- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-1
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2117
- نادىر
- 0
- تېما
- 107
- يازما
- 191
  
- يوقلىما
- 76
قىزغىنلىق- 717 سەر
تىللا- 166 دانە
تۆھپە- 326 سەر
شۆھرەت- 363 سەر
   
| كۈن كۆرگەن قىزلىق مەزكۇر ئەسەر ئىجادىي تېما بولۇپ تمىنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقى ئاغىنىلەر بىلوگىغا مەنسۇپ! 、 مەكتەپ ئىمتاھاننى كۆڭلۇمدىكىدەك بەرگەن بولساممۇ چاقىرىق قەغىزى كۆڭلۇمدىكىدەك كەلمەي قالدى،شۇنداق بولسىمۇ شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ قانۇن كەسىپىگە قوبۇل قىلىندىم،بۇ چوڭ شەھەرگە كېلىپ بىرىنچى بولۇپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغىنى قەت قەت كۆتۇرگەن ئىگىز بىنالار بولدى،بۇ بىنالارنى كۆرۇپ ئىختىيارسىز يىراقتىكى بىچچارە دېھقان ئاتا-ئانامنى ئۇنتۇپ قلىشقا باشلىدىم مانا بۇ مىنىڭ تۇنجى ئۆزگىرىشىم بولۇپ قالدى،مەكتەپ ئىچى شۇنداق چوڭ ئىدى،مەكتەپتىكى ئوقوغوچىلار بىر بىرىدىن پۇزۇر كىيىنگەن خۇددى سەندىن مەن قالامدىم دىگەندەك كىيىنىشلىرى مىنى تىخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇراتتى،بىر ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا بۇ شەھەردە يىنىدىن پۇل ئايرىلىشقا بولمايتتى،نەپسىم كۇندىن كۇنگە يوغىناشقا باشلىدى،لېكىن ئايلىق خەجلەيدىغان نەچچە يۇز يۈەن پۇل نىمىگە يىتەتتى،بۇ خىياللار كۇندىن كۇنگە مىنىڭ كاللامنى تىخىمۇ قالايمىقان قىلغىلى تۇراتتى،كۇندىن كۇنگە ئىقتىساد مىنى قىينايدىغان بولۇپ قالدى،شۇڭا پۇل تىپىش خىيالى كاللامغا كىرىپلىۋالدى،ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراش ئارقىلىق بىر مىھمانخانىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەش خىزمىتىنى تاپتىم بۇ خىزمەت ئوقوشومغا تەسىر قىلمايتتى،مىنىڭ ھىكايەم مانا مۇشۇ ئېسىل مىھمانخانىدىن باشلانغان دىيىشكە بولاتتى،بۇ مىھمانخانىغا كىرمەيدىغان ئادەم يوقتەك ئاتەمدەك كىشىلەر ئۆزىدىن نەچچە ئون ياش كىچىك قىزلارنىڭ نازۇك بەللىرىدىن تۇتقىنىچە ئىلىپ كىرىپ كىتەتتى،ئۇ قىزلارنىڭ ئۇ بوۋايلارغا نازلىنىشلىرى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۇرەتتى،نەچچە ئاي ئىشلەش ئارقىلىق ئىقدىسادىم خىلى يامان ئەمەس ھاللىق سەۋيەگە يىتىپ قالدى بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشىم،ئېسىل كىيىم دۇككىنىدىن كىيىم سىتىۋىلىش بولدى،مىنىڭ قارشەمچە بۇ ئۆزۇمنى ئوڭلاش يولىنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىدى،ئۇچىنجى تۆتىنجى ئايدىن باشلاپ ئالغان ھەر ئايدىكى مۇئاشلىرىمنى بانكىغا قەرەللىك قويوپ ماڭىدىغان بولدۇم ،بۇمۇ كىيىنكى تاسادىبىي ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش بولۇپ قالدى،كۇنلەر مۇشۇنداق ئۆتمەكتە ئىدى ،مەيلى قاچان قانداق دەم ئىلىشكە قويوپ بەرسۇن يۇرتۇمغا بىرىپمۇ قويمىدىم،ئۆزۇمچە ئۆزۇمنىڭ يۇرتىدىن نومۇس قىلىشقا باشلىدىم،كىينچە چوڭ شەھەرلەردىكى بالىلاردەك ياشاشنى ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىش گەپ قىلىشلارنى ئۇگىنىشكە باشلىدىم،مانا بۇ مىنىڭ ئۆزگىرىشتىكى ئىككىنجى قەدىمىم بولۇپ قالدى،مەلۇم بىر كۇنى سىنىپتىكى بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇرۇمچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان دىسكوخانىغا كۆڭۈل ئىچىش ئۈچۈن بىرىپ بىر نەچچە بوتولكا ئىچىشىپ قالدۇق ئۇ جايدا بىر ساۋاقدىشىم تۇيۇقسىز پو ئىتىپ قالدى،‹‹بالىلار ھازىر قانداق قىلىپ پۇل تىپىش ئاسان بىلەمسىلەر››سىلەرگە دىسەم ھازىر كۇچىمەي ھەم ئاسان ھېچقانداق دەسمايە سالماي پۇل تاپىدىغان بىر ئۇسۇل بار ئۇ بولسىمۇ پۇلى بار جۇۋانلارغا ھەمرا بولۇش دىۋىدى سوروندىن سەت بىر كۇلكە كۆتۇرۇلدى،ئۇ ساۋاقدىشىم يەنە گىپىنى داۋام قىلدى،يىقىندا بىر ئاكا ئاغىنەم بىر جۇۋاننى قولغا چۇشۇرۇپتىكەن ،پاھ پاھ يەيدىغان ئىچىدىغان چىكىدىغان،ھەتتا خالاغا كىرىدىغان پۇلنىمۇ ئاشۇ جۇۋان بىرىدىكەن ،قانداق سىناپ باقامسىلەر؟ تۇيۇقسىز بۇ گەپ قۇلاققا خوش ياقتى ،سورون جىمىپ كەتتى،بەلكىم باشقا ساۋاقداشلىرىم بۇ ئىشتىن خىجىل بولۇپ قالغان بولسا كېرەك ،شۇنداق بولسىمۇ سوروندىن يانغاندا ھىلىقى ساۋاقدىشىمدىم بۇ ئىشنى قانداق قىلىدىغانلىقى ۋە شۇ جۇۋانلارنى قەيەردىن قانداق تىپىش توغورلوق سورىغۇم كېلىپ قالدى،ۋە ئۇنى چەتكە تارتىپ ئاداش ئابايقى دىگىنىڭ راس گەپمۇ ياكى شۇنداقلا دەپ قويغان گەپمۇ ؟ ئۇ چىرايلىرىنى ئۆزگەرتىپ مىنى سەن ئانداق مانداق سۆزلەرنى قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ساڭا دىسەم ئۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى راس گەپ شۇنداق جۇۋانلار بۇ شەھەردە كۇرمىڭ ،گەپ سىنىڭ تاپالىشىڭ ۋە ئۇلارنى ئۆزۇڭگە تارتالىشىڭدا قىنى ھۇنىرىڭنى بىر ئىشلىتىپ باقمامسەن؟دەپ مۇرەمگە ئاستا شاپىلاقلاپ قويدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بىر كىچە ئۇيقۇم كەلمىدى،لېكىن مەن بۇ يىشىمغىچە ئۇنداق ئەر ئاياللار ئوتتورسىدىكى ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان دىمەك بۇ كوچىغا مەن تېخى خام بالىلاردىن ئاڭلاپ بۇ شەھەردىكى مەلۇم كۆڭۈل ئىچىش پۇت يۇيۇش ئورنىدا شۇنداق ئىشنى ئەرزان قىلىدىغان يەر بار دەپ ئاڭلاپ بىرىپ بىقىش خىيالىغا كەلدىم ۋە ئۆزۇم يېقىن دەپ بىلىدىغان، مۇراتنى ئىلىپ ئۇنىڭ يول باشلىشى بويىچە بۇ چوڭ شەھەردىكى مەلۇم بىر كۆڭۈل ئىچىش شەھەرچىسىگە باردۇق ۋە بىر كىچىلىكى ئۇچ يۇز يۇەندىن دىيشىپ چىرايلىق ئىككى قىزچاق بىلەن ياتاق ئاچتۇق،ياتاققا كىرگەندىن كېيىن مەن ئۆزۇمچە شۇنداق قورونوپ كەتتىم،بىراق ئۇ قىز قىلچىكىك قوروندىغاندەك ئەمەس خۇددى مەن ئۇنىڭ كونا قەدىناس تونىشىدەك مۇئامىلە قىلدى،مەن ئۇنىڭدىن ئىمىنى يۇرتىنى سورىغاندا ئۇ ماڭا قاراپ كۇلۇپ تۇرۇپ ‹‹بىزنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىدىغانلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قائىدىسى بولىدۇ بىزنىڭ قائىدىمىز كىرگەن كشىلەرگە ئىسمىمىزنى يۇرتىمىزنى ئىيتمايمىز،ئۇ كىشىنىڭمۇ ئىسمىنى ،يۇرتىنى نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىغانلىقىنى سوراپ يۇرمەيمىز›،دېدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم،بۇ كىچە ماڭا نىسبەتەن شۇنداق كۆڭۇلسىز ئۆتتى ،ئۇ ئىشنى قىلىشمۇ ماڭا شۇنداق تەس كەلدى بىراق كىيىنكى پىلانىم ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۇگەنمىسەم بولمايتتى،ئۇزۇنغا سوزولغان قاراڭغۇ كىچىمۇ تاڭ ئاتتى سەھەردە مەن ۋە ئاغىنەم مۇرات بۇ مىھمانخانىدىن چىقىپ كەتتۇق،مۇراتقا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمىدىم،سەۋەبىنىمۇ بىلمەيمەن تۇيۇقسىز ئۆزۇمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدىم،لېكىن يەنىلا كىيىنكى تۇرمۇشمنى ئويلاشمىسام بولمايتتى،كۇنلەر ئۆتۇپ ئايلار ئۆتۇپ ھىلىقى سوروندا گەپ باشلىغان ئاغىنەم بىر ئىش بارلىقىنى جۇۋاندىن بىرنى ماڭا تونوشتوروپ قويىدىغانلىقىنى لېكىن بەش يۇز يۈەن بىرىشىمنىڭ كىرەكلىكىنى ئىيتتى مەن ماقۇل بولدۇم،ھىلىقى جۇۋانننىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى خاتىرلىۋالدىم ۋە ھىلىقى ئاغىنەمنىڭ ئۇگەتكەن گىپىنى شۇ بويىچە تىلفوندا ئىيتتىم،ئۇ جۇۋانمۇ گەپ سۆزسىزلا ئۆيىسىگە كىلىشىمنى ئىيتتى،مەن بانكا كارتامدىكى نەچچە مىڭ يۈەن پۇلۇمنى ئىلىپ بازاردىن داڭلىق ماركىلىق كىيىمدىن بىر قۇر ئالدىم چۇنكى ئاتنىڭ زىننىتى ئىگەر توقوم بىلەن ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم كىچەك بىلەن دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ،كەچ سائەت توققوزلار ئەتراپىدا مەن ئۇ جۇۋاننىڭ ئۆيىگە باردىم،ئىشىكتىن كىرشىمگە كۆز ئالدىمدا تۇرغۇنى ئوتتۇزياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئايال ئىدى ،كىيۋالغان ئىشتىنىدىن ساغرىسى ئىتىلىپ چىقىپ كىتەي دەپ قالغان،قىلىۋالغان گىرىملىرى ھىلىلا بوياق تۇڭىدىن چىققاندەك تۇراتتى،بۇ جۇۋاننىڭ ئۆيىنىڭ بىزىلىشىمۇ خىلىلا ئېسىل ئىدى،بۇ جۇۋان بىلەن پاراڭلاشسام بۇ جۇۋان مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىكەن ،ئىرىدىن ئاجىرىشپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئىشىپ قاپتۇ ،توۋا دىدىم ئىچىمدە بۇ ئوڭوممىدۇ چۇشۇممىدۇ مۇشۇنداقمۇ ياخشى ئىشلار بولامدۇ راس دىگەندەك بۇ جۇۋان خۇددى ئۆز ئىرىنى كۇتكەندەك مىنى ناھايىتى ئازۇلاپ ئامانلاپ كۇتەتتى،كىچىدە بۇ جۇۋان بىلەن بىرگە بولدۇم تاڭ ئاتقاندا ئورنىمدىن تۇرسام ئۆيدە .ئۆزۇم يالغۇز كارىۋات بىشىدا بىر پارچە خەت تۇراتتى.خەتتە: جىنىم يانچۇقىڭىزغا ئاز بولسىمۇ پۇل سىلىپ قويدۇم ئاخشام كىچە شۇنداق ياخشى ئۆتتى،ئەگەر خالىسىڭىز مۇشۇ مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاپ قالساق مەن ئىشقا ماڭدىم ئۇستەل ئۇستىدە ناشتىلىقىڭىز بار! دېگەن خەت چاپلاقلىق تۇراتتى،دەررۇ يانچۇقىمنى ئاختۇردۇم راس دىگەندەك يانچۇقۇمدا بەشمىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل تۇراتتى پاھ راسلا بىر كاننى تاپتىممۇ نېمە ؟دېگەن خىيال بىلەن ئورنىمدا ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ قالدىم،تۇيۇقسىز يۇرتتىكى قىرى ئاتا ئانام ئىسمگە كېلىپ قالدى ،دەررۇ ئورنىمدىن تۇردۇم ۋە كىيىملىرىمنى كىيىپ بانكا تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم ،بانكىنىڭ زالىغا كىرىپ يۇرتتىكى ئاتا ئانامغا ئىككى مىڭ يۈەن سىلىپ بەردىم بۇ بەلكىم ئۇلارغا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۇرۇشۇم بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدۇم،پۇلنى سىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە تېلېفون قىلدىم ،ئانام بىچچارە شۇنداق يىغلىغان ھالدا تىلفوننى قويىۋەتتى، بۈگۈن كىچە مەكتىپىمغا قايتتىم،مەكتەپ ئىچىگە كىرسەملا ئىچىم سىقىلاتتى ،ئۇنى ئويلاپ بۇنى ئويلاپ ئاخىرى مەكتەپ ئىچىدىنمۇ قۇچقاچتىن بىرەرنى ئولجا ئىلىش نىيتىگە كەلدىم چۇنكى بۇ چوڭ شەھەرلەردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئىككىدىن قۇچقاچلىرى بار ئىدى،مەلۇم فاكولتىتتا مەن بىلەن بىر يۇرت بىر مەھەللە بىر قىز بار ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشىپ ئۇنىڭ بىر دوستى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالدىم،بۇ قىز ئىلىشنىلا ئويلايدىغان قىز ئىدى،بۇ قىز بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىمىز ئۇزۇنغا بارمىدى،مەلۇم بىر كۇنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئۆزۇمدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقويدىغان بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم،ئىككىمىزنىڭ مىجەزى ئاساسەن بىر يەردىن چىقاتتى،گەپلىرىمىزمۇ بىر يەردىن چىقاتتى،شۇنداق قىلىپ ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى بارغانسىىرى چوڭقۇرلاشتى،ھىلىقى جۇۋاندىن ئالغان ھەر قىتىمكى نەچچە مىڭ يۇەندىن ئايرىپ بىر نەچچە مىڭ يۇەنگە ئۇنى مېھمان قىلاتتىم،ئۇ مىنىڭ بۇنداق پۇل خەجلەشلىرىمگە نارازى ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بارغانسىىرى قويوقلاشتى ،ئىككىمىز خۇددى يىڭى توي قىلغان ئەر خوتونلاردەك بولۇپ قالغان ئىدۇق،مەلۇم بىر كۇنى ئۇنىڭغا بولغان شەھۋانى ھەۋىسىم قوزغالدى ۋە ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ كەچتە سىرىتتا ئىلىپ قالدىم،قانچە قىلغان بولساممۇ ئۇ مەن بىلەن ياتاققا كىرىشكە قەتئىي ئۇنىمىدى،كچىچە ئۇ يەر بۇ يەرلەردە يۇرۇپ ئاخىرى ئىككىمىز بىر كىچىنى تورخانىدا تۇنەپ ئۆتكۇزدۇق،ئەتىسى ئۇنى ئىلىپ شۇمىيگۇ باغچىسى ئوينىغىلى باردۇق ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز تاغنىڭ باغرىدا تىگىمىزگە ئەديالدىن بىرنى سىلىپ يەيدىغان ئىچىدىغان تىزىپ ئولتۇرغان ئىدۇق،باشتا ئۆز ئارا قولىمىزنى تۇتۇشۇپ يېقىن ئولتۇردۇق،كېيىن بۇ ئىشلارمۇ تەرەققى قىلىپ ئۇ مىنىڭ قۇچىقامدا ئولتۇردى ،يۇرەكلىرىم ئويناقشىپ كېتىپ باراتتى،ئىككىمىز بىر ھازا ئۇنى بۇنى دىيشىپ ئولتۇرۇپ مەن ئۇنى تىگىمگە بىسىۋالدىم،ئۇمۇ مىنىڭ ئىشلىرىمغا قارشىلىق قىلمىغان ئىدى،كېيىن ئۇنىڭ ئىشتان بىغىغا ئىسىلدىم،ئۇ خىجىللىقتا چىرايىمغىمۇ قارىمىدى،ئۇنىڭ ئىشتىننى ئاستا سالدۇردۇم بۇ جەرياندا ئۇ قىلچىلىك قارشى تۇرمىغان ئىدى،كۆڭلۇمدە ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ ،بۇ ئىشلار بىر ياخشى كۆرۇشنىڭ ئالامەتى دەپ ئويلىغان ئىدىم،مەن ئىشنى پۇتتۇرۇپ ئورنىمدىن تۇردۇم ئۇ شۇكلەپ قالغان ئىدى ،ئۇمۇ ئاستا ئىشتىننى كىيىپ ئەديال ئۇستىدىكى قىپقىزىل قانغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى،ۋە بىشىنى ئاستا كۆتۇرۇپ چاقناپ تۇرغان قۇياشقا قاراپ ماڭا بوش ئاۋازدا ‹‹قاراڭ !بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىزنى كۇن كۆرۇپ قالدى››دېدى بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى چۇشەنگەن ئىدىم،مەن ئۇنىڭ يىنىغا ئاستا كېلىپ جىنىم خاتىرجەم بۇلۇڭ مەيلى قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر سىزنى مەڭگۇ ياخشى كۆرىمەن !سىزنى چوقۇم ئالىمەن دىدىم،ئۇمۇ ئۇن تىنسز بىشىنى لىڭشىتتى،ئىككىمىز تاغدىن چۇشتۇق ئۇنىڭ مىڭىشلىرى سەل قىيىنغا چۇشىۋاتقەندەك ئاستا ماڭاتتى بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ دەم ئىلىشى بولغاچقا ئۇنى بۈگۈن بۇ شەھەردىكى داڭلىق بىر مىھمانخانىغا ئىلىپ باردىم ،بۈگۈن كىچىمۇ ئارىمىزدا بەزى ئىشلار بولدى ،شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز نىكاھسىز ئەر خوتونلاردىن بولۇپ قالدۇق. نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ھىلىقى جۇۋانغا تېلېفون قىلدىم چۇنكى خەجلەيدىغانغا پۇل تۇگىگەن ئىدى،بۈگۈن كىچە ئۇ جۇۋان بىلەن شىرىن بىر كىچىنى كۇتىۋالدۇق ،ئەتىسى كىچىلىك تاپقان پۇلغا مۇھەببەتىم دىلنۇرغا بىر قۇر قىممەت باھالىق كىيىم سوۋغا قىلغان ئىدىم،لېكىن ئۇنىڭ چىرايى بۇرۇنقىدەك پارقىراپ تۇرمايدىغان كۇلۇشلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك ئىسسق كۆرۇنمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى،لېكىن بىر يەرلىرىمدىن ئۇنىڭغا يۇز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم،ئىككىمىز مۇھەببەتلىشىپ يۇرگەن بۇ بىر يىل مابەيىنىدە ئۇ بىر نەچچە قېتىم بالا چۇشۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇردى بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ ئايرىلىشقا مۇمكىن بولماي قالدى. شۇنداق قىلىپ بىزمۇ ئوقۇش پۇتتۇرۇپ قالدۇق ئوقىغان ئوقوشنىڭ مىۋىسىنى يەيدىغان ۋاقىتتا قىرىشقاندەك ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى ئالالمەي قالدىم،شۇنداق بولسىمۇ كىمنىڭ تاماق يەيدىغان گىلى يوق دەيسىز،بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ كىنىشكىنىمۇ ئالدىم،لېكىن بۇ چوڭ شەھەردىكى ھىلىقى جۇۋاندىن ئاددىسى جۇۋاننىڭ پۇلىدىن ۋاز كەچكۇم كەلمىدى،ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ ئاخىرى بۇ چوڭ شەھەردە تۇرۇپ قىلىشنى ئوياشتىم مەكتەپتىكى مۇھەببىتىم دىلنۇر بولسا ئۇ ئاللىقاچان پىراكتىكا قىلغىلى يۇرتىغا كەتكەن ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن ئازدىن ئاز تىلفوندا ئالاقە قىلىشاتتۇق،لېكىن بۇ چوڭ شەھەردىكى توپ توپ كېتىپ بارغان قىزلارغا قاراپ دىلنۇر كۆزۇمگە سەت كۆرىنەتتى،شۇڭا مۇشۇ شەھەرلىك بىرەر قىز بىلەن تونوشوش ئىستىكى پەيدا بولدى،ۋە مەلۇم بىر كۇنى بىر نەچچە ئاغىنىلىرىم بىلەن مۇشۇ شەھەردىكى ئۇچ ئالتە دىسكوخانىسىغا باردۇق. بۇ دىسكوخانىغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم بولسىمۇ ئۆزۇمنى زورىغا تۇتۇپ باشقىلارغا بۇ يەرگە خۇددى كۇندە كىلىدىغاندەك تۇيغۇ بەرمەكچى بولدۇم،بىز بىر نەچچە ئاغىنىلەر دىيشىۋىلىپ بىر پۇتولكا ھاراق ئىچىشتۇق ھاراق ئازراق بىشىمغا چىققان بولسىمۇ زورىغا ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇراۋالدىم مۇزىكا باشلاندى شوخ مۇزىكىغا بىرلەشتۇرۇپ بىزمۇ شوخلۇقنى باشلىۋەتتۇق،بۇ دىسكوخانىدا ئويناۋاتقان قىزلارنىڭ قىيا چىيالىرى بىشىمنى سەل ئاغرىتتى،ۋە ھاجەتخانىغا بىرىش باھانىسى بىلەن سىرىتقا چىقتىم تۇيۇقسىز بىرسى قاتتىق سوقىۋەتتى ،دەر ئاچچىغىم بىلەن قارىسام 21ياشلار ئەتراپىدىكى چىرايلىق بىر قىز ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدۇق ،ئۇ گەپ ئىچىپ كەچۇرۇڭ دىققەت قىلماي قاپتىمەن ،دەپ قويوپلا دىسكوخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى،مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىدىن تاپ بىسىپ كىرگەن بولساممۇ ئۇنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم،دىسكوخانا ئىچىگە بوينۇمنى سوزوپ ئۇيان بۇيانغا قارايتتىم،لىكىن ئۇ قىز ئاقتىمۇ يوق كۆكتىمۇ يوق ئىدى،تۇيۇقسىز ئۇنى شۇنچىۋالا كۆپ ئادەملەر ئىچىدىن كۆرۇپ قىلىپ يۇرۇكۇم جىغغىدە قىلدى،دەررۇ ئۇنىڭ يىنىغا باردىم ۋە ئۇنى بىر مەيدان تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلدىم،ئۇ قىزمۇ ياق دىمەي ئورنىدىن تۇردى،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نازاكەت ئىكەنلىكىنى بۇ يىل 22ياشقا كىرگەنلىكىنى مۇشۇ شەھەرلىك ئىكەنلىكىنى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقويدىغانلىقى ھەتتا تىلفون نۇمۇرىدىن تارتىپ ھەممىسىنى بىلىۋالدىم شۇندىن بىرى ئۇنى ھارماي ئىزدەيدىغان بولدۇم،ئىزدەشلەرنىڭ نەتىجىسى ئاخىرى چىقتى ئۇ مىنىڭ مۇھەببەت تەلىۋىمگە ماقۇل بولدى بىز يۇرگەن بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئاسماندىكى ئاينى ئالىمەن دىسىمۇ ئىلىپ بەرگۇدەك شۇنداق قىزغىن مۇھەببەتلەشتۇق ھەتتا ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگىچە مەن مۇشۇ شەھەردە قالدىم دىلنۇر بولسا ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئىدى مەلۇم بىر كۇنى ئۇنىڭغا تىلفون قىلدىم ئۇ تىلفوندا يىغلاپ تۇرۇپ‹‹مىنىڭ تويوم بولىدىغان بولدى››دەپ ئاران گەپ قىلالىدى لىكىن مەن ئۇنىڭغا پىسەنىتمۇ قىلماي مۇبارەك بولسۇن خۇدايىم بەختىڭنى بىرىپتۇ دەپلا تىلفوننى قويىۋەتتىم،ئادەم دىگەن مۇشۇنداق يۇزسىز نەرسە بولسا كىرەك شۇنچە يىل مىنى ساقلىغان بىچچارە قىزچاقنىڭ ئۇمۇدىنى يەردە قويدۇم ،لىكىن نىمە ئامال ئادەم دىگەن ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان نىمىكەن،نازاكەت پىراكتىكا قىلىۋاتقان مەلۇم بىر كۇنى ئىدى ،ئۇنىڭغا تىلفون قىلدىم،‹‹جىنىم بۇگۇن كەچتە ۋاختىڭىز بارمۇ؟نەنسەنگە بىرىپ ئويناپ كىلەيلى دىگەن،ئويلاپ باقسام ئىككىمىز تونوشوپ تا ھازىرغىچە بىرەر جايغا بىرىپ ئويناپ باقماپتىمىز››دىدىم،ئۇنىڭ كۆرسەتكەن باھانىلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەۋەپ تىپىپ بەردىم ،چۇنكى مىنىڭ مەقسىدىم باشقا ئىدى. ئۇمۇ مىنىڭ سەۋەپلىرىمنى ئاڭلاپ ماقۇل بولدى،ئىككىمىز يەيدىغان ئىچىدىغاننى ئالدۇق ،خىيالىمدا ئۇ راسلا نەنسەنگە بارىمىز دىسە قانداق قىلارمەن دىگەنلەرنى ئويلىدىم،ئاخىرى ئۇنىڭغا جىنىم بۇگۇن باشقا جايغا بىرىپ ئويناپ كىلەيلى نەنسەنگە ئەتە ئاپىراي دىدىم ،ئۇمۇ قوشولدى ئىككىمىز شەھەرنى بىر نەچچە قىتىم ئايلىنىپ چىقتۇق ئۇنىڭغا باشقا گەپلەرنى كۆپ قىلمىدىم،ئاخىرى شەھەردىكى داڭلىق بىر مىھمانسارايدا ياتىقىم بار ئىدى،شۇ جايغا بىرىپ بىردەم يىرىمدەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى ئاندىن سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي دىدىم،ئۇمۇ ماقۇل بولدى ۋە ئىككىمىز بىللە مەن بۇرۇن ئىشلەپ باققان مىھمانسارايغا كەلدۇق بۇ جاينىڭ ئەڭ ئىسىل ياتىقىدىن بىرنى ئاچقۇزدۇم ،ۋە ئۇنى ياتاققا باشلىدىم،ئۇمۇ كىردى،ئۇنىڭ بىلەن يىقىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆزۇمدىكى شەھۋەتنى باسالمىدىم ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي ئۇنىڭغا چىقىلدىم بىراق ئۇ مىنىڭ خىيالىمدىكىدەك چىقمىدى،چۇنكى مەن ئۇنى قىز دەپ ئويلايتتىم،لىكىن ئۇ قىز چىقمىدى،بۇنى كۆرۇپ دەررۇ كاللامغا بىر خىيال كەلدى،‹‹قىز چىقمىسا نىمە بوپتۇ بۇنى بىر ئويونچوق قىلىۋالمامدىم››دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشقا تىرىشتىم،‹‹جىنىم ماڭا سەن لازىم قىزلىقىڭنىڭ نىمە كىرىكى قىزلىق دىگەن بىر قىزىل قان خالاس ماڭا سىنىڭ چىن مۇھەببىتىڭ لازىم دىدىم،لىكىن ئىچىمدە مىڭنى تىللايتتىم،ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇنداق ئۆتىۋەردى،ھىلىقى جۇۋان بىر كۇنى تىلفون قىلدى ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ بۇرۇنقىدەك (ھالىدىن خەۋەر ئالدىم)ئەتىسى ئۇ ماڭا بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىقىمىز بولوپ قالسۇن بۇندىن كىيىن ئالاقىلاشمايلى چۇنكى مەن يىقىندا توي قىلماقچى دىدى،مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم،ئۇ ماڭا 10000مىڭ يۇەن پۇل بەردى شۇنداق قىلىپ بۇ تىگى يوق كان يوققا چىقتى،ئون مىڭ يۇەننى نازاكەتكە بولىشىچە خەجلەپ بەردىم چۇنكى بۇمۇ بىرخىل سودىنىڭ ئىپىدە مەلۇم بىر كۇنى نازاكەتنىڭ تۇغۇلغان كۇنى بولدى بۇ ۋاقىتقىچە نازاكەتنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن،بۇ سورونغا نازاكەتنىڭ بىر نەچچە دوستى ۋە مىنىڭ بىر نەچچە ئاغىنەم بارغان ئىدۇق سورون بارغانسىرى قىززىغىلى تۇردى بىر ۋاقىتلاردا قارىسىام سوروندا نازاكەت يوق مەن نازاكەتنىڭ دوستى بىلەن پاراڭغا چۇشۇپ كىتىپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن ،ئۇنى ئىزدەپ سىرىتقا چىققان ئىدىم خىيالىمدا بەلكىم ئۇ ھاجەتخانىغا چىقىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم،بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىنىڭ يىنىدىكى ئايرىمخاننىڭ ئىشىكى قىيا ئوچوق ئىدى ،نىمە سەۋپتىندۇر بىلمىدىم تۇيۇقسىز قاراپ قالدىم كۆرگىنىم شۇ بولدىكى نازاكەت ئاغىنەم مەمەتنىڭ ئاستىدا ئانىسدىن تۇغما ھالەتتە ئىڭراپ ياتاتتى،قاتتىق ئاچچىغىم بىلەن ئىشكىنى تىپىپلا كىرىپ ئىككىسىنىڭ قىلىۋاتقان بۇزۇقچىلىقىغا چىداپ تۇرالماي قولومغا چىققان بوتولكا شىشىسى بىلەن ئاغىنەم مەمەتنىڭ بىشىغا بىرنى سالدىم ئۇ بىشىنى تۇتقىنىچە ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى،نازاكەتنىمۇ راسا ئۇردۇم ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ بىر تەرەپتىن كىيمىنى كىيۋاتاتتى،ئاغىنەم مەمەت ئورنىدىن تۇرۇپ ‹‹بوپتۇ بۇگۇن مىنى ئۇرىۋالدىڭ بۇ مەندىكى خاتالىق ئەمەس سەن ئاۋال ماۋۇ بۇزۇقىڭدىن ئوبدانراق سورىۋال كىم كىمنى ئازدۇردىكىن››دەپ نازاكەتنى كۆرسىتىپلا ئايرىمخانىدىن چىقىپ كەتتى،ئاچچىغىم ياندىغاندەك ئەمەس بىز شۇ ئايرىمخانىدىن چىقىپ كىتىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇ ماڭا تىلفون قىلدى،تىلفوننى ئالدىم بىراق ئۇنىڭغا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلغۇم يوق ئىدى،ئۇ گىپىنى قىلىۋاتاتتى،تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى،ھە راس ماڭا ئازراق پۇل بىرىپ تۇرساڭ دىدىم قوپال ئاۋازدا ئۇ مەندىن قانچىلىك لازىملىقىنى سورىدى،مەن يەنە شۇ قوپال ئاۋازىم بىلەن ئون مىڭ بولسا يىتەتتى،بىر سودا ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ قالغان ئىدىم،جىددى لازىم بولوپ قالدى ئەگەر سەندە يوق بولسا بولدى دىدىم ئاچچىغلانغان قىياپەتتە ئۇ گىپىم تۇگىمەستىنلا،ياق ياق مەن مەن ئامال قىلاي ساقلاپ تۇرۇڭ دەپلا تىلفوننى قويىۋەتتى،مەنمۇ قايتىلاپ ئۇرمىدىم خىيالىمدا ئونمىڭنى ئىلىپ تىكىۋىتەي دەپ خىيال قىلاتتىم ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تىلفونىم جىرىڭلىدى تىلفون قىلغان ئۇ ئىكەن يەنە ئابايقىدەك تەلەپپۇزدا تىلفوننى ئالدىم ئۇ پۇلنى تىپىپ قويدۇم قاچان ئىلىپ كىتىسىز دىدى،مەن دەررۇ تىلفوننى قويۋىتىپ ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ بىر باغلام ئونمىڭنى ئىلىپ يولومغا ماڭدىم. ھىساپلاپ كەلسەم ئۇنىڭ بىلەن ئالمىغان بەرمىگەن بوپتىمەن ،بۇ ئونمىڭ بىلەن بىشى قايغان بىرسىنى كەلتۇرۇش ئىستىكىدە بۇ شەھەرنىڭ قايناق بازارلىرىدىن بىرى بولغان خەلىقئارا چوڭ بازارنىڭ ئالدىغا كەلدىم،بۇ بازار ئادەتتىكى كۇندىمۇ شۇنداق قىززىيدىغان قىز چوكانلار ئۇزۇلمەيدىغان بازار ئىدى، بۇ بازارنىڭ ئالدىدا تۇرسام تۇيۇقسىز بىرسى ‹‹سائىتىڭىز نەچچە بولغاندۇ››دەپ سوراپ قالدى مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم كۆز ئالدىمدا شۇنداق چىرايلىق بىر قىز تۇراتتى،مەن ئۇ قىزغا سائەت ۋاختىنى دەپ بىرىپ بىردەم پاراڭلاشتىم ۋە تاماققا تەكلىپ قىلدىم،بۇ قىزنىڭ كىينىشلىرى ئادەتتىكى قىزلاردىن خىلىلا پەرىقلىنەتتى،ئۇ قىز بىلەن بىر قىتىملىق تاماق يەپ ئۇ قىزنىڭمۇ ئىسىمىنى ئىش ئوقەتلىرىنى خىلىلا بىلىۋالدىم،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى نەيىمە بولوپ بۇ يىل 24 ياش مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئىدى شۇنداق قىلىپ بۇ قىز بىلەنمۇ تونوشوپ كەتتىم،كىم بىلسۇن بۇ قىز بىلەن تونوشوش گۇلدەك ۋاقىتلىرىمنى غازاڭدەك ئۇچۇرىدىغان ۋاختىم ئىكەنلىكىنى بۇ قىز ماڭا ئادەتتە بىر پۇڭمۇ زىيان سالمايدىغان كۆڭلۇمدىكىدەك قىز ئىدى مەن نىمە دىسەم رايىشلىق بىلەن شۇ ئىشنى قىلاتتى مەلۇم بىر كۇنى بىز بۇ چوڭ شەھەردىكى داڭلىق بىر مىھمانخانىغا كىردۇق ئۇ ماڭا بىر قاپ ‹‹قار لەيلىسى››ماركىلىق تاماكا بەردى مىنىڭ ئاياتىمنىڭ نابۇت بولىشى مانا بۇ بىر قاپ تاماكىدىن باشلاندى مەن تۇنجى قىتىم بۇ تاماكىنى چىكىپ ھىچقانچە ھىس قىلمىدىم لىكىن بىر قاپ تاماكا تۇگىگەندىن كىيىن نەيىمەنى ھىچيەردىن تاپالمىدىم باشقا يەردىن شۇ ماركىدىكى تاماكىنى ئىلىپ چەكسەم نەيىمە بەرگەن تاماكىغا قىلچە ئوخشىمايتتى كۇندىن كۇنگە بەدەنلىرىم سىقىراپ ئاغرىيدىغان كىچىلەردە بولسا ئۇخلىيالمايدىغان گىلىمدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بولوپ قالدى،مەلۇم بىر كۇنى نەيىمەدىن تىلفون كەلدى،مەن تىلفوننى ئىلىپلا‹‹ھىلىقى تاماكىدىن يەنە بىر قاپ بەرسىڭىز››دىدىم ئۇ ماڭا ناھايىتى قوپال ئاۋازدا بىرىۋىردىغان نەرسە ئەمەس ئۇ بىكارغا مۇشۇك ئاپتاپقا چىقمايدۇ پۇل كىتىدۇ پۇلۇڭ بولسا يىنىمغا كىلىپ ئىلىپ كەت بولمىسا مىنى ئاۋارە قىلما دەپلا تىلفوننى قويىۋەتتى،مەن پۇل تىپىش ئۇچۇن كۆپ ئادەمنى ئىزدەپ قەرىز سورىغان بولساممۇ لىكىن ھىچقانداق كىشى قەرىز بىرىشكە قوشولمىدى،ئامالسىز يىللاپ كۆرۇشمىگەن بىچچارە دىھقان ئاتا ئانامغا تىلغون قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم تىلفوننى ئانام بىچچارە ئالدى‹‹بالام قەيەردە سەن؟سىنى شۇنداق سىغىندۇق،قاچان قايتىپ كىلىسەن؟››بۇ گەپلەرنىڭ ھىچقايسسى قۇلىقىمغا كىرمەيۋاتاتتى،مەن دەرھاللا ‹‹ئاپا ماڭا جىددى بەشمىڭ يۇەن سىلىپ بەرسەڭلار جىددى ئىشلىتىدىغان بولوپ قالدىم››دەپ ئارانلا گەپ قىلالىدىم بىچچارە ئانام تىلفوننى قويىۋىتىپ بىر سائەتلەردىن كىيىن ماڭا تىلفون قايتۇردى بالام پۇلنى سىلىۋەتتۇق ئۆيدە ئۇنچىلىك پۇل يوق ئىدى،شۇڭا داداڭ ئۇزۇن يىلدىن بىرى سىنىڭ تويوڭغا ئاتاپ بىقىپ كىلىۋاتقان موزاينى زىينىغا سىتىپ ساڭا ئۇ پۇلنى سىلىپ بەردى ،دىدى.بۇ گەپلەر قۇلىقىمغا مۇش بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلاندى ۋە مەن قوپال ئاۋازدا ‹‹ۋاي ئاپا بولدى قىلە مەن ئەينى چاغدا پۇل سىلىپ بەرسەم سىلەرگە تاپا تەنە قىلامي سىلىپ بىرەتتىمغۇ شۇنچىلىك پۇلغا ھەجەپ قىلدىڭ››دەپلا تىلفوننى قويۋىتىپ نەيىمەگە تىلفون قىلدىم،ئۇ تىلفوننى ئىلىپ ئۆزىنىڭ ئاق قوۋوقتا ئىكەنلىكىنى ئىيتتى،مەن بىرىپ ئۇنىڭغا بەشمىڭ يۇەننىڭ ھەممىنى بەردىم ئۇ بىر پۇلغا بىر ماڭا قاراپ بۇنچىلىك پۇلغا بەرگىلى بولمايتتى بۇ تاماكىنى بوپتۇ تونوشلوقىمىزنىڭ يۇزىنى قىلىپ بىرەي كىيىنكى قىتىم بۇنداق ئەرزان بولمايدۇ جۇمۇ .دەپلا تاكسى توسوپ كىتىپ قالدى مەن شۇ ۋاقىتتىلا تاماكىنى ئىچىپ تىترىگەن ھالدا بىرتال تاماكىنى ئاران تۇتاشتۇرۇپ چەكتىم شۇ ۋاقىتتىلا بەدەنلىرىمدىكى ئاغرىقلىرىم يوقىغان ئىدى،مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇ تاماكىنىڭ خىروئىن ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۇرگەن ئىدىم،مەلۇم بىر كۇنى سەھەردە ئىجارە ئۆيۇمنىڭ ئىشىكى چىكىلدى،ئىشىكنى ئاچسام نازاكەت ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى،ئۇ مىنى كۆرۇپ ‹‹نىمانچە ئوروقلاپ كەتتىڭىز كۆزلىرىڭىز ئولتۇرشاپ كىتىپتىغۇ مىجەزىڭىز يوقما؟››دىدى مەن بۇرۇنقىدىن بەك قوپال ئاۋازدا ‹‹ۋاي ۋاي نىمە جىق بۇ ھە نىمە ئىش تىز گەپ قىلە؟››دىدىم ئۇ بىشىنى يەردىن كۆتەرمەي ئۆتكەندە مەندىن ئالغان ئونمىڭنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز دىدى،بوش ئاۋازدا مەن يەنە قوپاللىق بىلەن‹‹مەندە ھازىر ئىسسىق جان قالدى جان لازىم بولسا ئال لىكىن پۇل يوق ››دەپلا ئىشىكنى تاقىۋەتتىم، لىكىن ئىچىمدە سەل خىجىل بولوپ قالغان ئىدىم،لىكىن مەندە نىمە ئامال دىمىسىمۇ مەندە ئىسسىق جان قالغان ئىدى،شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ پۇلىنى بەرمىدىم ،كۇندىن كۇنگە مەندىكى خۇمار ئىغىرلشىىپ باراتتى ،ئامالسىز بۇرۇنقى ھىلىقى جۇۋانغا ئۇچۇر يوللۇدۇم‹‹ياخشىمۇسىز!بۇ مەن ئالىم ماڭا ئازراق پۇل لازىمتى بىرىپ تۇرسىڭىز››خىلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر قايتتى‹‹مەندە ھازىر كۇپ پۇل يوق ،سىزگە قانچىلىك لازىمتى؟››نىمە دىيىشىم كىرەك قانچلىلىك ئىلىشىم كىرەك دەررۇ ئۇچۇر قايتۇردۇم ‹‹ئون مىڭ كىرەك ئىدى،بىرىپ تۇرسىڭىز پات ئارىدا قايتۇراتتىم››ئۇنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ بولالمايدىغانلىقىمغا كۆزۇم يىتىپ ئۇنىڭ تىلفونىغا تىلفون قىلدىم ئۇ تىلفوننى بىسىۋەتتى،ئارقىدىن ئۇچۇر كەلدى‹‹بۇگۇن چشۇ سائەت ئون ئىككىدە قەلئە تىز تاماقخانىسىدا كۆرشەيلى !››بۇ گەپنى كۆرۇپ ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوش بولدۇم ،يۇيمىغىلى ئۇزۇن بولغان پاخپىيىپ كەتكەن چىچىمنى يۇيۇپ كەيمەي توپا بىسىپ كەتكەن قىممەت باھالىق كىيىملىرىمنى كەيدىم ،ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك تەسىر بىرىش ئۇچۇن ئامال يوق سىرىتقا چىقىپ تاكسى توسوپ ئۇ تاماقخانىغا قاراپ ماڭدىم تاكسى بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن قەلئە تىز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى،سائت ئون ئىككى بولوشقا يەنە بىر سائەت بار ئىدى،بىر سائەەتىن كىيىن ھىلىقى جۇۋان كەلدى ئۇ خۇددى بىرسىدىن ئەندىشە قىلغاندەك ئۇيان بۇيانغا قاراپ دەرھاللا مىنى تاماقخانا ئىچىگە كىرىشكە ئىما قىلىشقا ئۇلگۇردى ئىككىمىز ئالدى كەينى بولوپ تى تاماقخانىغا كىردۇق ئۇ ھاپىلا شاپىلا سومكىسىدىن بىر باغلام ئونمىڭ يۇەننى چىقىرىپ ماڭا سۇندى ۋە بۇندىن كىيىن ئەمدى مىنى ئىزدىمەڭ بۇ مىنىڭ ئازغىنە كۆڭلۇم بۇندىن كىيىن ئىزدىمىسىڭىزلا مەن شۇنىڭغا رازى دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،مەن باشقا ئىشلارنى ئويلىمىدىم،خىيالىمدا يەنە ئىككى قاپ تاماكا ئىلىشنىلا ئويلايتتىم،دەررۇ نەيىمەگە تىلفون قىلدىم،ئۇ تىلفوننى ئالدى لىكىن بۇگۇن ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئىدى‹‹ھە گەپ قىلە يەنە لازىم ئوخشىمامدۇ؟مەن ئاققوۋوقتا بۇرۇنقى كۆرۇشكەن ئورنىمىزدا كۆرشەيلى ››دەوپلا تىلفوننى قويىۋەتتى،مەن ھاپىلا شاپىلا ئاققوۋوققا كەلدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشتۇم ۋە ئۇنىڭ سۆزى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلدۇق ئۇ ماڭا ‹‹ھازىر بۇرۇن بەرگەن تاماكىلار تۇگەپ كەتتى،يىڭىدىن تاماك ئەكەلدىم باھاسى بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش لىكىن بۇ قىتىمقىسى بولاق بۇرۇنقىدەك قاپلىق ئەمەس ساڭا چىكىش ئۇسۇلىنى ئۇگىتىپ قوياي دەپ تاماكىنىڭ پالپال قەغىزىنى قولىغا ئىلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ خىروئىننى پالپال قەغەزنىڭ ئۇستىگە قويدى چىققان ئىسلارنى سۇمۇرىشىمنى ئىيتتى مەن چىققان ئىسلارنى قوغلاپ يۇرۇپ سۇمۇرۇشكە باشلىدىم.
شۇنداق قىلىپ خىروئىن چىكىش ئۇچۇن يىڭى ئۇسۇلنى ئۇگەندىم قانداق قىلىمەن بۇ خىروئىن دىگەن نەرسىنىڭ كەيپى شۇنداق نوچى بولىدىكەن ئەمەسمۇ ئايلار ئۆتۇپ كەتتى ئىسنى سۇمرۇپ تۇگىتىۋەتكەن پۇللىرىمنى ئۆزۇممۇ ھىساپلاپ بولالماي قالدىم،بۇ نەچچە ئايدىن بىرى ئۆيدىكىلەرگە بىر قىتىممۇ تىلفون قىلىپ باقمىدىم ،كۇنلەر مۇشۇنداق ئۆتۇۋاتقان ۋاقىتلاردا يىنىمدا بىر دانە گىردە ئالغىدەك بەش مومۇ پۇل قالمىغان ئىدى،يەنە سىرىتقا چىقتىم بۇگۇن سىرىتنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ياخشى ئىدى بىراق خۇمار تۇتقاندا بۇنداق ھاۋامۇ ئادەمگە خوش ياقمايدىغان بولوپ قالىدىكەن يىنىمدا پۇل قالمىغانلىقى ئۇچۇن كاللامنى ئىشلەتمەي بولمىدى دەررۇ ماڭا ئۆي ئىجارە بەرگەن كىشىنىڭ ئىشىكىنى يۇزۇمنى قىلىن قىلىپ قاقتىم ۋە ئۆي ئىجارە بەرگۇچى ھىلىقى ئاكام دىمەتلىك كىشى ئۆيسىدىن چىقتى ئىككىمىز ھال ئەھۋال سورىۋەتكەندىن كىيىن مەن ‹‹ئاكا جىددى بىر ئىشقا سىرىتقا چىقماقچى بولوپ قالغان ئىدىم ئەسلى يىنىمدا نەچچە مىڭ يۇەن بار ئىدى يۇز يۇەن كىمىپ قالدى ببىرىپ تۇرسىڭىز سەل تۇرۇپ كىرىپلا قايتۇرۇپ بىرىمەن دىدىم››ئۇ كىشىمۇ ئارتۇق گەپ سورىماستىن يىنىدىن يۇز يۇەننى چىقىرىپ ماڭا سۇندى ،شۇنداق قىلىپ تۇنجى قەدىمىم ئوڭوشلوق بىسىلدى،دەررۇ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ نازاكەتكە تىلفون قىلدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن جىددى كۆرشىدىغان ئىشىمنىڭ بارلىقىنى ئىيتتىم،ئۇمۇ قوشولوپ ئۆيىسىدىن چىقتى بۇگۇن ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆيگە ئىلىپ كىرشىم كىرەك ئىدى،مەنمۇ بار نەيرەڭلىرىمنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ ئۇنى ئۆيۇمگە ئىلىپ كىردىم ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بازاردىن بەش يۇەنگە سىتىۋالغان ئۇيقۇ دورسىنى ئۇنىڭغا ئىچۇرۋەتتىم،ئۇ شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى،مەن ئۇنىڭ سومكىسىنى ئاختۇردۇم سومكىسى ئىچىدىن بىر نەچچە مىڭ يۇەن چىققان ئىدى،ئۇ پۇلنى ئىلىپلا سىرىتقا قاراپ چاپتىم ۋە يىڭىدىن تاپقان بىر چۆپقىتىمدىن بىر نەچچە تاماكا قىلغۇدەك خىروئىن تاپتىم،دورا دۇككىنىغا كىرىپ ئىككى دانە ئىشپىرىس ئالدىم،مىنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىم دەل نازاكەتنىمۇ بۇ يولغا باشلاپ ئۆزۇمنىڭ ئىقتىسادىي تۇۋرىكىمنى ئورنىتىش ئىدى ،مەن جىددى ئۆيگە قايتتىم،ئۆيگە كىرسەم نازاكەت تىخىچە ئۇخلاۋاتقان ئىدى يىنىمدىكى نەچچە بولاق خىروئىننىڭ بىر نەچچىسىنى ئىككى ئۇكۇلغا ئىرىتىپ ئۇنىڭ بىلىكىگە ھەممىنى ئۇرىۋەتتىم،ئۇ ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۇردۇم ئۇ ئۆيسىگە كەتتى،بىر نەچچە كۇندىن كىيىن ئۇنىڭغا يەنە تىلفون قىلدىم يەنە بۇرۇنقى ئۇسۇلدا يەنە خىروئىننى ئۇنىڭ بىلىكىگە ئۇرىۋەتتىم،ئۇ بۇ ئىشلارنى بىلگەندەك دائىم سومكىسىغا ئاز دىگەندىمۇ بىر نەچچە مىڭ يۇەن سىلىپ كىلەتتى،كۇنلەر مۇشۇنداق ئۆتۇپ بىر ئايدىن ئاشقاندا مەن ئۇنى ئىزدىمىسەممۇ ئۇ مىنى ئىزدەپ كىلىدىغان بولدى،شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەقىقىي خۇمار بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم.ئۆزۇمچە ئۆزۇمنىڭ ئەقىلىقلىقىمدىن شۇنداق خۇرسەن بولاتتىم،شۇنداق قىلىپ بۇ ئىقتىسادىي تۇۋرۇكمۇ پەيدا بولدى ئىككىمىز كۇنلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئۆتكۇزدۇق كىيىنچە ئۇ ئۆيىسىدىن پۇل ئوغورلاپ چىقىدىغان ئانىسىنىڭ زىبۇ زىننەتلىرىنى ئوغورلاپ چىقىدىغان بولدى بۇنىڭدىن مەن تىخىمۇ ىۇشال ئىدىم،ئۇنىڭ ئەھۋالى كۇندىن كۇنگە ناچارلىشىپ كىتىپ باراتتى مىنىڭمۇ خۇمارىم ھازىر قاتتىق ئىدى بۇرۇنقىدەك ئىسلارنى سۇمۇرۇپ يۇرمەيتتىم ئۇدۇللا ئۇكۇل سانجاتتىم بۇرۇنلاردا بىرىمىز بىردىن ئۇكۇل قىلساق ھازىر ئىككىدىن قىلىدىغان بولدۇق مەلۇم بىر كۇنى ئىككىمىزنىڭ يىنىدا بىر قىتىملىق چىكىملىك ئالغۇدەكمۇ پۇل قالمىغان ئىدى،مەن نازاكەتكە بىر ئەقىل كۆرسەتتىم،مەن ئۇنىڭغا‹‹سىلەرنىڭ ئۆيگە ئوغورلوققا كىرەيلى ››دىدىم ئۇمۇ قوشولدى ئىككىمىز كەچتە .ۇنىڭ ئۆيسىگە كىردۇق ئۇنىڭ ئۆيى شۇنداق ئىسىل ئىدى ئپىسى بىلەن دادىسى ئاللاقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى ئىككىمىز تۇيدۇرماي ئۆينى سىرىپ سۇپۇرۇپ ھەممىنى ئىلىپ چىقىپ كەتتۇق ئەتىسى بىلسە نازاكەتنىڭ ئانىسىنىڭ يۇرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ ئۆلۇپ كىتىپتۇ لىكىن نازاكەت خىروئىننىڭ خۇمارىدا قۇلىقىغا گەپمۇ كىرمەيتتى،ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى ئىككىمىز بۇ بىر ھەپتە خىروئىن ئالغۇدەك پۇل تاپالمىدۇق ئاخىرى مەن يەنە ھىلىقىە جۇۋانغا تىلفون قىلدىم ،مەن ئۇنىڭغا تەھدىت سىلپ ‹‹ئەگەر پۇل بەرمىسەڭ››ئارىمىزدا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى يولدۇشىڭغا دەپ قويىمەن››دەپ قورقاق سالدىم ئۇمۇ يۇۋاشلىق بىلەن پۇل ئەكىلىپ بەردى ئىككىمىز دەررۇ سىرىتقا چىقىپ نەچچە مىڭ يۇەنلىك خىروئىن ئالدۇق ئۇ كۇنى ئۇ باشتا ئۇكۇل قىلىپ بىلىكىگە ئۇردى ۋە شۇ جايىدىلا ئۇخلاپ قالدى مەنمۇ بىر ئۇكۇلنى بىلىكىمگە ئۇردۇم شۇ ئەسنادا پۇت قوللىرىم تىترەپ ئىچىم قىززىپ ھىچنىمىنى بىلەلمىگەن ئىدىم……………………….
ئاپتوردىن : ئەلقسىە ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى ئۆي ئىجارە بەرگۇچى ئالىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۇپ كىتىپ بارغاندا ئۇ ئۆيدىن قاڭسىق سىسىپ قالغان گۆش پۇرىقى كىلىدۇ ئۇ كىشى ئىشىكنى ئىتتىرىپ يۇرۇپ ئىشىكنى ئاچقان ۋاختىدا كۆز ئالدىدا ئالىم بىلەن نازاكەتنىڭ جەسىدى تۇرىدۇ ………………..
ئۇلارنى قانۇن دوختۇرى تىخنىكىلىق تەكشۇرۇش ئارقىلىق خىروئىننى كۆپ مىقداردا ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆلگەن دەپ ھۆكۇم چىقىرىدۇ……
خاتىمە:مەزكۇر ئەسەرنىڭ يىزىلىش مەقسىدى ھازىرقى جەميىتىمىزىدىكى بەزى بىر كىشىلەرنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى ئوچوق بايان قىلىنغان .
ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەردىكى مەن ئۇ پەقەت بىر پىرسۇناژ خالاس ھىكايىنى يازغۇچى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
ئەسەرنى ئوقوش ئوقىماسلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئخىتىيارىدىكى ئىش ،ئەسەرگە توغرا ياكى خاتا ھۆكۇم قىلىشمۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق ئەلۋەتتە……….
تۇگىدى!
مەنبەسى:‹مىسرانىم تورى›دىن ئىلىندى |
|