركىتى كىچىك ۋاقتىمدىكى ھىلقى باي ئادەمنىڭ ھەركىتىنى ئىسىمگە سالدى، بۇ خەنزۇ يولداش ھەمرايىمنىڭ ھەركىتىنى كۆرۈپ، ئوڭايسىزلانغىنىدىن، بىزدىن يېنىشلاپ، يېنىشلاپ ئەپۇ سوراپ كەتتى...

    ناننى خورلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي،ئەجىبا، سىز بەك باي بولۇپ كېتىپ، يەيدىغان- ئىچىدىغانلىرىمىز ئېشىپ-تېشىپ كەتكەچكە ناننى خورلاش ھەققىمىز بار دەپ ئويلامسىز، شۇنداقلا ئويلىسىڭىز، چوقۇمكى ئاتا-ئانىڭىز سىزگە ناننى دەسسىسە يامان بولىدۇ، دەپ تەربىيە بەرمىگەن، ئاتا-ئانىڭىزمۇ ئۇنداق تەربىيەنى قوبۇل قىلىشتىن مەھرۇم قالغان بولۇشى مۇقەررەر.  
   كىچىكىمىزدە ئېتىزلاردىكى بۇغداي ئۈنچىلىرى توشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئانىمىزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قالغان باشاقلارنى بىر بىرلەپ تېرىپ چىقاتتۇق. پىژغىرىم ئىسسىقتا چۆپ-چۆپ تەرلەپ تۇرۇپ، قوياشنىڭ تەپتىدىن بىر كۆزنى قىسىپ، باشاق تېرىشنىڭ  تەسلىكىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەم بىلمەيدۇ، ئىش ئېغىر كىلىپ ئانىمىزغا دومسايساق، نان يېيىش ئاسان دەپ ئويلاپ قالغانمۇ، بۇ ئېتىزدىكى باشاقلارنى تېرىپ بولساڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ناننى ئىسراپ قىلمايدىغان بولىسەن، بەرداشلىق بەر،قۇزام، دەپ داۋاملىق ئىشلىشىمىزگە ئىلھام بېرەتتى.
- ئۆزەمنىڭ پۇلىغا ئالغان تاماق بۇ، تۆكۈۋەتسەم ساڭا نېمە تو كەتتى
- نان ئۆزەمنىڭ. يەمدىم، دەسسەمدىم، ئىختىيارىم ئۆزەمدە.
- داۋاملىق ناننى ئىسراپ قىلما دەيدىكەنسەن، ئانا، بەرگەن نېنىڭغا مېھنەت قىلغۇچە مېنى تۇغمىساڭ بولمامدۇ؟
- مۇشۇ ناننى كۆرسەم قۇسقۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدى...
     بۇ كۈنلەردەئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بۇنداق گەپ سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمىزدە كۆپ ئاڭلىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.  ھەييات، جاپا كۆرمىگەن بالىلىرىمىز، تاماق تاللاپ، نانلارنى يىگۈسى كەلمىسە، كۆرگەنلا يەرگە تاشلاپ، تېخى ئۇنى دەسسەپ يۈرۈشسە، ئۇنىڭ دەردىنى قاچانمۇ تارتىپ بولارمىز؟
  ئاشخانىلاردا دېھقانلىرىمىزغا بىر يىل ئۇزۇق بولغۇدەك تائاملارنى بىر ئولتۇرۇشىمىزدا بۇيرۇپ قويۇپ، يەپ بولالماي تاشلاپ ماڭىمىز، بىز تۇڭلاپ-تۇڭلاپ تۈكۈلۈپ، ئېتى يوق ھايۋانلارغا ئۇزۇق بولۇپ كېتىۋاتقان بىچارە قەدرىسىز    نانلىرىمىزنىڭ، ئاشلىرىمىزنىڭ خارلىقىنى قاچانغۇچە تارتارمىز؟
   كىچىكىمىزدە، ناننى دەسىسە يامان بولىدۇ، دېگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايتۇق، يامان بولىدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلمايتۇق، بۇ كۈنلەردە يامان بولىدۇ،دەيدىغان چوڭلار  ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، يامان بولىدىغان ئىشلار كۆپەيگەنسىرى نانلىرىمىز خارلىنىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ناننى خارلىسا نېمە بولىدۇ؟
    ناننى خارلىساق ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى خارلىغان بولىمىز. ئۆز رىسىقىنى ئۆزى قەدرلىمىگەن ئادەمدە نە ئىتىقاد، نە ئىمان بولسۇن، ھەر ئىشنىڭ سورىقى بار. ئاخىرەتتە قانداق جاۋاپ قىلىمىزكىن-تاڭ؟
  ناننى خارلىساق ئانىمىزنى، مىللەتنى، ۋەتەننى خارلىغان بولىمىز،  قورسىقى تويغان بىلەن روھى تويمىغان ئادەملا  ناننى خارلايدۇ، روھى تويۇنمىغان ئادەمدىن ياخشىلىق ۋە ئۈمد كۈتۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بۈگۈن ناننى خارلىغان ئادەم ئەتە يەنە كىمنى، نېمىنى خارلىمايدۇ، دەيسىز...
  ئەۋلادلارنى، سۆلەتۋاز پۇلدارلارنى ، جاپا تارتمىغان تەييارتاپلارنى، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچكەنلەرنى  ئېتىزلارغا باشلاش، خامان تەپكۈزۈش، باشاق تەيدۈرۈش، تۈگمەندىن تارتىپ تونۇر بېشىغىچە  بولغان ناننىڭ بارلىققا كېلىش جەريانلارنى كۆرسىتىش ... ناننى خارلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىر بولۇپ قېلىشى ئىھتىمالغا يېقىنمۇ قانداق؟
  جايلاردا نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرى بار، ئەجىبا دېھقانلارنىڭ ئىش مەيدانلىرى شۇنداق تەربىيە بازىسى بولۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسمۇ؟ كاللامدا يەنە شۇ سۇئال...
-ناننى خارلىسا نېمە بولىدۇ؟!
ھەر كىم ئۆزىمىز تەپەككۈر قىلىپ، ئۆزىمىز جاۋاپ بېرىپ باقايلى...
-ناننى خارلىسا...
  مەنبە: ئۆزەم.





Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
480 سەر
تىللا
123 دانە
تۆھپە
295 سەر
شۆھرەت
364 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 21:47:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخىشى يېزىپسىز كۆپ رەھمەت !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 08:42, Processed in 0.096406 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش