پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 4

«ئانىلار بايرىمى » ھەققىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
63
قىزغىنلىق
513 سەر
تىللا
34 دانە
تۆھپە
309 سەر
شۆھرەت
340 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 14:58:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئانىلار بايرىمى » ھەققىدە


قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر ئانىسىنى ھۆرمەتلەشنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجىر -تۆھبىسىگە رەھمەت ئېيتىشنى ئېسىل ئەخلاق،ئادەم بولۇشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ كەلدى.بۇ خىل ئەنئەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولۇپ دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل ۋە ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرى ئارىسىدا ئانىلارنىڭ مىننەتسىز ئەجرىنى قەدىرلەش يۈزىسىدىن خىلمۇ -خىل ئادەت -يوسۇنلار ،بايراملار ۋە خاتىرلەش پائاليەتلىرى بارلىققا كەلدى. جۈملىدىن مىللىتىمىز ئارسىدىمۇ ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ،ئۇلارنىڭ ئانىلىق ئەجرىگە  رەھمەت ئېيتىش ئادىمىيلىكنىڭ زۆرۆر ئۆلچىمىدۇر .

«ئانىلار بايرىمى »ئامىرىكىدا بارلىققا كەلگەن.1906-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامىرىكىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ئاننا جاۋېس ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئانىسى بەخىتكە قارشى ۋاپات بولغان .قىز ئۇنىڭغا بەكمۇ قايغۇرغان  ۋە كېلەركى يىلى ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى ئانىسىنى سېغىنىش پائاليىتى ئۇيۇشتۇرغان ،شۇنداقلا بارغانلا يېرىدە ئانىلار بايرىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۆرلىگىنى تەشەببۇس قىلغان ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى نۇرغۇنلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن .بۇنىڭ بىلەن 1913-يىلى5-ئاينىڭ 10- كۈنىگە كەلگەندە ئامىرىكا پارلامېنتى ئامىرىكا زوڭتوڭىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەھشەنبە كۈنىنى «ئانىلار بايرىمى »كۈنى قىلىپ بېكىتكەن .1934-يىلى5-ئايغا كەلگەندە ئامىرىكا ئەڭ دەسلەپ «ئانىلار بايرىمى »خاتىرلەنگەن پوشتا ماركىسى تارقاتقان .بۇ بايرام دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە تېز ئۇموملاشقان .

مەملىكىتىمىزدە «ئانىلار بايرىمى »ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزنىڭ شياڭگاڭ ،تەيۋەن، ئاۋمىن  رايونلىرىغا ،ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئۇموملاشقان .بۇنىڭ بىلەن بۇ جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى «ئانىلار بايرىمى » كۈنىدە «ياخشى ئانا»نى سايلاشنى بۇ بايرامنىڭ موھىم مەزمونلىرىنىڭ بىرى قىلغان .ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە جۇملىدىن خەلقىمىز ئارسىدا    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى 5- ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنىنى «ئانىلار بايرىمى »سۈپىتىدە نىشانلاش ئادەتكە ئايلانماقتا.يۇقۇرقىلاردىن شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلىمىزكى ، «ئانىلار بايرىمى » دېمەك - ئانىلارنىڭ  پەرزەنتلىرىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ ،تەربىيلەش جەريانىدىكى جەبىر -جاپاسىغا رەھمەت ئېيتىش ،ھەم ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر سۆيۈنۈش  ھىسياتىنى ئىپادىلەش دىمەكتۇر.مەلۇمكى ، «ئانىلار بايرىمى »نىڭ پەيدا بولۇپ پۈتۈن دۇنياغا شۇنچە تېز ئۇموملىشىشنىڭ سەۋەبىمۇ ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ،چىن ھىسياتى ،ۋە ئانىلىق مېھرىنىڭ ھەرقانداق نەرسىدىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىدىندۇر. «ئانىلار بايرىمى » نى قۇتلۇقلاش ۋە ئانىلارنى ئۇلۇغلاشنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى  ،بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرگىلى ،ئۇلاردا خىزمەت، تۇرمۇش، ئۈگىنىش جەھەتلەردە تېىىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزغىلى بولىدۇ .بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئىجتىمائى ئورنىنى كەمسىتىدىغان ئۇلارنىڭ ياشاش قىممىتى ۋە جەمىيەتكە بولغان ئەجىر -تۆھبىسىگە سەل قارايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن تەربىيەۋى ئۈنۈمى زور بولىدۇ، جەمىيەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىغا  ئاساسلانغاندا ئاياللار ئائىلىنىڭ پۇتكۇل قۇرۇلمىسىدا يادرولۇق رول ئويناپلا قالماي ،پۇتكۇل جەمىيەت تەرەقىياتىدىمۇ غايەت زور رول ئوينايدىكەن تەرەقى تاپقان ئەللەردە پەرزەنتلەرگە بولغان ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى تەربىيە باشقا تەربىيەلەردىن موھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن .ھەتتا ئۇلار  ئانا تەربىيىسىنى ھەر قانداق تەربىيىنىڭ ئانىسى ھىساپلايدىكەن .مائارىپشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ،ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەربىيىسى يەنى بالىنىڭ ھامىلە چېغىدىن تاكى مەكتەپ يېشىغىچە بولغان مەزگىلدىكى تەربىيە ئىنساننىڭ ئادەم بولۇشىدىكى ئەڭ زۆرۆر تەربىيە ھىساپلىنىدىكەن .
    بىز بۇنىڭدىن  انىلارنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجىر -تۆھبىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ،ئۇلارنىڭ بىزنىڭ پۇتكۇل ھۇجۇدىمىزغا سىڭدۈرگەن ئانىلىق مېھرىنى قەدىرلىشىمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۆرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز ، بىز ئۆز ئانىمىزنىڭ خۇشاللىقىدىمۇ ،قايغۇسىدىمۇ بىللە بولىشىمىز،ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىشىمىز لازىم.سەمىمىزدە بولسۇنكى ئانىنىڭ شاتلىقى ئائىلىنىڭ شاتلىقىدۇر ،مەلۇم مەنىدە مىللەتنىڭ ھەتتا جەمىيىئەتنىڭ شاتلىقىدۇر.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
818 سەر
تىللا
595 دانە
تۆھپە
614 سەر
شۆھرەت
710 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 15:11:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇ تېمىنى يوللىمىغان بولسىڭىز بۇ بايرامنى ئۇنتۇپ قالغۇدەكمىكەن. بۇ قېتىملىق ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزغا سوغات ئېلىپ بىرەلمىسەكمۇ ئۇلارنى خۇشال قىلايلى... ئۇلار بىزنىڭ سوغاتلىرىمىغا مۇھتاج ئەمەس، بىزنىڭ ئازىراق مىھرىبالىقىمىز ئۇلارغا تاغدەك بىلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مائارىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 15:11  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
513 سەر
تىللا
34 دانە
تۆھپە
309 سەر
شۆھرەت
340 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 15:25:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامنى كۆزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە تەشەككۇر. بۇلسا  سىز ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز، ھەممە ئانىلارنىڭ كۆڭلى ئوخشاشلا بالىلىرىنىڭ ئازغىنە كۆڭلىگە ،چىرايلىق گەپلىرىگە ، ئىللىق تەبەسسۇملىرىگە بەكمۇ مۇھتاج .ئۇلار پەرزەنتىنىڭ خۇشاللىقىنى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز دەپ ئويلايدۇ .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1168 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
841 سەر
شۆھرەت
844 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:05:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپ قۇيىپسىز مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قالدىكەنمەن بۇرۇنراق تەييارلىق قىلسام بولغىدەك

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6014 سەر
تىللا
4153 دانە
تۆھپە
4122 سەر
شۆھرەت
4583 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 08:45:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز مەنمۇ ئەمدى بىلىۋالدىم !كۆپ رەھمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 14:17, Processed in 0.104364 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش