- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2938
- نادىر
- 3
- تېما
- 176
- يازما
- 273
 
- يوقلىما
- 71
قىزغىنلىق- 980 سەر
تىللا- 261 دانە
تۆھپە- 429 سەر
شۆھرەت- 527 سەر
   
| كۈندىلىك خاتىرەمدە بىر كۈن
مەن بۈگۈن تاڭ سەھەردە كورلا شەھىرى چەرچەن ناھيىسىگە قەدەم قويدۇم. ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە ناشتىلىق قىلغاندىن كىيىن، ئۇزۇندىن بىرى بىر كۆرۇشنى ئارزۇلىغان تاھىر-زۆھرە مەقبەرىسبى يوقلاشقا ئالدىردىم. ئەمما تەبىئەت بىز ئىنسانلارنىڭ قىلمىشىغا چىداپ بولالمىغاندەك،بوران لەشكەرلىرنى بولشىغا قويۋەتكەن ئىدى. -بۈگۈن بوران توختايدىغاندەك ئەمەس، ئەتە چىقامدۇق؟ ئەركىن ئەپەندى.-دىدى ساۋاقدىشىم، مىنىڭ تەخەللۇسىمنى بىۋاستە ئاتاپ -سىز ماشىنا ھەيدەپ ھاردىڭىز، بىردەم ئۇخلاپ،ئارام ئىلۋىلىڭ. چۇشكىچە توختاپمۇ قالار، -دىدىم مەنمۇ. «ئۇيقۇ-يىرىم ئولۇم دىيشىدۇ كونلار» شۇنداقتىمۇ ئۇخلىماي بولمايدۇ. چۇشكە يىقىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ سىرىتقا چىقسام، بوران پەسيىپ، توختايلا دىگەن ئىدى.بىز توت ساۋاقداش ماشىنا بىلەن بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ قەۋرىسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. تومۇر قوۋۇق دەپ ئاتالغان بۇ تاغ ئىچىگە كىرگەندە، مىنى ھەيران قالدۇرغىنى بىر قانچە خەنزۇ قىز-ئوغۇل ئوقوغۇچلار پىيادە، چاقچاقلىشىپ، يۇگۇرگەندەك تاغ تەرەپكە پىيادە كىتبارماقتا ئىدى. -بۇلارمۇ تاھىر-زۆھرە قەۋرىسنى كۆرۇشكە ماڭغانلار. ئۇيەر ھازىر بىر ساياھەت ئورنى،- تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى، ساھىپغان بىزگە بىر تەرەپتىن،رول باشقۇرغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇجاينى تونۇشتۇرۇپ. -ئۇيەرگە خەنزۇلارمۇ چىقامدۇ؟-سوردۇم قىزىقىپ،-ئەلۋەتتە. ئۇلار چىقىپ تاغنىڭ گۇزەللىكىدىن بەھرىمان بولۇپ، بۇ بىر جۇپلەردىن ئۆزنىڭ تىلەكلىرنى تىلەيدۇ.... بىز تومۇر رىشاتكىلىق دەرۋازا ئالدىدا توختاپ، رەسمىيەت بىجىرگەندىن كىيىن، بىردەمدىلا بىر تاغ باغرىغا يىتىپ كەلدۇق. ھەيران قالغان يەنە بىر ئىش ، بۇ ئورۇننى خەنزۇ يولداشلار مۇھاپىزەت قىلىپ، تاغلارغا ئورمان تىكىپ، سۇغۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. -مانا مۇشۇ پەلەمپەي بىلەن يۇقۇرغا چىقساق، ئۇلارنىڭ قەۋرىسنى كۆرەلەيمىز. قىنى يېگىتلەر كىم بۇرۇن چىقىدۇكى! مەن يۇقۇرغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم. تاغ باغرىدىن يۇقۇرغا كىچىك-كىچىك سىمىنۇت پەللەمپەي ياشالغان بولۇپ،ئىككى يەن بوكسۇر سىمى بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلغان ئىدى.مەن چارچىغاننى ھېس قىلماي بىردەمدىلا تاغنىڭ چوقسىغا يىقىنلاپ قالدىم. چىقىپ كىتۋىتىپ، پەللەمپەي ئۇستىگە يېزىلغان ، ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى مەيلىمنى تارتىپ قالدى. «پاتىمە بىلەن پۇلاتنى مەڭگۈ بىر جۇپ قىلغاي» دېگەندەك، خەتلەر ئالبۇلماچ قىلنىپ، جىجاپ يىزىلغان، دەسسەشكە بەكمۇ ئىختىيات قىلىنمىسا، بىزنىڭ بۇ قۇرئان ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن خەتلىرمىز بىزنىڭمۇ ئاياغ ئاستى قىلشىمىزغا ئاران تۇراتتى. تاغ چوقسىغا بۇرۇنقى ئۇيغۇر قۇرلۇش ئۇسلۇبىدا، چىرايلىق قىلىپ بېزەلگەن شىپاڭ ئاستىدا بىر جۈپ قەۋرە نۇرلىنىپ تۇراتتى. مەن كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە قەۋرە يىنىدا ئولتۇرۇپ خەتمە قۇران قىلغاندا ئۇلار ماڭغا كۇلۇمسىرەپ قارىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. قارىسام، بىر قانچە خەنزۇ ياشلار مىنى رەسىمگە تارتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. -كەچۇرۇڭلار! قەۋرە بىشىدارەسىمگە تارتىش بىزنىڭ ئەنئەنمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس، بۇنداق قىلىق قىلمىشاڭلار؟- خەنزۇ تىلدا ئاران بۇ سۆزلەرنى ئىپادىلەپ بىرەلىدىم. ئۇلار كەچۇرۇم سۆراپ، مەندىن بىر نەرسىلەرنى سورماقچى بولاتتى،ساۋاقداشلىرىم يىنىمغا پەيدا بولدى. ئۇلار ئايلىنىپ يۇرگەندە، مەن خەتمە قۇران قىلىشنى ئىيتتىم. -بىز تۇزۇك سۈر بىلمەيمىز، سىلى بولغاندىن كىيىن، غاچچىدە خەتمە قۇران قىلىپ بەرمەملا؟ مەن خەتمە قۇرئاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىچىمنى ئاچچىق بىر تۇيغۇ قاپلاپ ئالدى. «ھازىر چوڭ بولۋاتقانلار ماركىسزىم، لېنىنىزىم،دېڭ شاۋپىڭ ئىددىيسىدە يېتىلىپ، ئۆزنىڭ نىمە ئادەملىكىنى ئۇنۇتقانمۇ قانداق؟ بۇ كىمنىڭ سەۋەنلىكى؟ ھازىر ئولۇم-يېتىملەردە مەخسۇس قارى-قۇران قېرلارنى پۇلغا تەكلىپ قىلىپ، مەخسۇس خەتمە قۇرئان قىلدۇردىغان ئىش ئەۋجى ئىلىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلار قاچانغىچە داۋام قىلار؟ ئاشۇ ياشانغان ئولمالار ئولۇپ تۇگسە، بىز چەتئەللەردىن سوپى-ئىشان تەكلىپ قىلارمىزمۇ ياكى ئىسلاھ قىلنىپ ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرنى خەنزۇ تىلدا ئوقۇپ يۇرەرمىزمۇ؟!....» -شۇڭقار ئاكا قاراڭ، ماۋۇ يەرلەردە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەتلەر بىلەن كېشى ئېسملىرى باركەن! قاردىم. راسلا قەۋرىنىڭ ھەممە تەرىپى خەت بىلەن تولۇپ كەتكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ بويى يەتمەيدىغان جايلارمۇ شۇنداق. ئۇلار قەۋرە بىشىغا دەسسەپ يازغانمىدۇ-ھە! بۇرۇنلاردىن چوڭلار بىزگە قەۋرىگە خەت يازما يامان بولىدۇ، قەۋرىگە دەسسىمەڭلار يامان بولىدۇ...دىگەندەك يامان بولدىلار بىلەن بۇنداق ئىشلارنى توسساتتى، ئالاھال بۈگۈنگە كەلگەندە بىز بۇنداق يامان بولدىلارنى ئۇنۇتۇپ، بىراقلا خۇراپاتلىققا يۆلەپ، ھەممىنى ئۆزمىز بىلگەن سەنەمدە چۇشەندۇر دىغان بولدۇق. مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ خۇشال چۇشۇپ كىتۋاتقان ھالىتىگە قاراپ خېياللارغا بەنىت بولدۇم:«بىر كۈنى ئاتا-ئانلار يىغىنى ئىچىپ، ئائىلە باشلىقلىردىن پىكىر-تەلەپ ئالغاندا بىر ئاتا ئورۇندىن تۇرۇپ:‹مۇئەللىم، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلمىز قۇرئان يېزىقىغا يىقىن. مەن بايا ھاجەتخانغا كىرىپ بەكمۇ ئازاپلاندىم. نىمىشقا دىسلە، ھاجەتخانا ئىچىدە ساپلا ئۇيۇرچە گېزىت، تاملاردىمۇ سەت خەتلەر، ھەممەيلەن بىلمىز قۇرئاننى ئۇلۇغلايمىز سىللەر مۇئەللىملەر گېزىتتا يەنە كىلىپ ئۇيغۇرچە گېزىتتە سۇركەپ چىققىچە، چالما ئىشلەتساڭلار بولمامدۇ؟ ئوقۇغۇچلارغا سىزلەر مۇشۇنداق ئولگە بولۇپ بەرسەڭلار بولماس، سىزلار ئۆز يېزىقىڭلارنى مۇشۇنداق قەدىرلەمسىزلەر؟ !خۇدادىن قورقىمامسىزلەر؟! باللارغا ھازىر بولسىمۇ يېزىقنى قەدىرلەش تەربىيسى بەرسەڭلار، سىللەرمۇ دىققەت قىلسىڭىزلار!....» مانا خەلقىمىزنىڭ نالىسى ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ يۇرۇش ماڭغا ئادەت بولغان. بۈگۈن يۇقارىقىدەك ئىشلارنى كورۇپ تېخىمۇ تەئەججۇپلەندىم. ئۇيقۇم قاچقان. ئۈچ كۈندىن كىيىن ئىلىندىغان ئېمتىھان بوغۇپ تۇرسىمۇ، مىللىتمىزنىڭ بىشىغا كىلۋاتقان ئۆزلىكىنى يوقتۇش ، مەدەنىيەتتىكى بۇزلۇشلارنى قانداق ھەل قىلىش.... مىنى تېخىمۇ ئازاپ دېڭىزغا سورىمەكتە ئىدى. مەنبە: قەلمىم.
زەپەر
|
|