پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 529|ئىنكاس: 3

قورقۇنچلۇق كىچىك ھېكايىلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
23
قىزغىنلىق
252 سەر
تىللا
138 دانە
تۆھپە
174 سەر
شۆھرەت
187 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 16:16:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قورقۇنچلۇق كىچىك ھېكايىلەر


315360_1.jpg



1. ھېكايە:

بىر قىز ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشىدا ئۆيىگە كەچ قاپتۇ . ئۇ ئۆيىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بۇ كوچىدىن ئالدىراش چىقىپ كىلىۋاتقان بىرى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپتۇ ، ئۇ ئادەم بۇ قىزغاخېلى قاتتىق سۇقۇلغان بولسىمۇ ئەپۇ سورىمايلا كىتىپ قاپتۇ .
ئەتىسى بۇ جايغا  ساقچى ماشىنىسى يېغىپ كېتىپتۇ ، ئەسلىدە بۇ رايۇندا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن ، قاتىل بەكمۇ ۋەھشى بۇلۇپ ھەتتا كىچىك بالىنىمۇ ئامان قويمىغان ئىكەن .
  ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بىر كۈنى كەچتە قىز ئۆيىدە يالغۇر تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرسا ئىشىك چىكىلىپتۇ ، قىز ئىشىك قېشىغا بېرىپ مۈشۈك كۆزدىن قارىسا بىر ساقچى ئىكەن ، قىز ئىشىكنى ئېچىپتۇ ، ساقچى ئۇنىڭدىن قاتىللىق يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە بىرەر گۇمانلىق ئادەمنى ئۇچىراتقان –ئۇچىراتمىغانلىغىى سوراپتۇ ، قىز ھېلىقى كەچتىكى ئادەمنى ئىسىگە ئاپتۇ ، لىكىن ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى ۋە كىيىم كېچىكى ھەققىدە بىرەر نەرسىنى ئەسلىيەلمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھۋالنى ساقچىغا
ئېيتىپ يۈرمەپتۇ ۋە ‹‹ ھىچنىمىنى كۆرمىدۈم ›› دەپ ساقچىنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپتۇ .
   يەنە ئارىدىن 3كۈن ئۆتكەندە قىز تېلىۋۇزۇردىن ۋەھشى قاتىلنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپتۇ ، تېلىۋۇزۇردىكى ساقچىلار يالاپ ماڭغان قاتىلنىڭ چىرايىغا قاراپلا  ئۇنىڭ پۇت – قۇلىدا جان قالماپتۇ ،چۈنكى قاتىل دەل 3كۈن بۇرۇن ساقچى قىياپىتىدە ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ كىرگەن كىشى ئىكەن .

2.ھېكايە:

كەچلىك ئېسمىنىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان بىر سېستىرا قىز ئادەم ئاز ماڭىدىغان كوچىدا بىر بۇلاڭچىنىڭ بىرسىنى بۇلاپ پىچاق تىقىۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ قاپتۇ ، ئۇ قورقۇنچىلىغىدا كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قېچىپتۇ ، لىكىن بۇلاڭچى قىزنىڭ قاچقان چاغدىكى ئاياق تىۋىشىدىن قىزنى سىزىپ قېلىپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپتۇ ، قىز ئادىمىزات يوق بۇ كوچىدا قېچىپ كېتىۋېتىپ بىر ئاممىۋى ھاجەتخانىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىپ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئۇرنغا يۇشۇرنىۋاپتۇ .
   ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھاجەتخانىغا يەنە بىرەيلەننىڭمۇ كىرگەن ئاياق تېۋىشى ئاڭلىنىپتۇ ، قىز ئەڭ ئاخرىقى بىر ئۇرۇندا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىچە كىچىك ئىشىكلەرنىڭ ئاستا ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى مۈكۈۋالغان ئۇرۇننىڭ يېنىدىكى ينىدىكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇددى ھوشسىزلىنىپ قالغاندەكلا جايىدىلا ئولتۇرۇپ قاپتۇ .
  ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۈتۈپتۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇ ئۇ مۈكىۋالغان ئورۇننىڭ ئىشىكى ئېچىلماپتۇ ، ئۇ شۇ ئورۇندا  خۇددى تىنىغىمۇ يوقتەك ئولتۇرۇپ 3 سائەتنى ئۆتكۈزۈپتۇ ، بۇ چاغدا ئەتىراپتا ھىچقانداق تىۋىش بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا ئازىراق جان كىرىپتۇ ، ئۇ ئاستا يېنىدىن يان تېلىفۇننى چىقىرىپ ئۇنىڭدىكى ۋاقىتقا قاراپتۇ ، كېچە سائەت 3:30 بولغان ئىكەن ، ئۇ بۇ جايدىن چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپتۇ ، ئۇ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇت – قوللىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ، ئۇئورنىدىن تۇرۇپتۇ –يۇ شۇ زامانلا ئۈزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپتۇ ، چۈنكى بۇلاڭچى قاتىل ئۇ مۈكۈۋالغان ئورۇننىڭ پاكار تېمىدا ئولتۇرۇپ ئىزچىل ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ئىكەن.

3.ھېكايە:

ئالىي مەكتەپنىڭ بىرقىز ئوقۇغۇچىسى ئوپچە ياتاققا كۈنەلمىگەچكە چەتىرەك بىر ئاھالىلىك رايۇنىدىن ئايرىم ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى يۇرتىدىن نەۋىرە سىڭلىسى يوقلاپ كەپتۇ ، ئۇ قىز بۇ مەركىزى شەھەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەچكە ئاچىسى دەم ئالغان بىركۈنى بۇ نەۋىرە سىڭلىسىنى بىللە ئاچىقىپ كەچكىچە بازا ئايلاندۇرۇپتۇ ، شۇنداق خوشال ئويناپتۇ ، ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىر كۈننى كەچ قىلىپ يەيدىغان ئۇششاق – چۈششەكلەر ۋە مىۋە سۇلىرى دىگەندەكلەرنى ئېلىپ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئۆيگە قايتىپتۇ ، ئۇلار ياتاققا كېلىپىلا ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى جوزا ئۈستىگە قۇيۇپ ئۆزلىرىنى كارۋاتقا تاشلاپتۇ ، قىزلار ئەتىگەندىن كەچكىچە ماڭغاچقىمۇ بەكلا ھېرىپ كەتكەن ئىكەن ، قىزلارغا كەچلىك تاماق يىيىشمۇ خوشياقماپتۇ ، سىڭلىسىنىڭ كۈندە كەچتە يۈزىنى يۇيۇپ ياتىدىغان ئادىتى بار ئىكەن ، ئۇ كارۋات ئاستىدىكى ئاچىسىنىڭ كىپىشىنى كىيىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ ، ئاچىسىنىڭ ئەمدىلا كۈزى ئۇيقۇغا ئىلىنىشىغا سىڭلىسى ئۇنى ئويغىتىپتۇ ،
-    -ئاچا ، تۇرغىنە ، شاتۇت سۇيى ئەكىرىپ ئىچەيلى ،
-    -ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزمىغىنە ، ئىچكىڭ بولسا ئاۋۇ خالتىدا چىلان سۈيى بار ،شۇنى ئىچكىن ،
-    -ياق ، ياق ، چىلان سۈيى ئىچكىم يوق، تۇرغىنە ، دوقمۇشتا بايا كۆرگەن ئىدىم ، لىكىن ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بىردەمدىلا كىرىپ بۇلىمىز ،
ئاچىسىنىڭ خېلى چوڭ بۇلۇپ قالغان بۇ نەۋىرە سىڭلىسىنىڭ كىچىك بالىدەك قىلىۋاتقان ئىشىغا ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ لىكىن مىھمان بولغاچقا گېپىنى يىرالماي ئامالسز ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ، ئۇلار ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىشىغىلا سىڭلىسى جىددىلىشىپ ئاچىسىغا دەپتۇ ،
-    -ئاچا ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغىن ،
-    -نىمىنى ؟
-بايا سىنىڭ ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان ئايىغىڭنى ئىزدەپ كارۋات ئاستىدا قۇلىدا پىچاق تۇتۇپ مۈكۈپ ياتقان بىرىنى كۈرۈپ قالدىم ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇلاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 16:45  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1168 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
841 سەر
شۆھرەت
844 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:11:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن قورقۇنۇچلۇق ھىكايىلەر بۇ ئادەمنى خاتىرجەم كارۋاتنىڭ ئاستىغۇ قارلىغىلى قويمىدىڭلىغۇ ئەمىدى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
274 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
268 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:48:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىلەرنىڭ قۇرقۇنۇچلىقىدىن ،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇردەك قىلىدۇ .ماقما
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
166 سەر
تىللا
24 دانە
تۆھپە
105 سەر
شۆھرەت
103 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 02:37:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىبىرەتلىك ھىكايىلەر ئىكەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 16:28, Processed in 0.113014 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش