- تىزىملاتقان
- 2011-8-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 1584
- نادىر
- 0
- تېما
- 91
- يازما
- 206
  
قىزغىنلىق- 480 سەر
تىللا- 123 دانە
تۆھپە- 295 سەر
شۆھرەت- 364 سەر
| 
بىر سىرچىنىڭ بىر ئېغىز ئۆينىڭ تىمىنى سىرلىشىغا ئۇچ كۇن ۋاقىت كىتىدۇ. ئەگەر ئوخشاش سۇرئەت بىلەن ئۇزۇنلۇقى ، كەڭلىكى ،ئىگىزلىكى دەسلەپكىسىدىن بىر ھەسسە چوڭ بولغان بىر ئېغىز ئۆينى سىرلىشى ئۇچۇن قانچە كۇن ۋاقىت كىتىدۇ ؟
ئىتوت چولپىنى ئابدۇكىرىم ئابلىز ئېتوت ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن ، بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن < سىز بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟ > دەپ سوراپتۇ . ئابدۇكىرىم ئابلىز بىۋاستە جاۋاب بىرىشنى ئەپسىز كۆرۇپ < مىنىڭ بەش يىلدىن كىيىنكى يىشىمنىڭ بەش ھەسسىسىدىن بەش يىل ئاۋۋالقى يىشىمنىڭ بەش ھەسسىسىنى چىقىرىۋەتسىڭىز دەل ھازىرقى يىشىم بولىدۇ > دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ، مۇخپىر ئىككى مىنۇتتىن كىيىن ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ .
سىزنىڭچە مۇخبىر قانداق بىلدى ؟ ئابدۇكىرىم ئابلىز بۇ يىل قانچە ياش ؟
مەن سودا ئىشلىرىغا خام ، ئەمما 10 يىلنىڭ ئالدىدا 8 يۇەنگە بىر توخۇ سىتىۋىلىپ ، 9 يۇەنگە سىتىۋەتكەن ئىدىم . شۇ چاغدا بۇ توخىنى ئەرزان سىتىپ قويۇپتىمەن - دەپ ئويلاپ 10 يۇەنگە بۇ توخىنى قايتا سىتىۋىلىپ ئاخىرى 11 يۇەنگە سىتىۋەتتىم . بۇ ئەلۋەتتە 9 يەنگە سىتىۋەتكىنىمدىن ياخشى ئىدى . مەن شۇ قىتىملىق توخۇ سودىسىدا قانچە يۇەن پايدا ئالغاندىمەن ؟
ئۇلۇق روس يازغۇچىسى ل . تولۇستوي 82 يىل ئۆمۇر كۆرگەن . ئۇنىڭ 19- ئەسىردىكى ئۆمرى 20 - ئەسىردىكى ئۆمرىدىن 62 يىل كۆپ بولغان . ئۇنداقتا ل . تولۇستوي قانچىنچى يىلى تۇغۇلغان؟ قانچىنچى يىلى ۋاپات بولغان؟
بىرسى سۇڭپىياز سېتىۋىلىش ئۇچۇن بازارغا چىقىپتۇ . ئۇ سۇڭپىياز ساتقۇچىدىن : ___ بىر جىڭى قانچە پۇل ؟ __ دەپ سوراپتۇ . سۇڭپىياز ساتقۇچى : ___ بىر جىڭى بىر يۇەن _ دەپتۇ ، ئۇ : ___ مەن ھەممىنى سېتىۋالاي ، بىراق ئوتتۇردىن كىسىپ ئايرىم جىڭلايممىز : بېشىنىڭ جىڭىغا سەككىز مودىن ، كۆكىنىڭ جىڭىغا ئىككى مودىن بىرەي ، بولامدۇ ؟ __ دەپتۇ . سۇڭپىياز ساتقۇچى : ___ بولىدۇ ، _ دەپتۇ . لىكىن سۇڭپىياز سېتىلىپ بولغاندىن كىيىن ، سۇڭپىياز ساتقۇچى ھېسابلاپ باقسا ، دەلمۇ - دەل يىرىمىنى زىيان تارتىپتۇ . ئويلاپ كۆرۇڭلار ، سۇڭپىياز ساتقۇچى نېمە ئۇچۇن بۇنچىۋالا كۆپ زىيان تارىتقان ؟
بىر كېشى 140 يۈەنگە بىر چاپان ، بىر شەپكە ، بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋاپتۇ . چاپاننىڭ باھاسى شەپكىنىڭكىدىن 90 يۈەن قىممەت ، چاپان بىلەن شەپكە ئاياغنىڭكىدىن 120 يۈەن قىممەت بولسا ، ھەر قايسىسىنىڭ باھاسى قانچىدىن بولىدۇ ؟
بۇرۇنقى زاماندا ئالىم ، ئادىل ، قابىل ئىسىملىك ئۇچ ئادەم بولغانىكەن. بىر كۇنى ئۇلار ياش ئۇستىدە پاراڭغا چۇشۇپ ، ھەر بىرى ئۇچ ئېغىزدىن سۆزلەپتۇ . بۇنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزى راسىت ، بىر ئېغىز سۆزى يالغان سۆز ئىكەن. ____ مەن بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم ، مەن ئادىلدىن ئىككى ياش كېچىك ، قابىلدىن بىر ياش چوڭ __ دەپتۇ ئالىم. ____ مەن ئەڭ كىچىكىڭلاردىن ئەمەس ، قابىل ئىككىمىز ئۇچ ياش پەرىقلىنىمىز . قابىل بۇ يىل 25 ياشقا كىردى __ دەپتۇ ئادىل. ____ مەن ئالىمدىن كىچىك ، ئالىم بۇ يىل 23 ياشقا كىردى . ئادىلدىن ئۇچ ياش چوڭ __ دەپتۇ قابىل.
ئويلاپ كۆرۇڭ ، ئۇ ئۈچىنىڭ ھەر قايسىسى قانچە ياش؟
|
|