ئەر-ئاياللارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى پەرىقلەر

ئەر-ئاياللارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى مەخسەت-مۇددىئاسى ئوخشىمايدۇ. ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن زىددىيەت ۋە سۈركۈلۈشلەر ئەنە شۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى پەرىقلەردىن كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. مەسىلەن: 1.ئەرلەر بىرەر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىكىرلىشىدۇ.ئاياللار پىكىرلىشىش جەريانىدا ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. 2.ئەرلەر گەپ قىلغاندا مەنتىقە ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. پىكىرنى قىسقا، مېغىزلىق ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللار ئالدىرىماي، ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، سكزنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. 3.ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئايالىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايدۇ ھەمدە ئاڭلاش جەريانىدا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاڭلاش تاقىتى چەكلىك بۇلىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ زەن سېلىپ ئاڭلىشىنى ئۆزىگە بولغان ئەڭ چوڭ ياردەم دەپ قارايدۇ. 4.ئەرلەر ئايالى ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىلەرنى تېزراق ھەل قىلىپ بەرسەم دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئايالىنىڭ كەيپىياتىغا سەل قارايدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ككڭۈل بۆلۈشى ۋە تەسەللى بېرىشىگە مۇختاج بۇلۇپ، دەل ۋاىتىدا مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرسە دىگەنلەرنى ئويلىشىپ كەتمەيدۇ. 5.ئەرلەر بېسىم ھېس قىلغاندا تېنچ ئولتۇرۇشنى ياىشى كۆرىدۇ. تېلىۋىزور كۆرۈش، تور زىيارىتى قىلىش، ئويۇن ئويناش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭەىللىتىدۇ. بۇنداق چاغدا ئاياللار ئۇنىڭ مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى يوقكەن دەپ خاتا چۈشۈنىۋالىدۇ-دە، كوتۇلداشقا باشلايدۇ. 6.ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇيرۇقۋازلىق قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى ئەرلەر ئايالىنىڭ بۇيرۇق قىلىشىنى ئىختىدارىدىن گۇمان قىلغانلىق دەپ ئويلاپ، كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئۆزىگە ئېرەن قىلمىغانلىق دەپ قارايدۇ.
مەنبە؛ «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 14:18
|