- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-2
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2128
- نادىر
- 0
- تېما
- 107
- يازما
- 193
  
- يوقلىما
- 76
قىزغىنلىق- 720 سەر
تىللا- 166 دانە
تۆھپە- 329 سەر
شۆھرەت- 366 سەر
   
| ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى لى خەنجى خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تىپىك ئىش – پائالىيەتلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكى 23 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى (كۈيتۈن مەكتەپ رايونى)دا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹كۈرەش تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ›› دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. 24 ياشلىق ‹‹باقمىچىلىق ماھىرى›› جاڭ خەييەن ساۋەن ناھىيەسىنىڭ سەندىخوزا بازىرىدىن كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىغا قاتناشقان بولساممۇ، ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپالمىدىم، كېيىن دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، مەن باشقىلارغا ئىشلىگەندىن كۆرە ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، خوجايىن بولاي، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بوشاشماي تىرىشىپ، ‹‹يېڭى زېمىن›› باقمىچىلىق فېرمىسىنى قۇردۇم، ئىشلىرىم كۈنسېرى روناق تاپتى. جاڭ خەييەن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتىدىن خۇلاسە چىقىرىپ: ‹‹بەل قويۇۋەتمەي كۈرەش قىلىدىكەنمىز، مەيلى قەيەرگە بارايلى، ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە چىقىدۇ، تەقدىر ئۆز قولىمىزدا›› دېدى. ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى (كۈيتۈن مەكتەپ رايونى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى نازىيخان: ‹‹دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن <ھەر كەسىپتىن ماھىرلار يېتىشىپ چىقىدۇ> دېگەن سۆزگە تېخىمۇ ئىشەندىم، بۇنىڭ بىلەن يۇرتۇمغا، ئاساسىي قاتلامغا قايتىپ ئىشلەش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى، دوكلات بەرگەنلەر ئېيتقاندەك، كۈرەش قىلساقلا جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يۇرت – ماكانىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز›› دېدى. ئىلى كەسىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لىن جې دوكلات بېرىش ئۆمىكى بۇ مەكتەپكە كېلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ‹‹ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلاۋاتىمەن، لېكىن ئۆگەنگەن كەسپىم ماس كەلمىسە قانداق قىلارمەن؟›› دەپ سورىدى. دوكلاتنى ئاڭلىغان خېلى كۆپ ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا ئوخشاش سوئالنى سورىغانىدى. ‹‹بۇ ساۋاقداشنىڭ سوئالى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەن، كۆپچىلىككە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپتە سىلەر كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە سىستېمىلىق، ئەتراپلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرىسىلەر، ئۆگەنگىنىڭلارنى ھەممە ساھەدە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ›› دېدى دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى باغدانگۈلزات. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېدى: ‹‹مەن ئالىي مەكتەپتە كومپيۇتېر كەسپىنى ئۆگەنگەنىدىم، مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ ئاشخانا ئاچتىم، گەرچە ئۆگەنگەن كەسپىم بۇنىڭغا چۈشمىسىمۇ، لېكىن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم››. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ 24 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تىپىك ئىش – پائالىيەتلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ‹‹كۈرەش تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ›› دېگەن تېمىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئوقۇغۇچىلار ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەش قىلىش روھىدىن تەسىرلەندى. - شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئۇچۇر قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ 4 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ما دۇڭشۈ ئىگىلىك تىكلەش غايىسى توغرىسىدا توختىلىپ: مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، تور شىركىتى قۇرغۇم بار،- دېدى. ‹‹ساۋاقداشلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش داۋامىدا ئىگىلىك تىكلەش غايىسى تۇرغۇزۇشى بەكمۇ قىممەتلىك!›› دېدى دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ما دۇڭشۈنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ. |
|