پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 3

يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
73
قىزغىنلىق
1016 سەر
تىللا
267 دانە
تۆھپە
442 سەر
شۆھرەت
543 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 18:07:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار




  دوستلار، قەلبىمدە بىر نازۇك تىۋىش بار، كۈندە مۇھەببەت دەپ نالە قىلىدىغان؛ يۈرىكىمدە بىرئارمان بار، ئەتە ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئۈندەپ، جىم تۇرغۇزمايدىغان؛ۋۇجۇدۇمدا بىر ھەسرەت بار، قېرىنداشلىرىمنىڭ ھالىدىن يەتكۈچە تەشۋىشلىنىدىغان؛ كىچىلىرىمدە بىر ھىكىمەت بار، تەپەككۇر دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرۈپ ئۇخلاتمايدىغان؛ھاياتىمدا بىر مەنا بار، ئەزىزلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئەرزىيدىغان…

  بۇگۇندىن باشلاپ < يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار> ناملىق بۇ ئەسىرىم دىققىتىڭلاردا بولىدۇ، ئەسەرنىڭ ھەجىمى كۆپرەك،  ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تۇرىمەن. ئايىغى چىقماس داۋامى بار ئەسەرلەردىن زىرىككەنسىلەرمۇ ئەمدى، ئەڭ ياخشىسى، زىرىكىپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ ئەسەرنىڭ ھەممىنى بىراقلا يېزىپ يوللىغىدەك شارائىتىم يوق،  ئەمسە باشلاپ كەتتىم.



                                              مۇقەددىمە



ھەممە ئادەمنىڭ ئەڭ غەمسىز، ئەڭ تاتلىق، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز چاغلىرى بولىدۇ، بەزىلەر ئۆزىىڭ بالىلىق چاغلىرىنى شىرىن-ھېسلارغا چۈمگەن ھالدا ئەسلەپ كەتسە، بەزىلەر پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، شاس-خۇراملىق بىلەن قىيا-چىيا قىلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئەسلەيدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈنىنى داۋاملىق  سېغىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىشىدۇ، مەن بەكرەك تەلەيلىكمۇ قانداق، شۇنداق تاتلىق بالىلىق ئەسلىمىلىرىم، ئانامنىڭ كەينىدە پىلتىڭلاپ يۈرۈپ، ئانام بىلەن  ئامراق ئوغلىقىم ئۈچۈن ئوت ئېلىشلىرىم، ئىلىپپەنى تۈگىتىپ، ساۋادىم چىققان كۈنى دادامنىڭ مىھرى بىلەن پىشانەمگە سۆيۈپ قويغىنىغا قارىغاندا، ئېلىپ بەرگەن خوراز كەمپۈتنى بەكرەك ئەسلەيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىم،تورمۇزىنىڭ تايىنى يوق ئەسكى ۋېلسىپىتنى ئۇچقاندەك سۈرۈپ كوچىنى بىر ئېلىپ، قىز-ئوغۇللار دەپ ئايرىماي، بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ ئويناپ يۈرۈيدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتلىرىمىز...

مەن ھەقىقەتەن بەخىتلىك، بالىلىقىم، ئۆسمۈر چاغلىرىمنى دائىم، ھەر ۋاقىت تەنلىرىم يايراپ تۇرۇپ سېغىنىمەن، ئەسلەيمەن،ھازىر  كونىراپ كەتكەنلىكتىن  ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان ئەسكى تاملىقلاردا قورقماي مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئوينالايدىغان بالىلار بولماسلىقى مۇمكىن، لىكىن ئۇ چاغلاردا بەكلا يۈرەكلىك ئىدۇقكى، ھەتتا، بىلەكتەك توملۇقتىكى دەرەخلەرگە چىقىۋىلىپ، ئۇنىڭغا پاقىدەك چاپلىشىۋىلىپ، لىڭشىتىپ ئوينىساق، قورققىنىدىن چىرايى تاترىپ كەتكەن چوڭلار، خۇدا ئۆزەڭ ساقلىغىن، دەپ ياقىلىرىنى چىشلىشەتتى. چوڭلارنىڭ ئورۇنسىز ئەنسىرەشلىرى بىز ئۈچۈن يەنە تاماشا بۇلاتتى،-دە، تېخىمۇ ھەددىمىزدىن ئېشىپ،ئېغىزلىرىمىزنى مايماق قىلىپ، ئۇلارنى دوراپ تىرىكتۈرۈپ،ئۆزىمىزنى قوغلاتقۇزاتتۇق.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى، بىر قېتىم مەن ئىككى ئاغىنەم بىلەن مەكتەپتىن يانغاچ بىر باغنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ ئالما ئوغۇرلاۋاتساق، باغنىڭ ئىگىسى بىلىپ قېلىپ بىزنى قوغلاپ كەتتى، بىز دوپپىمىزنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي پىتراڭشىپ قېچىشقا باشلىدۇق، شۇ چاغدا ئادەم ئېتى بار ھەرقانداق مەخلۇق بىزگە يېتىشەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ ئىدى، بىراق ئىت دېگەن تۆت پۇتلۇق جانۋار تۇلا قوغلاپ ھېچبىر ھالىمىزنى قويمىدى، ئاخىر ئۈچەيلەن كىيىملىرىمىز تىتىلغان ھالدا ئىتقا تەسلىم بولدۇق. قويدەك يوغان، قۇلاقلىرى دىڭ، شۇ ۋاقىتتا بىز تۆت كۆز دەپ ئاتىۋالىدىغان بۆرە ئىت، ئىگىسى كەلگۈچە بىزگە مىقتەك قادىلىپ تۇردى، بىز قورقۇپ ئىشتىمىزغا چىقىرىۋىتىشكە تاس قالغان بولساقمۇ رەھىمسىز باغۋەن ئۈچىمىزنى ئالدىمىزغا سېلىپ،مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى ھەم سىنىپ مۇدىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى،سىنىپ مۇدىرىمىز ئايال كىشى بولغاچقا، بىزنىڭ بىچارە ھالىتىمىزنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق، باغۋەننى چىرايلىق گەپلەر بىلەن يولغا سېلىۋىتىپ،بىزنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ، ئاۋۋال تەر، تۇپا بىلەن قاپقارا بولۇپ كەتكەن يۈز-قوللىرىمىزنى يۇيۇشىمىزغا ياردەملەشتى، ئاندىن ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن يىرتىلىپ كەتكەن كۆينەكلىرىمىزنى ياماپ بەردى، ئىت تاتىلىۋەتكەن يارىلىرىمىزغا  كىرسىندەك بۇرايدىغان بىر دورىنى سۈرتتى، ئەڭ ئاخىرىدا:

-      باللىرىم، سىلەر ھەرگىزمۇ ئوغرىلىق قىلمىدىڭلار، ئازراق شوخلۇق قىلىپ قۇيۇپسىلەر، شۇ، لېكىن شوخلۇق قىلىدىغان سورۇننى خاتا تاللاپسىلەر، بولدى سىلەرگە ئارتۇق گەپ قىلماي، بۇ قاملاشمىغان شوخلۇقىڭلارغا قارتا، يېتەرلىك جازاسىنى تارتىپ بولدۇڭلار، بۇنىىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىسىلەرغۇ،-ھە  ماڭا ۋەدە بېرىڭلار، ئۇماق باللىرىم!

-      بىز بېشىمىزنى لىڭشىتتۇق، سىنىپ مۇدىرىمىز بىر-بىرلەپ پىشانىمىزگە سۈيۈپ قويۇپ بىزنى ئۇزۇتۇپ قويدى.

سىنىپ مۇدىرىمىز بىزنى ئۇرغان، تىللىغان بولسا قانداق بولاتتىكىن،تاڭ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ بىزگە ئانىمىزدەك مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى، پىشانىمىزگە نۇقۇشنىڭ ئورنىدا ،ئىللىق نەپەسلىرى بىلەن سۆيۈشلىرى بىزنى تاياق يىگەندىنمۇ، ئاچچىق تىل ئاڭلىغاندىمۇ ئارتۇق خىجىل قىلىۋەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەدەبسىزلىككە ياتىدىغان بىر ئېغىز گەپ قىلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق.

قاچانلاردا رۇمان ئوقۇشقا كىرىشىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بەك كۆپ رومان ئوقۇغانلىقىم سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئۆزەمنى باشقا ساۋاقداشلىرىمغا قارىغاندا نەچچە ياش چوڭدەك ھېس قىلىدىغان، قىز ساۋاقداشلىرىمغا ئىلگىرىكىدەك غەرەزسىز قارىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ چاغلاردا سىنىپىمىزدىكى قىزلار رەڭ تۈزەشكە باشلىغان بولۇپ،  ئاللاقاچان ئوغوللارغا  سىرلىق قاراشنى ئۈگىنۋالغان، نۇرغۇن قىزلار بىر يەرگە توپلىشىۋىلىپ، ئوغوللارنى باھالايدىغان، سەل چىرايلىق قىزلارنى، سىنىپمىزدىكى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا چاپلاپ ئوينايدىغان قىلىقنى چىقىرىۋالغان ئىدى. سىنىپىمىزنىڭ ئۈگىنىش باشلىقى، مېھرىگۈل ئىسىملىك قاراقۇمچاق، ئوماققىنە بىر قىز بولۇپ، سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ئەلاچى قىزلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇقۇتقۇچى سورىغان سۇئاللارغا كىچىككىنە قوللىرىنى ئوينىتىپ، ئىنچىكە قاشلىرىنى ئېتىپ، بىر جاۋاپ بەرگىلى تۇرسا، ئۇنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھەتتا ئوقۇتقۇچىمۇ زوقلانغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالماي، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىپ كېتەتتى.مەردان ئىسىملىك سىنىپ باشلىقىمىز شوخ، ئويۇنچى بولغان بىلەن كۆپ قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە چىققىلى بولمايدىغان چوققا دەپ قارىلىدىغان ماتىماتكا، فىزىكا دېگەن پەنلەرگە ئالامەت ئۇستا ئىدى، بولمىسا ئۇمۇ بىزدەك دېھقان بالىسى ئىدى، ئۇ كىمدىن ئۇدۇم ئالغانكىن،تاڭ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ تەرلەپ-تەپچىرەپ تۇتۇپ ئاران ئىشلەيدىغان بەزى قىيىن مەسىلىەرنى ئوقۇتقۇچىدىن بۇرۇن يىشىپ بولاتتى. قىزلار ئۇنىڭ بوي-بەستى بىلەن شوخلىقىغا قىزىقسا، ئوغۇللار ئۇنىڭ ئاپتۇماتتەك ئىشلەيدىغان كاللىسىغا ھەۋەس قىلاتتۇق، ھەتتا سىنىپمىزدىكى بەزى ئوغۇللار مەرداندىن ئەقىللىقراق  بولۇپ چۈشەپ كېتىشەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە سىنىپىمىزدىكى بەزى قىزلارنىڭ مېھرىگۈلنى مەردانغا چاپلاپ چاقچاق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ قېلىپ، ئىچىم زەھەر يەۋالغاندەك ئېچىشىپ كەتتى...



داۋامى بار.

مەنبەسى : ئۆزەم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
754 سەر
تىللا
97 دانە
تۆھپە
528 سەر
شۆھرەت
578 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 19:02:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ئوقۇشقا بەكلام قىزىقىپ قالدىم .تىزرەك يوللىغايسىز .
كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئېچەر .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
553 سەر
تىللا
35 دانە
تۆھپە
327 سەر
شۆھرەت
363 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 20:15:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تېزراق يازسىڭىز بوپتىكەن !!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
279 سەر
تىللا
161 دانە
تۆھپە
177 سەر
شۆھرەت
222 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 16:34:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تىزراق يېزىڭ! مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم دېسە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 08:39, Processed in 0.099604 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش