- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-2
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2128
- نادىر
- 0
- تېما
- 107
- يازما
- 193
  
- يوقلىما
- 76
قىزغىنلىق- 720 سەر
تىللا- 166 دانە
تۆھپە- 329 سەر
شۆھرەت- 366 سەر
   
| يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزگە يەنە بىر يېڭى مەدەنىيەت قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ چىلىم مەدەنىيتى . بۇ ئىلغار مەدەنىيەت قەيەردىن كەلدى ؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى دۇبەيدىن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇبەي دېگەن يەردە باي ، ھاجى خېنىملار چىرايلىق گىرىم قىلىشىپ ، كېچىدە دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ چىلىم چىكىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ كېلەرمىش . ئەمىلىيەتتە بۇ چىلىم قانداقتۇر ئەپىيۇن ، نېشە ياكى زەھەرلىك چىكىملىك بولماستىن ، ھەرخىل خۇشپۇراق دورا ماتىرىياللىرى ( قىزىل گۈل بەرگى ، ئالما ، ئۈرۈك قاقلىرى دىگەندەك ) ئىكەن ، بۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئۆپكىنى ياشارتىپ ، ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە نەپ قىلىدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئاياللارغا بەك پايدىسى بار ئىكەن . بۇ خىل ئىسلاپ داۋالاش شەكلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدىكى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى رېتىسىپلىرىدىمۇ بار . ئېسىمدە قېلىشچە ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرىدىغان يەرلىك تېۋىبلار دورىلىرىنى تاماكىغا ئوراپ بىمارلارغا چەكتۈرۈپ ياكى بىۋاستە نەپەس يوللىرىغا پۈۋلەش شەكلى بىلەن ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىرىنى داۋالاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم . مانا بۇ سىرىتتىن كىرگەن ئىلغارلىق بىلەن ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەنئەنىۋىيلىك بىرلەشكەن چىلىم مەدەنىيتى . بۇ مەدەنىيەت دىيارىمىزغا كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن نېشە -بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىك بەكرەك ئەۋج ئالغان رايۇنلاردا باشلاندى ، ئايرىمخانىلاردا ياكى بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردىكى شەخىسلەرنىڭ ياسىداق ئارامبەخىش ئۆيلىرىدە، ئالدى بىلەن خانىم _ قىزلىرىمىز ئوغۇرلۇقچە بېرىپ چېكىدىغان، ئاندىن ئەر-خۇتۇن بىللە بېرىپ چېكىدىغان بولدى . كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدىن قارىغاندا ھەممە ئائىلىدە چىلىم بار بۇلۇپ ،ئاتا- ئانا ، پەرزەنىتلەر بىللە ئولتۇرۇپ چېكىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ ؟!بەزى تاماكا ،نېشە -بەڭ چېكىدىغان (ھەتتا بەش ناماز ئۆتەيدىغانلارمۇ بار ) قېرىنداشلىرىمىزغا چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلساق ، دائىم ئاڭلايدىغان بىر جۈملە دانا سۆزى بار ، ئۇ بولسىمۇ قورئاندا ئىچىملىك(ئېچىتىلغان ) مەنئىي قىلىنغان ، چېكىملىك تىلغا ئېلىنمىغان ،دەيدۇ . بۇ چىلىم مەدەنىيتىنىڭ دۇبەيدە باشقىدىن رۇناق تېپىشى ، دۇبەيگە بېرىپ -كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەر ، ئۇقۇمۇشلۇق ھاجىم ئەپەندى – خانىملىرىمىز تەرىپىدىن دىيارىمىزغا تارىتىلىشى بىزنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ .ئەسلىدىنلا نېشە – بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقان خەلىقىمىزگە ئەمدى چىلىم مەدەنىيتى قېتىلدى ، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار نىڭ كۆپچىلىكى دۇبەيگە بارغان ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار دىيارىمىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار (كۆپچىلىكى خانىم -قىزلار )، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پائالىيەت دەل نىشە -بەڭ ، زەھەرلىك چىكىملىك بەكرەك يامراپ كەتكەن رايۇنلاردا ئەدەب كېتىۋاتىدۇ ‹‹ تەنگە شىپا بۇلىدىغان خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئىكەن ، دۇبەيدىكى ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار چېكىدىكەنغۇ ، يامان ئىش قىلمىساق -يا ! ›› مانا بۇ يېڭى چىلىمكەش «بەڭگە » لەرنىڭ پەتىۋاسى . نىمە دىگەن ھاماقەتلىك -بۇ! زەھەرلىك چېكىملىك قاتتىق چەكلىنىپمۇ تۇسۇلۇپ بۇلالمايۋاتقان بۇ دىيارىمىزدا ئاشۇ ھارامخور، ئەتكەسچى مەلئۇنلار سىزنىڭ ئاشۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللىرىڭىزغا چاڭ سالماي قالارمۇ ؟!ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان نورۇز بايرىمىنى ، ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىمىزنى ، ئۆزىمىزگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئسلام دىنىمىزغا يات دەپ قارىغان ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› توردا بولساڭلار ، قېنى بۇ دۇبەيدىن كەلتۈرۈلگەن چىلىم مەدەنىيتى ئالدىدا مەڭدەرەپ قالغان ئەپەندى ، خانىم -قىزلىرىمىزغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟! چىلىم مەدەنىيتىنىڭ پايدا – زېيىنى توغرىسىدا بىلىپ – بىلمەي سۆزلەپ قالغان بولسام ، قېنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىم قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى بەرگەن بولساڭلار . يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان بۇ چىلىمكەشلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزگە ، ئىجتىمائىي ئەخلاق تۇپراقلىرىمىزغا زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ؟!
|
|